ئەنگلىيەلىك داڭلىق تارىخچى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى 2.0» گە قاراپ كېتىۋاتىدۇ

ئەنگلىيەلىك داڭلىق تارىخچى نىئال فېرگۇسۇننىڭ (Niall Ferguson) ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشنى تالىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا يېڭى بىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا كىرىۋېتىپتۇ.

ئاۋسترالىيە رادىئو شىركىتى (ئا ب س) خەۋىرى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 6-مارت

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-07

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئەنگلىيەلىك داڭلىق تارىخچى نىئال فېرگۇسۇننىڭ (Niall Ferguson) ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشنى تالىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا يېڭى بىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا كىرىۋېتىپتۇ.

ئۇ ئا ب س نىڭ «سودا» پروگراممىسىغا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقانلىرىمىز تاموژنا بېجى دائىرىسىدىن بەكلا ھالقىپ كەتتى.»

« ئەگەر سىز خىتاينىڭ تېلېگراف شىركىتى خۇا ۋېي تۈپەيلى پارتلىغان ئۇرۇشقا قارىسىڭىز، بۇنىڭدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئېلېمېنتلىرى بارلىقىنى بايقايسىز. بۇ يەردە يەنە قوغدىنىش ئېلېمېنتىمۇ بار—ھازىر خىتايلار كۆپلەپ قورال-ياراق ياساۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ قوراللار بىلەن بەلكىم ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئىمتىيازىغا جەڭ ئېلان قىلىشى مۇمكىن.»

پروفېسسور نىئال فېرگۇسسۇن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ئۇ 14 پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، كىتابلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىقتىساد تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىراق، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىش يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسىگە مەركەزلەشمەيدىكەن.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ قېتىمقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىر ئاز پەرقلىق. بۇ بىر نۆۋەتلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەربىي ھازىرلىق مۇسابىقىسى (artificial intelligence arms race) ۋە ياكى كۋانت كومپيۇتېر بىلەن ھېسابلاش ھەربىي ھازىرلىق مۇسابىقىسى (quantum computing arms race) ، ئەلۋەتتە يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى، بىراق… بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى 2.0 دەك كۆرۈنىدۇ.»

پروفېسسور نىئال فېرگۇسسۇننىڭ دېيىشىچە، دونالد ترامپ يەنە 4 يىل ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولسا ۋە سودا ئۇرۇشىدىكى سۈركىلىش ھەقىقىي مەنىدە پەسەيمىسە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسەتتىكى تەسىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ئافرىقىغىچە كېڭەيتىدىكەن.

بىراق پروفېسسور نىئال فېرگۇسسۇننىڭ قارىشىچە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانلىق بولۇشى ناتايىن ئىكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋا بوشلۇقى ۋە قورال-ياراق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش رىقابىتى سەۋەبلىك غايەت زور تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشلەرنى ۋە سودا پائالىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئۇ يەنە شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەكلىكىنى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت تورىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى خىيال قىلىمەنكى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەت، پەقەت تاموژنا بېجىنى كېڭەيتىپ قوغدىنىشقا چېتىلمىسىلا، ھەمدە ئاساسلىقى تېخنىكا ساھەسىگە چېتىلسا، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەت ئىنتايىن ھاياجانلىق بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، خىتايلار يېتىشىۋېلىشى كېرەك. ئۇلار ھازىر ئارقىدا، ئۇلار ئۆزىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچىنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، ئۇلار تېخىچە ئامېرىكىغا تايىنىدۇ، شۇڭلاشقا ھازىر بۇ ساھەگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا تەرەپمۇ خىتايلارنىڭ ئۆزىگە يېتىشىۋېلىشقا ئاز قالغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن تۇنۇپ يەتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئىنتايىن روشەنكى بۇ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە شەخىسىي ۋە ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

پروفېسسور نىئال فېرگۇسسۇننىڭ دېيىشىچە، ئۇ خىتاي -ئامېرىكا رىقابىتىنىڭ ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى رىقابىتىگە ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن، ھەمدە بۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر ئاپەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا، ئەگەر بىز راستىنلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى 2.0 گە قاراپ كېتىۋاتقان بولساق، ئاۋسترالىيە خىتايدىن قورقۇشى كېرەكمۇ ياكى خىتايغا قۇچاق ئېچىشى كېرەكمۇ؟

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپنىڭ يەنە بىر نۆۋەت ئۇتۇق قازىنىپ 4 يىل ئاق سارايدا بولۇش بولماسلىقىغا نىسبەتەن كۆپ ئىشلار يۈز بېرىۋېتىپتۇ.

ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى خىتاي ۋە ئۇنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئۈچۈن بىر قاباھەت ۋە ياكى ئەڭ ياخشى بىر ئىش ئىكەنلىكىگە قارىتا، ئىزچىل چوڭ تالاش-تارتىشلار بولماقتا.

لوندون ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ (London School of Economics) مۇئاۋىن پروفېسسورى جىن كېيۈنىڭ دېيىشىچە، سودىدىكى سۈركىلىشلەر ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ كېيىنكىسىنى توغرا تاپىدىكەن.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « خىتاينىڭ ھەقىقىي قاباھىتى پرېزىدېنت ترامپ ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، خىتاينى خەلقئارا سىستېمىدىن چىقىرىۋېتەلەيدىغان ھەقىقىي ئىقتىدارلىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى—مانا بۇ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قاباھىتى. خىتاي ۋە ئۇنىڭ يۈكسىلىشىگە قارىتا كۆپلىگەن ئەنسىرەشلەر مەۋجۇت—ئەگەر بىز تارىخ نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، مېنىڭچە خىتاي ئەڭ تىنچ ھالدا يۈكسىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئىزچىل خەلقئارا سەھنىنى قالايمىقان قىلماسلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئىزچىل ئۇنىڭ نىشانى ۋە ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشۇرالىغىنى.»

دوكتور جىن كېيۈنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدىن مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ تېخنىكا ساھەسىدە ئىكەن.

« ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىدە تامامەن ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك ھالدا خىتاينىڭ زورىيىشىنى چەكلەش، بولمىسا بۇنىڭ كىچىكىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئورتاق قاراش ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. خىتاي دائىرىلىرىمۇ بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.»

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.abc.net.au/news/2019-03-06/us-and-china-locked-in-cold-war-2.0-historian-says/10873254

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مالايسىيا : ماھاتىر خىتاينىڭ جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بەلگىلىشىنى تەلەپ قىلدى

پە مارت 7 , 2019
فىلىپپىندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىۋاتقان مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەت 3- ئاينىڭ 7- كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرىغا قارىتا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇقى»نىڭ دائىرىسىنى بەلگىلىشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق باشقا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بۇ بايلىقلىرى مول بولغان بۇ دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.

You May Like