ئەنقەرە سامالىرىدا كۆك بايرىقىمىز جەۋلان قىلدى

بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللى مەجلىس رەئىسى سېيىت تومتۈرۈكنىڭ ئاۋاز قوشۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى تەشكىللىشى بىلەن 23-دىكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «شەرقى تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە» نامىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئىقبال

كوررىكتور: نەفىسە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-23

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللى مەجلىس رەئىسى سېيىت تومتۈرۈكنىڭ ئاۋاز قوشۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى تەشكىللىشى بىلەن 23-دىكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «شەرقى تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە» نامىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

12_ئاينىڭ 22_كۈنى كېچە سائەت 11:00 دە ئەنقەرەدىكى  بۇ نامايىشقا ئىستانبولنىڭ زەيتۇن بۇرۇنۇ، سەفا كۆي،سېلىم پاشا قاتارلىق رايۇنلىردىن 35 ئاپتۇبۇستا تەخمىنەن  2000 مىڭغا يېقىن كىشى بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىقىتى. كارۋان سەھەر سائەت 5:00 تە  دۈزچى ناھيىسىنىڭ قايناشلى رايۇنىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئىستانبولدىن ئەنقەرەگە پىيادە ماڭغان ئەلى ئەكبەر داموللام باشچىلىقىدىكى پىدائىيلار كارۋىنىنى زىيارەت قىلدى.

نامايىشچى ئامما  23_چېىسىلا ئەتىگەن سائەت 9:30 دا ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى ۋە تۇنجى پائالىيتىنى مەشھۇر تۈرۈك سىياسەتچى، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات__ ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى،  19~23 _نۆۋەتلىك تۈركىيە پارلامىنتى  سىۋاس مىللەت ۋەكىلى ۋە بۈيۈك مىللەت پارتىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى رەئىسى مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ قەبرە زىيارىتى بىلەن باشلىدى.  

سائەت 11 بىلەن نامايىشچىلار ئەنقەرە ئابدې ئىپەكچى باغچىسىغا يىغىلدى. نامايىشچىلار ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى، قەھرىمان ماراش، بۇرسا قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن بولۇپ باغچا بىردەمدىلا كۆك ۋە قىزىل بايراقلار بىلەن كۆركەم تۈسكە كىردى.

نامايىش پائالىيتى باغچىنىڭ  ئوتتۇرسىدىكى يۆتكىلىشچان سەھنىدىكى ئىكراندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ زۇلۇمىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان رەسىملەرنىڭ  قويۇلىشى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى رەئىسى مۇستاپا دەستىجىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان تەسىرلىك سۆزلىرى بىلەن باشلاندى.

رىياسەتچىنىڭ جاراڭلىق ئېچىلىش سۆزى مەيداننى باشقىچە جانلاندۇردى:« شەرقى تۈركىستاندىن يەمەنگە، بۇ مەيداندىن ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. بىز ھەردەم زالىملارغا قارشى، مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولىمىز. ھەردائىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىنىدا بولىمىز.»  

ئارقىدىن رىياسەتچىنىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سيېت تومتۈرۈك مىكرۇفوننى قولغا ئېلىپ مۇنداق دىدى:«ئەزىز تۈرك مىللىتى، ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە خوش كەلدىڭلار.  ئەزىز قېرىنداشلىرىم ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن بۇ يېغىننى ئورۇنلاشتۇرغان بۈيۈك مىللەت پارتىيىسىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.»

سيىېت تومتۈرۈك تۈرۈك خەلقىگە خىتابەن مۇنداق دىدى:«بۈگۈن 35 مىليۇن  شەرقىي تۈركىستانلىق، ئىنسانىيەت تارىخىتا  كۆرۈپ باقمىغان  زۇلۇم ۋە ئىسكەنجە ئاستىدا جان تالاشماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىزنىڭ  ھاياتى، ئىپپىتى، بىخەتەرلىكى ،مەدەنىيتى  تۈگىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردە بۇ زۇلۇمغا قارشى يېنىمىزدا بولغان تۈرۈك مىللىتىدىن  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دىدى.

تەكلىپ بويىچە  سەھنىگە چىققان بۈيۈك تۈركىستانلىقلار   جەمئىيتى  باشلىقى  يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى شەرقى تۈركىستان ھەققىدە  تەسىرلىك سۆز قىلدى. ئاخىردا  شەرقى تۈركىستان ناملىق شىئېرنى ھىسياتلىق دىكلاماتسىيە  قىلىپ سۆزىنى تاماملىدى.

ئۈچىنچى بولۇپ شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان سۆزگە چىقتى. ئۇ مۇنداق دىدى:« خىتاي ئىشغالچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ھەركۈنى يىڭى بىر زۇلۇم كەشىپ قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇرۇن شەرقى تۈركىستاندا  زۇلۇم بار، كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بار، ساياھەت ئەركىنلىكى يوق،…دەپ داۋا قىلاتتۇق.ھازىر جازا لاگىرلىرى توغرىسىدا ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتالماي قىينىلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا تۈركلەر ئۆلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيادىن يوقتىلىۋاتىدۇ، دەپ ۋارقىراۋاتىمىز.بىز دۆلەت چوڭلىرىمىزدىن شەرقى تۈركىستانغا ھەيئەت ئەۋتىشنى، ئۇيەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانلىق دىراممىسىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز، دىدى ۋە ئاخىرىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇس ۋە ئىقامەت ئىشلىرىنى تىلغا ئالدى.»

 يىغىن 58 تىلۋىيزىيسى تەرىپىدىن بىۋاستە تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا  ئانادۇلۇ ئاگېنتلىقى ، ھۆررىيەت، ئەركىن ئاسيا رادىئو سى، فەتىھ تىلۋىيزىيسى باشقا بىرقانچە تاراتقۇ ۋەكىللىرىمۇ نەقمەيداندا سۈرەتكە ئالدى. نامايىش مەيدانى بولغان باغچا كۆك ۋە قىزىل بايراقلارنىڭ جۇلالىنىشى بىلەن مىڭلارچە قەلىبنى ھاياجانغا چۆمدۈردى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن

يە دېكابىر 23 , 2018
تاشلاپ كەتتى دەپ رەنجىمە ۋەتەن. كۆزۈمدىن لىۋىڭگە ئېچىلار نەرگىز. قەدەملەر يىراقلاپ كەتسىمۇ گەرچە، ئۇزاققا قېتىلىپ كەتمەيمەن ھەرگىز.

You May Like