تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان: نىشانىمىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشتۇر!

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان: نىشانىمىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشتۇر!

 تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان: نىشانىمىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشتۇر!

 түркийә президенти әрдоған: нишанимиз шаңхәй һәмкарлиқ тәшкилатиға әза болуштур

ئۇيغۇر مۇخبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 21-سېنتەبىر

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ مەدەنىيەت شەھىرى بولغان سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كۆزەتكۈچى دۆلەت ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان. مەزكۇر تەشكىلات 2002-يىلى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى توسۇش ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلارنى چەكلەش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنى ئەتراپىغا يېغىش بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى تەشكىلاتقا ئايلاندى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسەتلىرى ، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيەلەر، ئامېرىكا  تەشكىلاتلىرى، ياۋروپا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلار تەرىپىدىن كۆپلەپ تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئىزچىل پەرۋاسىزلىق قىلىشى، قايتا-قايتا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايمىز ،تېررورلۇققا قارشى تۇرىمىز دەپ ۋەدە بېرىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە غەرب بىلەن بىر تەرەپتە ئەمەس ئەكسىچە يۇمشاق بايانات بېرىش بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەكتە.

 

 түркийә президенти әрдоған: нишанимиз шаңхәй һәмкарлиқ тәшкилатиға әза болуштур

уйғур мухбир

уйғур агентлиқи 2022-йили 21-сентәбир

түркийә президенти рәҗәп тайип әрдоған өзбекистанниң мәдәнийәт шәһири болған сәмәрқәнттә өткүзүлгән «шаңхәй һәмкарлиқ тәшкилати» ға көзәткүчи дөләт вәкили сүпитидә қатнашқан. мәзкур тәшкилат 2002-йили хитайниң шәрқи түркистан/уйғуристанниң мустәқиллиқини тосуш вә бу дөләтләрдики мустәқилчи уйғурларни чәкләш үчүн оттура асийадики бәш җумһурийәтни әтрапиға йеғиш билән башланған болуп,һазир америка вә йавропа иттипақиға қарши тәшкилатқа айланди.

түркийә һөкүмитиниң уйғурлар һәққидики сийасәтлири , түркийәдики өктичи сийасий партийәләр, америка  тәшкилатлири, йавропа мутәхәссислири вә таратқулар тәрипидин көпләп тәнқид қилинған болуп, болупму түркийә һөкүмитиниң уйғур қирғинчилиқи һәққидә изчил пәрвасизлиқ қилиши, қайта-қайта хитайниң игилик һоқуқини қоғдаймиз ,террорлуққа қарши туримиз дәп вәдә бериши, уйғур мәсилисидә ғәрб билән бир тәрәптә әмәс әксичә йумшақ байанат бериш билән өзини қачуруши, хитай билән мунасивәтни йахшилаш үчүн барлиқ васитиләрни қоллиниши көзәткүчиләрни үмитсизләндүрмәктә.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇرۇش خەۋەرلىرى: پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشغا يەنە 300 مىڭ ئەسكەر توپلايدىغانلىقنى ئىلان قىلدى

پە سېنتەبىر 22 , 2022
ئۇرۇش خەۋەرلىرى: پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشغا يەنە 300 مىڭ ئەسكەر توپلايدىغانلىقنى ئىلان قىلدى

You May Like