ئەنگلىيە پارلامىنتىغا سۇنۇلغان ئەرزنامە ۋە ئەنگلىيە پارلامىنتىنىڭ جاۋاب خېتى تەرجىمىسى

«بېرىتانىيە ھوكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بىسىم چۈشۈرۈشى كېرەك.» : گە قايتۇرۇلغان جاۋابنىڭ تەرجىمىسى

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلخان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-6

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

«بېرىتانىيە ھوكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بىسىم چۈشۈرۈشى كېرەك.» : گە قايتۇرۇلغان جاۋابنىڭ تەرجىمىسى

 

ئىلاۋە: ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مەلۇم بولغاندەك، «بېرىتانىيە ھوكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۇچۈن بىسىم چۇشۇرۇشى كىرەك.» دېگەن تېمىدىكى مۇراجەتنامە ياكى ئەرزنامىگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرغان. بۇنىڭ جاۋابىنى دەپ بىرىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىك بىلىپ قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق 2 نۇقتا بار دەپ قارايمەن:

 

1. بۇ مۇراجەتنامە ئەسلى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەنگلىيەلىك بىر مۇسۇلمان تەرپىدىن 6 ئاي بۇرۇن پارلامىنېت تور بېتىگە يوللانغانلىقى مەلۇم. ئوخشاش مەسىلىنى تەكىتلىگەنلىك سەۋەپلىك ئۆز قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن كېيىنرەك يوللانغان مۇراجەتنامە رەت قىلىندى ۋە نىيەت ئوخشاش بولسا مۇشۇ بىر مۇراجاتنامىگە ئىمزا قويۇش تەكلىپى بېرىلدى. بىز ئۈچۈن مۇراجەت چىقارغۇچىنىڭ ئىسمى زاكەرىيا مۇھەممەد بولۇپ بۇ ئىسىمنى ئۇشبۇ مۇراجەتنامىنىڭ ئاستىدىن كۆرەلەيمىز. ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان مۇشۇ مۇراجەتنامىنى 10،000  غا توشقۇزۇش ئۇچۇن كۈچ سەرپ قىلغان قېرىنداشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىنى تېپىپ ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئىيتىپ قۇيۇش ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ ئەرز بۆلۈمىگە خەت-ئالاقە قىلىنىپ، شۇ ئۇيغۇرسۈيەر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىلغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ كىشىلىك مەخپىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھدىنامىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئەرز ئىشخانىسىدىكىلەر بۇ تەلەپكە چىرايلىق ئىزاھات بېرىپ، ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. شۇڭا ئۇيغۇر ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ مۇراجەتنامە ئېلان قىلغان بۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزغا، يەنى ئالىيجاناپ بىر ئىنسانغا رەھمەت بىلدۈرۇش شەرىپىدىن مەھرۇم قالدۇق. بۇنى ئوقۇغان قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىدە بولسىمۇ تۇنجى بولۇپ ئاشۇ قېرىندىشىمىزغا تەشەككۈر بىلدۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇڭا باشقىلارنى كۆڭۈل بۆلمىدى دىمەي، ئاۋۋال ئۆزىمىز قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىپ ئەھۋالىمىزنى ئاكتىپ شەكىلدە ئاڭلىتايلى.

 

2. بۇ مۇراجەتنامىگە پەقەت ئەنگلىيە پۇقرالىرى ۋە ئەنگلىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقانلارلا ئىمزا قويالايدۇ دېگەن شەرت بار. بۇ ئۇشبۇ مۇراجاتنامىنى باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىدىن توساپ قويغان بىر پاسسىپ تەرەپ بولسىمۇ، 10،000دېگەن سان چەكلىمىسىدىن ھالقىدۇق. بۇ ېموكراتىك بىر ئەلدە ياشايدىغان خەلقنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئازراق ئالاقىسى بولمىغان ئىنسانلارنىڭمۇ ھەق-ھوقۇقلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغىنىنى، يەنى ئادالەتنى ياقلايدىغانلارنىڭ يەنىلا كۆپ ساندا ئىكەنلىكى بىلەن بىزنى سۈيۈندۈرىدىغان بىر نەتىجە.

 

بۇ مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جەمى11،323 ئادەم قېتىمغا يەتكەن  بولۇپ، ئەسلى تەلەپ بويىچە ئىمزا قويغۇچىلار 10،000غا يەتسە ئەنگلىيە پارلامېنتىدىن بۇ ئەرزنامىگە جاۋاب بېرىلىدۇ دېيىلگەن. بۇ يەردە بىزنى تەسىرلەندۈرگەن بىر نۇقتا شۇ بولدىكى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق قارارلارنى ئېلىش ئىشلىرىنى مۇنازىرە قىلىش بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار دېگەن گېپىدە تۇرۇپ، بىزنىڭ شىكايىتىمىزگە دەل ۋاقتىدا ۋە ئەستايىدىل جاۋاب قايتۇردى.

 

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ 1-دېكابىر ئەتىگەندە ئېلان قىلغان جاۋابىنىڭ ئانا تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

«بۇ مەسىلە (يەنى ئۇيغۇر مەسلىسى) خىتايدىكى بىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر مەسلە بولۇپ، بىز بۇ مەسلىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرلار ئارىسىدا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. شۇنداقلا، بىز خىتايغا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق تۈردە ئاڭلىتىپ تۇرىمىز. 

 

بىز ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ قاتتىق باشتۇرۇش سىياسەتلىرى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئېغىر  كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز. بىزدە خىتاي ھۆكۇمىتىنىڭ سىياسى تەربىيەلەش لاگىرلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، شۇ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ھەم  نوپۇس جەھەتتىن ئاز سانلىق دەپ قارىلىدىغان مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر توغرىسىدا ئىشەنچلىك دوكلاتلار بار.

 

بىز ھەر بىر ئىنسان ئۆز ئېتىقادىغا ئاساسەن دىنىي ھاياتىنى ئەركىن ياشىشى كېرەك دەپ ئىشىنىمىز ۋە ئۆزىنىڭكىگە ئوخشىمىغان باشقا ئىتىقادلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مەلۇم بىر دىنغا، دۆلەتكە ياكى بىر مەدەنىيەتكە ھېچقانداق تەھدىت كەلتۈرمەيدۇ دېگەن بىر كۆز-قاراشنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. مەلۇم دىنىي توپلۇمنى چەكلەش ۋە شۇنداق ئىنسانلارنى نىشان قىلغان قانۇنى نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇلارنى باستۇرۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقتۇر.

بىز مۇشۇ مەسلىگە ئائىت دوكلاتلارنى داۋاملىق كۆزىتىمىز ۋە بۇ ئەھۋالارنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاشنى داۋام قىلىمىز. بۇ شىنجاڭ رايونىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رەسمىي زىيارەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىزنىڭ مىنىستىرلىرىمىز ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت خادىملىرىمىز دۆلىتىمىزنىڭ بۇ تۇردىكى مەسىلىلەرگە بولغان ئەندىشىسىنى بىر قانچە يىلاردىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈپ كەلدى ۋە داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ھۆرمەتلىك جەرىمىي ھانت (جەرەمي ھۇنت) ئەپەندى بۇ يىل 7- ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدە بىزنىڭ شىنجاڭ مەسلىسىگە قارىتا ئەندىشىلىرىمىزنى خىتاي كونسۇلى ۋە ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىغا بىلدۈرگەن. يەنە بىزنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل مىنىستىرىمىز ھۆرمەتلىك مارىك فىيولد (مارك فىئەلد) 6- ئايدىكى خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە مۇشۇ مەسىللەرنى مۇئاۋىن مىنىستىر گو يېجوۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان. لوندوندىكى ۋە خىتايدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ ئۇيغۇر مەسلىسىنى خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشمىلىرىدە تىلغا ئالىدۇ.

2018-يىلى 7-ئايدا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا باشلىق مىنىستىرلارنىڭ «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدىكى قارارىغا ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ قارارنامىدە شىنجاڭ مەسلىسىگە بولغان ئەندىشىلەر نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇنىڭ مەزمۇنىنى ماۋۇ تور بەتتىن كۆرەلەيسىز. (https://www.state.gov/j/drl/irf/religiousfreedom/284557.htm)

خىتايدىكى بېرتانىيەلىك دىپلوماتلار شىنجاڭغا بىر قانچە ئايدا بىر قېتىم بىرىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىدىمۇ شۇ يەردە زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقىنىنى ئوز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ كۆزىتىشلىرى بىز يىقىنقى مەزگىللەردە توپلىغان ئوچۇق مەنبەلىك ئۇچۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. يەنى شىنجاڭدا ئايرىم ئېتنىك مىللەت كىشىلىرىگە قارىتا چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلار مەۋجۇتكەن.  

خەۋىرىڭلاردا بولغاندەك، ئۆتكەن ئايدا، يەنى 6- نويابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ساھىپخانلىقىدا جەنۋەدە ئېلىپ بىرىلغان خىتايدىكى ئۇنىۋېرىسال مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا، ئەنگلىيە تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شىنجاڭ مەسلىسىگە قارىتا توۋەندىكىدەك سوئال سورىغان:

  «ھۆكۈمىتىڭلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئالاقىدار بولغان، ب د ت تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئېتنىك تەڭسىزلىكنى تۆگىتىش»  توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى قاچان ئىجرا قىلىسىلەر؟  بۇ سوئال توۋەندىكىدەك كونكرېت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: ھېچبىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، سوتلانمىغان ياكى مەلۇم جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى دەپ پەرەز قىلىنغان كىشىلەرنى قانۇندىن ھالقىغان ئورۇنلاردا تۇتۇپ/سولاپ تۇرۇشنى توختىتىش؛ مۇشۇنداق بىگۇناھ كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىش؛ مەلۇم بىر ئېتنىك خەلىققە قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش؛ ئوتكەن 5 يىل ئىچىدە مەجبۇرى تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلىش.» دىن ئىبارەت.

ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چىقارغان رەسمىي باياناتىدا بىز خىتايغا «ئېتنىك ئايرىمچىلىقنى تۆگىتىش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى دەرھال ئىجرا قىلىشنى ۋە بۇ ئىجرانىڭ قانداق ئەمىلىيلىشىۋاتقىنىنى ب د ت تەرىپىدىن كۆزىتىلىشىگە يول قۇيۇش» نى تەكلىپ قىلدۇق. بۇ باياناتنىڭ تولۇق قىسمىنى تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرەلەيسىز:

 (https://www.gov.uk/government/news/universal-periodic-review-31st-session-minister-for-human-rights-statement)

ئۇندىن باشقا، ئەنگلىيە تەرەپ يەنە 2018- يىلى 26-ئۆكتەبىر ياۋروپانىڭ سىرتقا قارىتا ھەرىكەت مۇلازىمەت بۆلۈمى ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ توغرۇلۇق باياناتىنىمۇ قوللىدۇق. ئۇ باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن: « خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى رادىكاللىقنى تۆگىتىش دەپ تۆزۈلگەن قانۇنى بەلگىلىمىلەر شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سىياسىي تەربىيەلەش ئورنى دەپ ئاتالغان لاگىرلارغا قاماپ قويغانلىققا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار ۋە دوكلاتلار بار بولۇپ، بۇلار شۇ مىللەتلەرگە زىيان ئەكىلىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرىپى كۆزىتىش ئاستىدا ئىكەن؛ سەيلە-ساياھەت چەكلىمىسى باركەن؛ شۇنداقلا چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلار خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئەھۋاللار باركەن.  ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇقنى تۆگىتىش» نىزاملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېتنىك ئايرىمچىلىقنى تۆگىتىش كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىرىگە تۈپتىن قارشى بولۇپ، بۇ كومىتېت خىتاينى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىدۇ. بۇ تەكلىپلەرگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە، پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە ئىنساننىڭ مەلۇم ئېتنىك توپلۇمغا ياكى مەلۇم دۆلەتتىكى ئاز سانلىق بولۇش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ھوقۇقلار «كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامە» مەزمۇنىدا بار بولۇپ، بۇ ئەھدىنامىگە خىتايمۇ قول قويغان.»  

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كونسۇلىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا ئېچىلغان 39-قېتىملىق يىغىنىدىمۇ بىز شىنجاڭدىكى ئەھۋاللارغا قارىتا ئەندىشىلىرىمىزنى بايان قىلدۇق ۋە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا خىتايدىن ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى تىنچ ھالدا يۈگۈزۈۋاتقىنى ئۈچۈن قاماپ قويۇلغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق.

بېرىتانىيە تاشقى ئىشلار ۋە فېدىراتسىيون ئىشخانىسى

بىزنىڭ بۇ قېتىمقى پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئۇيغۇرلار توغرىلىق مۇراجەتنامىگە بەرگەن جاۋابىمىزنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگىلى بولىدۇ:

https://petition.parliament.uk/petitions/221342?reveal_response=yes

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەرز كومىتېتى بۇ مۇراجەتنامە ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىنكاسقا قاراپ چىقىدۇ. شۇ كومىتېت ھۆكۈمەتنى بۇ مۇراجاتنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ۋە دەلىل-ئىسپات توپلاش ھەققىدە بېسىم قىلىدۇ. ئەگەر بۇ مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار سانى 100،000 گە يەتسە ئەرز كومىتېتى بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا كۈچلۈك بىر مۇنازىرىگە قويۇشنى ئويلىشىدۇ.

بۇ كومىتېتىمىز 11 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان؛ بۇلار ئىچىدە ھوقۇقتىكى پارتىيە ۋە ئۆكتىچى پارتىيە ۋەكىللىرى بار بولۇپ، بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىر ئورگان. پارلامېنتنىڭ ئەرز كومىتېتى توغرىسىدا يەنىمۇ كوپرەك بىلەي دېسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چىكىڭ:

 https://petition.parliament.uk/help#petitions-committee

 

رەھمەت سىلەرگە!

ئەنگلىيە ھۆكۇمىتى ۋە پارلامېنتىدىكى ئەرز ئىشلىرىغا مەسئۇل گۇرۇپپا

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

قاتار ئوپىكتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

پە دېكابىر 6 , 2018
نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ئوپىك 1960-يىلى باغدادتا قۇرۇلۇپ، 58 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قاتار دۆلىتى يىڭى يىل 1-ئايدىن باشلاپ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

You May Like