ئەنەس كانتەر ۋە ئۇيغۇرلار

ئەنەس كانتەر ۋە ئۇيغۇرلار

ئەنەس كانتەر ۋە ئۇيغۇرلار 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي – ئۇيغۇر خەلق ماقالى 

2022 – يىلى 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، دۇنياغا داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى ئەنەس كانتەر ئۇچىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دەپ يېزىلغان مايكىنى كىيىپ كانادا پارلامېنت زالىغا كىرىپ كەلگەندە، كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كاتتا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى قانۇن لايىھىسىنىڭ كانادادىمۇ قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن كانادا پارلامېنت ئەزاسى لىئوخۇساكوس بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوڭچى ۋە سولچى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى قانۇن لايىھىسىنى قوللاشقا چاقىردى. ھەتتا كانادانىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن،  دىئاسپۇرادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئەنەس كانتەرنىڭ بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى ھەرخىل سۆز – چۆچەكلەرنى تارقىتىپ، بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىمزا توپلاپ بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. 

ئەنەس كانتەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان بۇ پىدائىيلىق – پىداكارلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە قارشى تۇرغانلارنىڭ دەلىل – سەۋەبى نېمە بولغىيتتى دەپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىشقا باشلىدىم. بۇلار تۈركىيەدىكى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى بەزى تەشكىلاتلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار: « ئەنەس كانتەر ھەقىقەتەن ئۇيغۇرغا ياردەم قىلماقچى بولسا، نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى دەسسەپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشمەي، ئەكسىچە ئەردوغاننىڭ سۈرىتىنى دەسسەپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشىدۇ؟ ئەنەس كانتەر دېگەن بىر فەتھۇللاھچى، ئامېرىكا ئۇنى قوللاپ پۇل بېرىپ ئالدىغا چىقىرىپ، تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلغۇزىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قىلغىنى تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى بىر ساختىپەزلىك، كاززاپلىق، بىز ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىمزنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۈركىيە تەرەپتە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن پىكىر تەرەپدارلىرى ئىكەن. مەن بۇ دۆتلۈككە ئاجايىپ ھەيران قالدىم، بۇ نېمىدېگەن زور ھاماقەتلىك ۋە ئاڭقاۋىلىق ھە؟! بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇردىكى سىياسىي ساۋاتسىزلىق، سىياسەتنى چۈشەنمەسلىك، ئۆز مىللىتىنىڭ ئانا مەنپەئەتىدىن ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى چوڭ بىلىپ، ئۆزىنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشتىن باشقىسى ئەمەس. بۇ يەنە، بىزنىڭ سىياسەتتە نەقەدەر نادان، نەقەدەر گول ئىكەنلىكىمىزنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى.

بىزگە زادى ئۇيغۇرنىڭ ئانا مەنپەئەتى مۇھىممۇ ياكى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمۇ؟

ئەلۋەتتە، مەن فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئىشىغا قىزىقمايمەن، ئۇيغۇرۇمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ھەرىكەت قىلىشىمنىڭ ئۆزى ماڭا يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى، ئۇيغۇرنىڭ ئانا مەنپەئەتى مەن ئۈچۈن ھەرقانداق مىللەت قېرىنداشلىقى، دىن قېرىنداشلىقى، شۇنداقلا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تۈرلۈك مەنپەئەتلىرىدىن تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى، بىز پەقەت ئاۋۋال ئۆزىمىزنى قۇتقۇزغاندىلا ئاندىن باشقىلارغا ياردەم قىلالايمىز. 

سىياسەت مەيدانىدا كۆرىۋاتقىنىمىز پەقەت بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ يۈزەكى تەرىپى، ھەقىقەتەن بىز ناھايىتى ئاز ئىشلاردىن خەۋەر تاپالايمىز. چۈنكى، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇرەككەپ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرنىڭ ئىشلىرىمۇ مۇشۇ مۇرەككەپ سىياسىي شارائىتتا، مەۋجۇت خەلقئارا سىياسىي ئاتموسفېرا ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ مۇرەككەپ سىياسىي ئاتموسفېرادىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. 

ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولۇۋاتقان ئەنەس كانتەر توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلاردىن، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە دۆلەت ئۇقۇمى بىلەن ھۆكۈمەت ئۇقۇمى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن.

خىتايدا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقنى خىتاي دۆلىتىگە قارشى تۇرغانلىق ياكى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلىق دەپ قارايدىغان ئىش بار ئىدى. ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنى پەرقلەندۈرمەي، تۈركىيە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلىقنى تۈركىيە دۆلىتىگە قارشى تۇرغانلىق دەپ چۈشىنىدىغانلار خىلى كۆپ ئىكەن. 

دۆلەت مەڭگۈلۈك، ئەمما ھۆكۈمەت ۋاقىتلىق بولىدۇ. ھۆكۈمەت ھەر ۋاقىت ئالمىشىپ تۇرىدۇ؛ بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، ئۇ دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇشىغا باراۋەر  ئەمەس. ئەردوغان، تۈركىيە دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تۈركىيەدىمۇ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان كۆپلىگەن تۈرك مىللەتچىلىرى بار. بىز چوقۇم بۇ نۇقتىلارنى پەرىقلەندۈرىشىمىز كېرەك. 

غەربنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتكە ئوخشاش. شۇڭا، خۇددى بىز ئۇيغۇرلار خىتاي دىكتاتور ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ غەرب دۆلەتلىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگىنىمىزگە ئوخشاش، ئەنەس كانتەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى، شۇنداقلا دىكتاتور ئەردوغان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن فەتھۇللاھچى دەپ ئاتىلىپ قالغان نۇرغۇن تۈركلەر غەرب دۆلەتلىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئەردوغانغا قارشى سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. شۇ قاتاردا، ئۆز ۋەتىنىدىكى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان ئەنەس كانتەرمۇ ئەركىنلىكنىڭ ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ، ئۆزىگە «ئەركىنلىك» دېگەن تەخەللۇسنى قوللاندى. ئۇ پەقەت ئەردوغاننىڭ سۈرىتىنىلا دەسسىمىدى، بەلكى شى جىنپىڭ، پۇتىن قاتارلىق دىكتاتورلارنىڭ سۈرىتىنىمۇ چەيلىدى. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەتكە دەۋەت قىلغان بولسا، ئۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشىمىزغىمۇ ياردەم قىلىۋاتىدۇ. دېمەك، غەربنىڭ كۆز قارىشىدا، دىكتاتور ھاكىمىيەت تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولۇپ، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقان، ئاھۇ زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئاجىز كەلگەن ھەرقانداق بىر مىللەت ئوخشاشلا ئېزىلگۈچى. 

2009 – يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن گوللاندىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى، غەرب دۇنياسى پارلامېنتلىرىدا قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئىدى. مىڭ ئەپسۇسكى، بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسى قانداق تېز قۇرۇلغان بولسا، يەنە شۇنداق تېزلا تارقىلىپ كەتتى. مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم، بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرغۇچىسى گوللاندىيەدىكى سوتسىياللار پارتىيەسىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدا 22 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن پېشقەدەم سىياسەتچىسى خارى فەن بوممېل (Harry Van Bommel ) ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ سىياسىيون پەقەت ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭلا قۇرغۇچىسى بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇرغا ئوخشاش سىياسىي پاناھلىق تىلەپ گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان باشقا نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتتىن ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىشىغا ئاساس سالغان ئىكەن. ئۇ يەنە كۇردلارغىمۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىي ياردەملەرنى ئېلىشىغا ياردەم قىلىپتىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار «خاررى فەن بوممېل كۇردلارغا ياردەم قىلىۋاتقان ئادەم ئىكەن. بىز ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش قىلساق تۈركلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىمىز، تۈركلەرنىڭ ياردىمىدىن قۇرۇق قالىمىز» دەپ تىترەپ – تەمتىرەپ، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تېزدىن تارقاپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولۇپتۇ. ھەتتا، مەن گوللاندىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلغان ۋاقتىمدا، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئاتايىن كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ: «بىز سىلەرگە پارلامېنتتا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇپ بەرسەك، كېيىن ئۆزۈڭلار يوقاپ كەتتىڭلار. سەن ئەمدى بۇ يەردە يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىۋاتىسەن، نەچچە مىليون ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا دەيسەن. ئەجەبا، خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز سېنىڭلا ئاتا – ئاناڭ ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭنى تۇتىۋالدىمۇ؟ ئەگەر سەن گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بۇ نامايىشىڭنىڭ مەقسىتىنى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئارقىلىق پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغان بولساڭ، بۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولاتتى. ئەپسۇس، پارلامېنتتىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ كەتتى، سەن بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسەن؟» دەپ سوئال قويغاندا، مەن شۇنداق بىر خىجىلچىلىق ئىچىدە نېمىدەپ جاۋاب بېرىشىمنىمۇ بىلەلمەي تۇرۇپلا قالغانىدىم. دېمەككى، شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىنغانىكەن. 

2019 – يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بېلگىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاخباراتچىلىقتا تەربىيەلەش كۇرسى» مەزگىلىدە، دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار بىلەن ياۋروپادا ئۇيغۇر دەۋاسىغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئامىللار ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. شۇ چاغدا ئۆمەر قاناتنىڭ: «غەرب دۆلەتلىرىدە قىلغان نامايىش پائالىيەتلىرىمىزدە 1000 دانە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئارىسىغا قېتىلىپ قالغان بىر دانە تۈركىيە بايرىقىنىڭ بىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى تولىمۇ ئېغىر. چۈنكى، بۇ سەۋەبتىن غەرب دۆلەتلىرى بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزگە تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا، بىز غەرب دۆلەتلىرىدە پائالىيەت قىلساق ئىمكانقەدەر تۈركىيە بايرىقىنىڭ، يەنى تۈركلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشىمىز كېرەك» دېگىنى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. شۇڭا، مەن ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئۇدا ئۈچ يىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت قىلغاندا، تۈركلەر كېلىپ تۈركىيە بايرىقىنى ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ يېنىغا ئېسىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلدىم. ھەتتا بەزى تۈركلەر مەندىن رەنجىپ:« سېنىڭ پائالىيىتىڭ ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئىشلەيلى دېگەن، سەن بۇنداق قىلساڭ خەۋەر ئىشلىمەيمىز، پائالىيىتىڭنى تەشۋىق قىلمايمىز» دەپ ھەيۋىمۇ قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق يولسىز گېپىنى ئاڭلاپ:« خەۋەر ئىشلىگىڭ كەلسە ئىشلە، ئىشلىگىڭ كەلمىسە ئۇمۇ ئىختىيارىڭ. ناۋادا سەندە ھەقىقىي مۇخبىرلىق ئەخلاقى بولسا ئىدى، ماڭا بۇنداق تۇتۇرۇقسىز – يولسىز گەپ قىلمايتتىڭ» دەپ نارازىلىقىمنى ئېنىق ئىپادىلىدىم. نەتىجىدە، پائالىيىتىم توغرۇلۇق خەۋەر ئىشلەنمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر قېتىملا ئەمەس، بەلكى بىر قانچە قېتىم يۈز بەردى. ئەمما، مەن تۈركىيە بايرىقىنى ئېسىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدىم. 

تۈركىيە دۆلىتىدە قىلغان پائالىيەتلىرىمىزدە ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ يېنىغا تۈركىيە بايرىقىنى ئاسسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ شۇ دۆلەتكە قىلىنغان ھۆرمەت. ئەمما، غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بىزمۇ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتكە بولغان سەمىمىيىتىمىز ۋە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ يېنىغا شۇ دۆلەتنىڭ بايرىقىنى ئاسساق ئەڭ ئاقىلانە ئىش قىلغان بولىمىز. يەنە كېلىپ بۇ بىر سىياسىي مەيدان مەسىلىسى. شۇڭا، بىز سىياسىي مەسىلىلەردە ھەر ۋاقىت سەزگۈر تۇرۇشىمىز كېرەك. بىخەستەلىك، دۆتلۈك قىلىپ، ئۈممەتچىلىك، مىللەتچىلىك نۇقتىسىدىن چىقماسلىقىمىز، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى، ھەممە دۆلەت ئۈچۈن شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ھەرقانداق مەنپەئەتنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. بۇ، سىياسىيدىكى ئەڭ مۇھىم پرىنسىپ. شۇڭا، بىزمۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇ تۈپ پىرىنسىپىنى ئۇيغۇرنىڭ تۈپ سىياسىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك. مەيلى تۈركىيەدىكى ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى جەزمەن باشقا بارلىق ھەرقانداق مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرۇشى شەرت.  

ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنىگە ۋە ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ – مۇھەببىتىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، شۇ مىللەتكە ۋەكىل مەن دېگەن ھەربىر شەخس ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى باشقا مىللەتكە بولغان سۆيگۈ – مۇھەببەتتىن قەتئىي يۇقىرى ئورۇنغا قويماسلىقى كېرەك. مانا بۇنىڭ ئۆزى يېتىلگەن مىللىي روھ بولۇپ، ئۇ بىر مىللەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدىغان مەنىۋى كۈچنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇ تۇتقۇنى چىڭ تۇتقانلار دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىدە دەرھال بىر بايراق ئاستىغا يىغىلالايدۇ، تاجاۋۇزچىغا قارشى كۈچ بولۇپ شەكىللىنەلەيدۇ. ئەمما، بىز ئۇيغۇرلاردىچۇ؟ بىزدە ئۆز مىللىتىمىزگە بولغان سۆيگۈ – مۇھەببەتتىن بەكرەك يات مىللەت، ئاتالمىش ئۈممەت مەنپەئەتىگە بولغان سۆيگۈ – مۇھەببەت تېخىمۇ غالىب كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز گەرچە بىئولوگىيەلىك تۈزۈلۈش جەھەتتە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر بولساقمۇ، ئەمما بىزنى تۇتۇپ تۇرىدىغان، بىر – بىرىمىزگە باغلاپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلۇق روھى بەكلا ئاجىز. بىزدە ۋەتەننى قۇتقۇزىمىز دەيدىغان تەشكىلات، جەمئىيەتلەر ناھايىتى كۆپ. ئەمما، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك، ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە بولۇش ئەھۋالى بەك ئېغىر. شۇ سەۋەبتىن، بىز مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىمىز، بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز مۇستەقىللىق دېگەنلەر بولسۇن ياكى ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز دېگەنلەر بولسۇن، ھېچقايسىسى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشالمايدۇ. چۈنكى، باغلاقتا باغلانغان ئىت ئوۋغا يارىماس دېگەندەك، كىمنىڭ بوينى كىمنىڭ زەنجىرىدە، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. 

مەلۇمكى، گرافىت بىلەن ئالماس ئوخشاشلا كاربون ئائىلىسىگە تەۋە. ئەمما، گرافىت چۈرۈك بولۇپ، ئاسانلا چۇۋۇلۇپ، سۇنۇپ كېتىدۇ، ئەمما ئالماس بولسا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە قاتتىق بولغان پولات ئەينەكلەرنى بىمالال كېسەلەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، گرافىت بىلەن ئالماسنىڭ ئاتوم يادروسىدىكى ئېلكترونلارنىڭ جايلىشىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى ئوخشاش ئەمەس. گرافتنىڭ ئاتوم يادروسىدىكى ئېلېكترونلار يادرودىن يىراقراق يەردە چېچىلاڭغۇ ھالەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭا ئاتوم يادروسىنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. ئەمما، ئالماسنىڭ ئاتوم يادروسىدىكى ئېلېكترونلار ئاتوم يادروسىغا يېقىن، زىچ جايلاشقان بولۇپ، يادروغا يېپىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، يادرونىڭ  تارتىش كۈچىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك نەرسە ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. دېمەك، بىزمۇ ئۇيغۇرلۇق روھى يادروسىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇيغۇرلۇق يادرو مەركىزى ئەتراپىدا زىچ ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلساق، بىزمۇ ئۆزىمىزدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۆز مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. شۇڭا، بىز ھازىرچە پەقەت ئۆزىمىزنىلا بىلەيلى، باشقىلارنىڭ ئىشىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قۇيۇپ بېرەيلى!

2022 – يىلى 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ئەتىگەن سائەت 02:15دە يېزىلدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي-ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان

جۈ ئىيۇل 1 , 2022
خىتاي-ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان

You May Like