ئەنگلىيە Charity right جەمىيئى ،قەيسىرىيدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پائالىيەت ئېلىپ باردى

ئامىنە سەدەف، 18-ئاۋغۇست

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقىنىڭ مەزكۇر خەيىر _ ساخاۋەت ئورگىنى ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرى بىلەن ھېچقانداق يېقىنلىق مۇناسىۋىتى يوق

8_ ئاينىڭ 12_ كۈنى ( شەنبە ) قەيسىرىيدىكى» داۋۇت ئەلقەيسىرىي ئۇيغۇر مائارىپ ، تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى» نىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ياردەم پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى .

پائالىيەت ئەنگلىيە CHARITY RIGHT خەيىر _ ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ قوللىشى، ئۆتكۈر جەمىيتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە قەيسىرىيدىكى بىرقىسىم ئاممىۋىي تەشكىلات ۋەكىللىرى ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ماددي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ھەمكارلىششى بىلەن ، قەيسىرىيدىكى داۋۇت ئەلقەيسىرى ئۇيغۇر قۇرئان كۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى . پائالىيەتكە ئاتا_ ئانىلار ۋە ئۇقۇغۇچىلار بۇلۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت قەيسىرىيە ئۇيغۇر جەمىيتى باشلىقى ئابدۇغۇپۇر ئۇستازنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئەنگلىيە Charity right ئورگىنى تۈركىيە خىزمەت مەسئۇلى خۇماگۈل ياقۇپ، ئۆتكۈر جەمىيتى ۋەكىلى ئەلچىن ئەمەت ، ئايبىلىگ قىزلار مەكتىپى مۇدىرى سەنەۋەر قاراقاش ، ئۇقۇ ئۇيغۇر بىلگ يۇرتى ئوقۇتقۇچىسى سۈبھىنۇر ئۆمەرجان قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلدى. تۈرك قېرىنداشلارغا ۋاكالىتەن مەزلۇمدار قەيسىري شۆبە باشلىقى ئەھمەت تاش ، قىزىل ئاي قەسىرىيە شۆبە باشلىقى، ھەسەنە جەمىيتى ۋەكىلى قاتارلىقلارمۇ پائالىيەتنى تەبرىكلەپ يۈرەك سۆزلىرىنى يوللىدى.

ئەنگلىيە Charity right جەمىيتى 2016_ يىلى قۇرۇلغان، دۇنيادىكى ئاچارچىلىقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان خەيىر_ ساخاۋەت ئورگىنى بۇلۇپ ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق مەكتەپلەرگە ياردەم پائالىيتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇلۇپ ، جەمئىيەتنىڭ تۈركىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى خوماگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەمىئەت 3 يىلدىن بىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ھەر ئايدا تاماق پۇلى يوللاپ بىرىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇلۇپ ، بۇ ياردەمدىن 200 دىن ئارتۇق ئائىلە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان.


شۇنداقلا يەنە ھېرا ياشلار تەنتەربىيە جەئىيتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ياردەم ئېلىۋاتقان ئائىلىلەرگە ھەقسىز تۈرك تىلى ۋە ئىنگىلىز تىلى كۇرسلىرىنى ئېچىپ بىرىش ئارقىلىق بۇ ئائىلىلەرگە ھەقسىز تىل ئۈگۈنۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.
شۇنداقلا يەنە 2 يىلدىن بىرى ئىستانبۇلدىكى ئايبىلگ قىزلار مەكتىپى ۋە ئۇقۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدە » مەكتەپ تامىقى » ياردەم پىروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن..

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دىلنۇر رەيھان: فىرانسىيەدىكى ۋەتەنداشلىق ۋە ۋەتەنگە قايتىش ھەققىدە

سە ئاۋغۇست 22 , 2023
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئاپتورنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە قانىلى سوسيال مېدىياسدا ئىلان قىلىندى، مەزمۇنى -ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ يىل خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپورا ھەرىكىتىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن چىقارغان يېڭى تاكتىكىسى بولغان «ۋىزا بېرىش ۋە ۋەتەنگە بېرىشنى ئېچىش» كە خۇددى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، فىرانسىيەدىمۇ ئاۋاز قوشقان خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاشقا […]
دىلنۇر رەيھان

You May Like