ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

 ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى
تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-سېنتەبىر

بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەختتە ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرغان ھوقۇقدار- ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت 2022-يىلى 8-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئەنگلىيە بالمورال قەلئەسىدە تىنچلىق ئىچىدە دۇنيادىن كەتتى. ئۇ 72 يىل 110 كۈن تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئابرۇيى ئەڭ يۇقىرى خان جەمەتى ھېسابلىنىدۇ.

ئېلزابىت 14 يېشىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن باشلاپ برىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان ئاۋسترالىيە، يامايكا، كانادا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە 20 دۆلەت تولۇق مۇستەقىل بولدى.

ئايال پادىشاھ ئېلزابىتنىڭ تەختتىكى دەۋرىدە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ئامېرىكىدا 13 پرېزىدېنت ئالماشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 12 سى ئېلزابىت بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سىياسەتچى چېرچىل، تۇنجى ئايال باش ۋەزىر مارگارىت ساچېر خانىم قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇق مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئايال پادىشاھ ئېلزابىت ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ئايال باش ۋەزىرى لىز ترۇز تەختكە چېقىپ بىر كۈندىن كىيىن ۋاپات تاپقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئوغلى چارلېز پادىشاھ 9-سېنتەبىر شەنبە كۈنى تەختكە ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ يولدىشى شاھزادە فىلىپ 2021-يىلى ئاپرېلدا 99 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىي تۆت بالىسى بار.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېڭى نامزاتى كۆرسىتىلدى

پە سېنتەبىر 8 , 2022
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېڭى نامزاتى كۆرسىتىلدى

You May Like