ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

 ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 25- ماي

24-ماي «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپى» نامىدىكى ھۆججەتلەر توپلىمى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسى Ned Price مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: « يېڭى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىن قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە»، مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئارقىسىدا شى جىنپىڭنىڭ قولى بار يوقلۇقىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن: « بۇ سىياسەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تەستىقسىز ئىجرا قىلىنىشىنى قىياس قىلماق مۈشكۈل»

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى Liz Truss خانىمنىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: « يېڭى ئىسپاتلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنىڭ كۆلىمى زىيادە زور بولۇشى مۇمكىن، بۇ تۈردىكى سىياسەتلەر: مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە چوڭ كۆلەمدىكى تۇتقۇن قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ… بىز خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىنى چۆچۈتىدىغان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەيمىز شۇنداقلا خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مەيدانىمىزدا داۋاملىق چىڭ تۇرىمىز. بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇ ھەپتە خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زىيارىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيارەتكە دەخلى قىلمىغان ئاساستا يول ئېچىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەگەر ئەركىن زىيارەت ئەمەلگە ئاشمىسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ» دا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى يېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ…»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Annalena Baerbock تۈنۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سىن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن، ۋە بۇ ھەقتە ئوچۇق ھالەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: « بۇ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ۋە ياكى سۈكۈتتە تۇرۇپ ئۆتكۈزىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ…»

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى Robert Habeck بۈگۈن بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: « ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر كىشىنى چۆچۈتىدۇ…گەرچە خىتاي بىزنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلاشقۇچىمىز بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى بىز يەنىلا ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمىز، خىتاي بىلەن بولغان بۇرۇنقىدەك مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتى كەلدى، ئەمدى ئىقتىساد جەھەتتە خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش كېرەك» .

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن يۈسۈپجان تەييارلىدى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىلغان 2. نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى باشلاندى

سە ماي 31 , 2022
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىلغان 2. نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى باشلاندى

You May Like