ئەردوغاننىڭ پارتىيسى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلەش ئەمەس ھەتتا ئەھۋالىنى تەكشۇرۇش تەكلىپىنمۇ رەت قىلدى.

ى:

«پارتىيەمىز سۇنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى تەكشۈرۈش تەكلىپ-لاھىيەسى» مۇخالىپەتچىلەرنىڭ قۇشۇلۇشىغا قارىماي، ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن رەت قىلىندى..

ئەردوغاننىڭ پارتىيسى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلەش ئەمەس ھەتتا ئەھۋالىنى تەكشۇرۇش تەكلىپ-لايىھەسنمۇ رەت قىلدى.

2019-يىلى 20-ئىيۇن،ۋاشنگىتون،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

بۇگۇن تۈركىيە ياخشى پارتىيەسنىڭ ئورگان فايىس بۇك ھساۋاتىدا رەسمى ھالدا مونۇلار بىلدۇرۇلدى:

«پارتىيەمىز سۇنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى تەكشۈرۈش تەكلىپ-لاھىيەسى» مۇخالىپەتچىلەرنىڭ قۇشۇلۇشىغا قارىماي، ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن رەت قىلىندى..

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇمىنى تەكشۈرۈش بىر رىقابەت ئىشى ئەمەس، تۈرك بۇلۇشىمىز تەلەپ قىلىدىغان تارىخى مەسئۇلىيەتتۇر.»

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى رەسمى شەكىلدە تەكشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن-لايىھەسى بولۇپ،ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئ‍ېنسانى ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئ‍ېشەنچىلىك پاكىت توپلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

كۆزەتكۇچىلەرنىڭ بىلدۇرۇشچە،ئەردوغان ھۆكۈمىتى كىينكى ئون يىل ئىچىدە ئ‍ېقېتسادنى باشقۇرۇشتىكى ئېىقتدارسزلىقى سەۋەبلىك تۇركىيە ئېقتسادىدا ئىغىر چىكىنىش كۆرۇلگەن،شۇڭلاشقا ختتاينىڭ ئېقتسادى ياردىمى ئارقىلىق بۇ چېكىنىشتىن قۇتۇلماقچى بولغان،تۇركىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئ‍شلار منستىرى ئۆنال  ئۆتكەن ئايدا :«ختتاينىڭ تىرورچىلارغا قارشى كۆرەشلىرىنى قوللايمىز «دەپ ئوچۇق -ئاشكارا بىلدۇرگەن ئىدى.ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇرھىم ھىىيت ئۆلۇمىدە بايانات بىرىشى ۋە ب د ت دا ختتاينى تەنقىد قىلىشدىن كىين يەنە ئاشكارا ھالدا ختتاينى قوللىشى كۆزەتكۇچىلەرنى تۇركىيەنىڭ مۇقىمسز ،ئۆزگىرىشچان سياسىتى ھەققىدە تۇرلۇك خياللارغا چۆمدۇرمەكتە.

يېقىنقى بىر ئايدىن بىرى ختتاينىڭ تۇركىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرىغا تۇركىيە مىديالىرىدا كەڭ كۆلەمدە سۆزلەشكە ئورۇن بىرىشى تۇركىيە ھۆكۇمىتىنىڭ يەنە بىر ئىككى يۇزلىمىچىلىكى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.ئەينى چاغدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى،تۈركىيە جەمئىيتىدە ناھايتى قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلگەن بولۇپ،سايلام مەسلىسى بار ئىدى،ئا ك پارتىيە سايلامدا ئۇتۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسلىسنى تىلغا ئالدى ،سايلامدىن كىينلا يەنە ئەسلىگە قايتىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسگە كۆز يۇمدى.

ئۇچ مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان قامالدى،مەسجىدلەر چىقىلدى،مۇسۇلمان ئالىملار ئۆلتۇرۇلدى،قۇرئان كۆيدۇرۇلدى،مۇسۇلمان ئاياللار ختتايغا ياتلىق قىلىندى.ئەردوغان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلەش تۇگۇل،ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۇرۇشنىمۇ رەت قىلدى. خەلقئارا جەمىيەت يوللاپ بەرگەن تۈركچە دوكلاتلارنى كۆرۇشنىمۇ رەت قىلدى،بۇ ختتاي بىلەن ئوخشاش پوزىتسيەدىن ئىبارەتتۇر.

تۇركىيە ھۆكۈمىتى  يەنە تۇرلۇك خەلقئارا مەسللەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىدا ئامېرىكىغا قارشى كۇچلەر ئوقى بولغان ختتاي بىلەن ھەمكارلىشپ،پەلەستىننى قوللاپ،ئ‍سرائىلىيەگە قارشى شۇئار توۋلىغان ئىدى.بۇگۇنكى كۇنلۇكتە دۇنيا ئەردوغان دەۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇچۇن ،زۇلۇم چەككەنلەر ئۇچۇن سۆزلەيمىز دىگەن سۆزلىرىنىڭ پەقەت سايلامدا بىلەتكە ئېرىشش ئۇچۇن قوللىنىدىغان ۋاستە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتى.ختتاي سالغان مەبلەغ سوممىسى،ختتاي ئەمەلدالىرىنىڭ تۇركىيەدىكى تەسرى،ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇناسۋەتلىرى -تۇركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەقەت ئاغزىدا زۆرۈر تېپىلغاندا كۆتۈرۈپ ئوينايدىغان كوزۇر سۇپىتىدە ئ‍شلىتىدىغانلىقنى ئەمما ئەمەلى ھىچقانداق ئ‍ش قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى،ئەڭ خەتەرلىك يېرى ،تۇركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قاياشى ،تۇركى خەلقلەرنىڭ رەھبىرى دەپ تۇرۇپ،ختتاينىڭ تىرورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى قوللايمىز دەپ بىلدۇرۇشى،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۇكۇت قىلىشى-ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سياسىتىنى تېخىمۇ زوراۋانلىق بىلەن ئىجرا قىلىشىغا يۇرەك ۋە جاسارەت بىغىشلىماقتا.تۇركىيە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ختتاي بىلەن مەخپى بىرىش-كىلىشلىرى ،مەخپى سۇلھىلىرى بولسا تېخىمۇ ئەندىشە قوزغىماقتا.

  

.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولدى

پە ئىيۇن 20 , 2019
6-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ كۈندىلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن يېقىندا تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭغا كىلىشى توغرىسىدا سۇئال سورىدى.

You May Like