ئەرشىدىن ۋە زۇلپىقارنىڭ ئەنقەرە سەپىرىدىن ئويلىغانلىرىم

مەلۇم بولغىنىدەك دېكابىرنىڭ بېشىدىلا ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرى ۋە قىسمەن ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتى شەرقى تۈركىستانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز زۇلۇمنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يولغا چىققان ئەرشىدىن ئەركىن ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتىگە مەركەزلەشتى.

ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى

تەييارلىغۇچى:  ئىقبال

كوررىكتور: مەنزىل

2018-12-11

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

مەلۇم بولغىنىدەك دېكابىرنىڭ بېشىدىلا ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرى  ۋە قىسمەن ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتى شەرقى تۈركىستانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز زۇلۇمنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يولغا چىققان ئەرشىدىن ئەركىن ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتىگە مەركەزلەشتى.

ئەرشىدىن ئەركىن ۋە زۇلپىقار ھاۋانىڭ سوغۇق، مۇساپىنىڭ ئۇزۇن بولىشىغا قارىماي، يۈرىكىدىكى تۈگىمەس ئەلەم ۋە ھەسرەتلەرنى ئۇلارنى تۇنجى بولۇپ زىيارەت قىلغان ئاممىۋى تاراتقۇ ۋاستىسى ئاكىت تىلىۋىزىيە قانىلىغا تۆكتى. ئارقىدىنلا تۈركىيە مىللىيەتچىلىرىنىڭ  ئاساسلىق قانىلى بولغان بوزكۇرت قانىلى ئەرشىدىننىڭ سەپىرىنى تېما قىلىپ مەخسۇس پىرۇگرامما ئىشلىدى. ئەرشىدىن ئەركىننىڭ ئاكىت تىۋى مۇخبىرىغا دىگەن يۈرەكنى ئېزىدىغان سۆزلىرى ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى تۈرۈك مىللەتچىلىرى ئۆزىنىڭ شەخسى فېيىسبۇك ھىساپلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەسمى ھىسابىدىن ئەرشىدىن ئەركىنگە، جۈملىدىن بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارغا بولغان ھىسداشلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەرشدىن ۋە زۇلپىقار ئىستانبۇل-ئەنقەرە ئارلىقىدىكى سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن يەرلىك خەلىقنىڭ مەنىۋى ۋە ئەمەلىي قوللىشىغا ئېرىشتى. يېتىپ بارغانلىكى شەھەردە ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەرقى تۈركىستان كۆڭۈلداشلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋىلىشغا ئېرىشتى. ھەتتا بەزى تۈرۈك ياشلار ئەرشىدىن  ۋە زۇلپىقارلار بىلەن بەزى مۇساپىلەرنى بىللە باستى.

مەن ئەرشىدىن ۋە زۇلپىقارنىڭ بۈ سەپىرىدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى، مىللەت سۆيگۈسى ۋە ۋەتەن داۋاسىدا سەمىمى بولغانلار ئۈچۈن جاسارەتتىن ئىبارەت بىر مەنىۋى كۈچ  بولۇشى كېرەككەن. چۈنكى نۇرغۇن كىشى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە بارالىشى مۈمكىن، ئەمما باشقىلار نىمە دەپ قالار؟ ئائلەمدىكىلەرگە زىيان يېتەرمۇ؟ نەتىجىسى قانداق بولار؟ دىگەندەك ئىككىلىنىشلەر بىلەن بۇنداق بىر ھەرىكەتكە دادىل ئاتلىنالمايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئەرشىدىن ۋە زۇلپىقاردىن ئۈگىنىش كېرەك.

ئەرشىدىن ۋە زۇلپىقارنىڭ ھەركىتىدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، نەتىجە ھەركەن بىلەن ھاسىل بولىدۇ. نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىغا قىززىقانىكەنمىز، يېتەرلىك سەۋەپلەردىن كېيىن تەۋەككۈلنى ھەركىتىمىزگە يېتەكچى كۈچ قىلىشىمىز كىرەككەن.

بۇندىن باشقا ئىجتىمائى تاراتقۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىگىمۇ قەتئ‍ى سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى بۇ قېتىملىق سەپەر جەريانىدا ئايان بولدى. ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت ئېلان- تەشۋىقات بىلەن راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە ئانا ئېقىم مېدىيالارغىلا قاراپ تۇرماستىن، ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ھىساپلىرى ئارقىلىق مىللەتكە ۋە داۋاغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش، بولۇپمۇ تۈرك جەمىيتىدە ياشاۋاتقانلار ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ كۈچىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەرشىدىنلەرنىڭ قىسقا ۋېدىيۇلىرىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنىڭ 200مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى بۇنىڭ روشەن ئىسپاتى.

ئاخىرىدا، پىلان- لاھىيەلەردىن كۆپرەك ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈش داۋايىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى رىئاللىق ئىسپاتلىدى.

 

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

فىرانىسىيەدە قارشلىق نامايىشى داۋام قىلماقتا

چا دېكابىر 12 , 2018
24- نويابىر فىرانىسيە پايتەىتى پارىژدا باشلانغان «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ماكرون ھاكىمىيىتى نامايىشچىلارنىڭ قەتئىيلىكى ئالدىدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى پۈتكۈل پارىژ شەھىرى نامايىشچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى سەۋەپلىك جىددىي ھالەتكە كىردى. فىرانسىيە دائىرلىرى «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشىدا زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى زورايتتى. گەرچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىك تەدبىر قوللىنىلغان بولسىمۇ، مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە يەنىلا ئاندا-ساندا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. 8-دېكابىر كۈنى، فىرانسى

You May Like