ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يېقىندىن بۇيان، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەردىن بىرى مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئ‍ويچان

 

يېقىندىن بۇيان، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەردىن بىرى مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ كونا ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «تۈرك ئوجاكلارى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى نوقتىلىق تۇنۇشتۇرۇلدى. پائالىيەت ئەنقەرە مىللىي كۈتۈپخانىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر ساھەدىن كۆپ كىشى قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈرك ئوجاكلارى باشلىقى پروفېسسور مەھمەت ئۆز رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا پروفېسسور ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق، دوتسېنت ئەركىن ئەمەت، ئابدۇللاھ بوكسۇر ۋە ئۆمەر بەكئالى قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.

يىغىندا ئېچىلىش نۇتىقىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ تېرىك شاھىدى، لاگىردا يېتىپ چىققان شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق گراژدانى، دۇنيا مەتبۇئاتىغا خىتاينىڭ ناتسىست لاگىرلىرىنى تۇنجى بولۇپ پاش قىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەسۇر ئوغلانى ئۆمەر بەكئالى سۆزگە چىقتى. قول ۋە پۇتلىرىنى زەنجىر بىلەن باغلىغان ھالدا سەھىنىگە چىققان ئۆمەر بەكئالى خىتاينىڭ يېغىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى زۇلۇمنى ئەڭ جانلىق ۋە ئەمەلىي مىساللار بىلەن بايان قىلدى.

يىغىندا ئىككىنچى بولۇپ «تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى» باشلىقى ئابدۇللاھ بوكسۇر ئەپەندى سۆز قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى ئىنسان ھەقلىرى نوقتىسىدىن تىلغا ئالغان ئابدۇللاھ بوكسۇر ئەپەندى،  شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك بىر مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا ئۈچىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان كىشى پرۇفېسسور ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق بولدى. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق لېكسيە جەريانىدا خىتاي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، خىتايچە ئاسمىلىياتسىيە شەكلىنى تۇنۇشتۇردى. خىتاينىڭ تارىخ بۇيىچە قۇلى يەتكەنلىكى يەردە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن پروفېسسور ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى پەقەت شەرقىي تۈركىستان چىگرىسى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ياشىغان ھەر يەردە مەۋجۇت».

يىغىندا ئەڭ ئەڭ ئاخىرىدا دوتسېنت ئەركىن ئەمەت سۆز قىلدى. دوتسېنت ئەركىن ئەمەت سۆزىدە، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قاماشنىڭ باھانىلىرى، قامىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختالدى. تۈرك تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەركىن ئەمەت، قاچان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلانسا، شۇ چاغدا بۇ مەسىلە ھەل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە بىر قىسىم گۇۋاھلىق ۋىدېئولىرى كۆرسىتىلدى. بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۆزلىرى ياشلاندى. بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولدى.

 

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئۇيغۇرلار خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك قارا تىزىملىكىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزگەن دىنىي ئەلچىگە رەھمەت ئېيتتى

جۈ نويابىر 9 , 2018
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۇنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا دۆلەت مەھكىمىسى «تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى» گە قاراشلىق دىنىي ئەركىنلىك ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى، يىغىندا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى تۇنجى قېتىملىق دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى روبېرت سەيپىل ئەپەندى تەكلىپ بىلەن مۇھاكىمىگە قاتناشقان بولۇپ، خىتاينى تۇنجى قېتىم دىنى ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن باش ئەلچى بولغانلىقى بىلەن ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى؛ ئۇ سەھ

You May Like