ئەردوغان :تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ ئورتاق ئارزۇغا ئىگە ئىككى دۆلەت

دۇنيادا يىڭى بىر نىزام ئوتتورغا چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەنمەكتە.

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019.07.03

 

دۇنيادا يىڭى بىر نىزام ئوتتورغا چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەنمەكتە.

گەرچە ئارلىق يىراق بولسىمۇ تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ ئىككى دۆلەت بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى . تۈرۈكلەر ۋە جۇڭگۇلۇقلار  ئاسىيانىڭ شەرق ۋە غەربىدىكى قەدىمى مەدەنىيەتلىك خەلىقتۇر، ئۇلار يىپەك يولى ئارقىلىق تىجارەت ۋە مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ ئارسىدىكى نەچچە ئەسىرلىك مۇناسىۋەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا، بۇ ئەلۋەتتە قىممەتلىك دوستۇم جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتورغا قويغان «بىر يول بىر بەلباغ » تەشەببۇسىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

 تۈركىيە «بىر يول بىر بەلباغ» پىلاننىڭ قاتتىق قولىغۇچىسىدۇر، 2013-يىلى ئەڭ ئاۋۋال قوللاپ قۇۋەتلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

بىز يۈز نەچچە دۆلەت ۋە تەشكىلات ئىشتىراك قىلغان شۇنداقلا 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەرەققىيات پىروگىراممىسى ھىساپلىندىغان بۇ تەشەببۇستىن  ناھايىتى خۇرسەنمىز.

تۈركىيە رەھبەرلىكىدىكى «ئوتتورا كارىدور» پىلانى «بىر يول بىر بەلباغ پىلاننىڭ مەركىزى شۇنداقلا« بىر يول بىر بەلباغ» نىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. مەزكۇر پىلان تۈركىيەنى  تۆمۈر يولى ئارقىلىق گۈرجىستان ، ئەزەربەيجان ۋە خەزەر دىڭىزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تۈرۈكمەنستان ۋە قازاقىستانغا باغلاپ جۇڭگۇغا تۇتاشتۇرىدۇ.

«ئوتتۇرا كارىدور»پىلاننىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىز يېقىندا باكۇ-تىپلىس-كارس (BTK) تۆمۈر يولىنى باشلىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ پىلانغا  ئىستانبۇل بوغىزىدىكى ياۋۇز سۇلتان سېلىم 3-كۆۋرۈكى، ياۋرۇ -ئاسيا تونىلى ،مارماراي قانىلى  ،چاناق قەلئە 1915 كۆۋرۈكى يۇقرى سۈرەتلىك تاشيوللار ھەممسى كىرىدۇ.

بۇ پىلان « بىر يول بىر بەلباغ» پىلاننىڭ بېيجڭدىن لوندۇنغا تۇتىشىغا تۆھپە قاتىدۇ.

ۋاقىت تىجەش ۋە پۈتۈن يىل توختىماي خىزمەت قىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانى «بىر يول بىر بەلباغ» ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قاتقۇسى، بىز جۇڭگۇ بىلەن دوستانە ھەمكارلىقمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز ،شۇنداق «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانمىزنى «بىر يول بىر بەلباغنىڭ بىر قىسمى قىلىشقا تىرشىمىز.

ئۆز- ئارا ھۆرمەتلەش ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ كەلدى. 2010-يىلدىن باشلاپ تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ مۇناسىۋىتى ئىستىراتىگىيلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

ئورتاق كەلگۈسى غايە ئاستىدا بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قوش مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرىمىز. بۇ دەل «بىر يول بىر بەلباغ» تەشەببۇسىنىڭ روھىدۇر.

تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ ئىككىلىسى زامانىۋى تەرەققىياتنى كېچىكىپ باشلىغان دۆلەتلەر. ھەممىمىز 21-ئەسىردە غەرىپ دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئارلىقنى كىچىكلىتىشنى ئويلايمىز. «جۇڭگۇ چۈشى» جۇڭگۇنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنى  ئويلىغىنىدەك «تۈركىيە چۈشى»مۇ ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.جۇڭگۇ ئاللىبۇرۇن «ئىككى يۈز يىل» (2021 -يىلى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى، 2049-يىلى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى )كۈرەش نىشاننى بەلگىلەپ بولدى.تۈركىيەمۇ 2023 دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى ۋە 2053 پىلاننى ئوتتورغا قويدى. بۇ جەھەتتە تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ ئىككى دۆلەت كۆپ ئوخشاشلىققا ئىگە.

ئىككى دۆلەت ئوتتورسىدىكى ئالاقنىڭ كۈچىيشى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقى ئارسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. ساياھەتچىلەر كۆپەيدى. جۇڭگۇ 2018-يىلنى «تۈركىيە ساياھەت يىلى» قىلىپ بېكىتى شۇنداقلا مەملىكەت مىقياسىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. بىز جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرىڭ كۆپىشىدىن مەمنۇن بولدى، مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭتۈركىيە  بىر مىليۇن كىشىلىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ دىگەن بىر مەقسەتنى كۆزلىگەن ئىدۇق، مەقسەت تاماملىنىش زامانىندا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچىيۋاتىدۇ.

بىزنىڭ يەنە بىر نىشانىمىز ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنى بىر قاتلاپ 50مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش. ئارقىدىنلا بىز باراۋەر ئاساستا بۇ رەقەمنى 100مىليار دوللارغا يەتكۈزۈپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىھتىياجنى تۇلۇق ھەل قىلىشتۇر. مەن جۇڭگۇ كارخانا ساھاسىنى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانىڭ تۈگۈنچىسى  ،شۇنداقلا «بىر يول بىر بەلباغ» نىڭ يادروسى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىمەن.

ئۇنۇتمايلىكى تۈركىيەگە مەبلەغ سالغانلىق پەقەتلا ھاياتى كۈچكە تولغان 82 مىليۇنلۇق نۇپۇسقا  ئىگە ،دۇنيانىڭ 16-چوڭ ئىقتىسادى كۈچىگە مەبلەغ سېلىشلا ئەمەستۇر ،ئەينى ۋاقىتا ئۇ بىر مىليارد 600مىليۇن نۇپۇس ۋە 2مىليارد 400مىليۇن دوللارلىق ئىقتىسادى ئىشلەپ چىقىرىش كۈچىگە ئىگە بىر بۆلگنىڭ مەركىزىدۇر ،ئەڭ مۇھىمى تۈركىيەگە سېلىنغان مەبلغ  «بىر يول بىر بەلباغ»قا سېلىنغان مەبلەغدۇر.

بۇ مەبلەغ سېلىش بىزنى ئورتاق غايىگە كۈتۈرىدۇ.

تۈركىيە جۇڭگۇ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشتا مەھكەم تۇرىدۇ. مائارىپتا ئورتاق مەكتەپ قۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چىڭىتالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت مۇداپىئەسىدە ھەمكارلىق ،تۈر كىيە ۋە جۇڭگۇ پەن تېخنىكا ۋە ئىشلەپ چىقىرىشتا دۇنياغا ئۆز كۈچىنى ئىسپاتلدى.مەن ئىشىنىمەنكى بۇ ئىككى دۆلەت بۇ تەرەپتە ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ.

دۇنيا كۈچلۈك بىر رىقابەتكە يۈزلەنمەكتە. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشى بىلەن زور بىلەن تەھتىت تەڭ مەۋجۇت بولماقتا.بۇ تەھتىت دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزماقتا.

تۈركىيە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،يەرشارىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ،كۆپ تەرەپلىمىلك بۇلۇش ۋە ئەركىن تىجارەتتە باراۋەر بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە جۇڭگۇ تەرەپ بىلەن بىردەك قاراشقا ئىگە .ھەممىمىزگە ئېنىقىكى بۈگۈنكى دۇنيا بىر خىل يىڭى ،كۆپ قۇتۇپلۇق تەڭپۇڭلۇققا ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن بىر نىزامغا مۇھتاج.ئەڭ قەدىمى ئىككى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە ۋە جۇڭگۇ بۇ يىڭى تەرتىپلىك  نىزام ئۈچۈن تۆھپىسنى قوشىدۇ.

 

مەنبە:

https://m.huanqiu.com/r/MV8wXzE1MDc3MzIxXzM3MV8xNTYyMDAxMDYw

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ئىشلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە گىرمانىيە خىتاينى ئەيىپلىدى

چا ئىيۇل 3 , 2019
7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەيشەنبە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى يېپىق يىغىندا ئامېرىكا ۋە گىرمانىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا نەچچە مىليۇن مۇسۇلمان خەلىققە قاراتقان قانۇنسىز قىلىمىشنى ئەيىپلىگەن.

You May Like