ئەسكى شەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا « زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى

ئەسكى شەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا « زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى

 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-يانۋار

تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان « لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار» سۇپىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى، ئەركىن پائالىيەتچى، ئاكتىۋىست مەدىنە نازىمى خانىم 1- ئاينىڭ 6-كۈنى ئەسكى شەھەر ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا « زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدا نەق مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيەگە مەزكۇر فاكۇلتېت مۇدىرى، ئوقۇتۇش بۆلۈمى ۋە ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 100دىن كۆپ كىشى قاتناشتى.

 

مەدىنە خانىم لېكسىيەدە ئۆز ھېكايىسى ۋە سىڭلىسى مەۋلۈدە نازىمىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قېيناشلارنى، 21- ئەسىردە، تېخنىكا دەۋرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەرنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. ئاخىردا لېكسىيە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتى. ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەر تاپقان ياشلارنىڭ سوئاللىرىنىڭ كۆپىنچىسى: «بىز قايسى شەكىلدە بۇ داۋاغا ياردەملىشەلەيمىز؟ شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز لازىم ؟» دېگەندەك سوئاللار بولۇپ، ھەممەيلەن بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كىيىن ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئوسمان گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لېكسىيەدىن كىيىن مەدىنە نازىمى خانىم ئەسكى شەھەر ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىدە ئاياللار بىلەن ئوچۇق سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان سۆھبەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلدى. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۇرغان ئەر-مىكرو ھېكايە

پە يانۋار 6 , 2022
تۇرغان ئەر-مىكرو ھېكايە

You May Like