ئەنقەرە نامايىشى خەۋىرى: بۈيۈك بىرلىك پاتىيىسى رەئىسى مۇستاپا دەستىجىنىڭ سۆزى

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە 23. دىكابىر ‹‹شەرقىي تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە ›› نامىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ۋە ئالپەرەن ئوجاقلىرى ساھىبخانلىق قىلدى

تەييارلىغۇچى :ئىقبال

كوررىكتور:نەفىسە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-23

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە 23. دىكابىر  ‹‹شەرقىي تۈركىستاندىن يەمەنگە، زۇلۇمغا خاتىمە ›› نامىدا كەڭ كۆلەملىك  نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ۋە ئالپەرەن ئوجاقلىرى ساھىبخانلىق قىلدى. نامايىش ئەنقەرەدىكى ئابدى ئىپەكچى باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى، قەھرىمان ماراشتىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە كۆپلىگەن تۈرك خەلقى ئىشتىراك قىلدى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى رەئىسى مەيدانغا يېتىپ كەلگىچە بولغان ئارلىقتا شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرۈك، بۈيۈك تۈركىستان جەمئىيتى رەئىسى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان قىسقىچە ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ھايال ئۆتمەي نامايىش مەيدانىغا يىتىپ كەلگەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى مۇستاپا دەستىجى  قىزغىن ئالقىشلار بىلەن كۈتىۋىلىندى.

ھۆرمەتلىك مۇستاپا دەستىجى پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە سالام قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: <مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان تۈركىيەنىڭ، جۇغراپىيىمىزنىڭ مۇھىم پارچىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىرلەرگىچە، ھۇن ئىمپىراتۇرلىقىغا تۇتىشىدۇ. 740-يىلى ئورخۇن ۋادىسىدا ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان ئۇيغۇر تۈركلىرى 945-يىلى قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ قاراخانلىلار دۆلىتىنى قۇردى. بۇ دۆلەت ئىسلامنى قوبۇل قىلغان تۇنجى تۈرك دۆلىتىدۇر. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇر تۈرۈكلىرى 1212-يىلى موڭغۇل ئىستىلاسىدا قالدى. 1308-يىلىدىن ئىتىبارەن تىمۇر خاندانلىقىنىڭ ئىدارىسدە بولدى. تۇنجى قېتىم 1775-يىلى خىتاي -مانجۇ ئىمراتۇرلىقى تەرىىپىدىن ئىستىلاھ قىلىندى. 1865-يىلى مەھمەت ياقۇپ بەگ شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي زالىملىرىدىن تازلاپ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ مەزگىلدە ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى. مەرھۇم ئابدۇلئەزىزخان (ئوسمانلى سۇلتانى) ۋە جاھان سۇلتانى مەرھۇم ئابدۇلھەمىدخان شەرقىي تۈركىستانغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن…

شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇزۇن تارىخلىرىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن ھۆرمەتلىك مۇستاپا دەستىجى ئەپەندى يېقىنقى زامان تارىخىدا شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت ۋە ئالدى كەينىدە بارلىققا كەلگەن كۆرەش جەريانى ھەققىدە تەپسىلى توختالدى. بۇ ئۇلۇغ كۆرەشتەئالاھىدە رول ئوينىغان  خوجا نىياز ھاجىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئوسمان باتۇر، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىنلەرمۇ ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتكى ۋەزىيتى ھەققىدە توختالغان مۇستاپا دەستىجى شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان جازا لاگىرىلىرى، دىننىي، مىللىي ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنى تىلغا ئالدى ۋە قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئاخىردا ھۆرمەتلىك مۇستاپا دەستىجى خىتايغا خىتابەن مۇنداق دىدى:

‹‹سىلەر ئۇيەردە زۇلۇم  يوق  دەيسىلەر، ئۇنداقتا ئىشىكىڭلارنى ئىچىڭلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستانغا بارالىسۇن، مەتبۇئات ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستانغا بارالىسۇن. ››

تۈرك دۇنياسى ۋە ئسلام ئالىمىگە خىتابەن مۇستاپا ئەپەندى مۇنداق دىدى: ‹‹تۈركىيە دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىققان. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل قەتلىئامى يۈز بەرگەندە، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۇ قەتلىئامنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى ۋە خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلدى. مەن بۈگۈن ھەم دۆلىتىمىزنىڭ خىتاي دۆلىتىگە ئاشۇ پوزىتسىيەدە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ›› سۆز ئاخىرىدا قىرىم، كافكاز، كەركۆك، موسۇل ،يەمەن، پەلەستىن ، سۈرىيە قاتارلىق مەزلۇم  جۇغراپىيەلەر ئايرىم- ئايرىم تىلغا ئىلىندى ۋە دۇئا قىلىندى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇر سودىگەرلەر كومپارتىيىنىڭ بىمەنە تۈزۈملىرىگە بوي سۇنۇشقا زورلانماقتا

يە دېكابىر 23 , 2018
شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى دائىرىلەر ئاتالمىش ‹‹مۇقىملىقنى قوغداش›› نى ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپە دەپ بىلىپ، خلمۇ-خىل مۇقىملىقنى قوغداش نەيرەڭلىرىنى قوللانماقتا

You May Like