ئەلجەزىرە: سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارانى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشىغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى

سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى قاتتىقراق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرماقتا. خىتاي «مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان، ئىرقىي جەھەتتىن كەمسىتكەن» دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

سۈرگۈندىكى بىر ئۇيغۇر  نۇرغۇن قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيىتتى ۋە يۇرتىدىكى زور كۆلەملىك «ئامانلىقنى قوغداش» ھەرىكىتىدە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئادرىيان بىراۋون

ئەلجەزىرە ئىنگىلىزچە قانىلى(ۋىدىئو)

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى قاتتىقراق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرماقتا. خىتاي «مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان، ئىرقىي جەھەتتىن كەمسىتكەن» دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

ئەلجەزىرە مۇخبىرى ئادرىيان بىراۋوننىڭ ئۈرۈمچىدىن خەۋىرى.

خىتايدىكى بەزى ئورۇنلاردا چەتئەللىك  ژورنالىسىتلار خەۋەر ئىشلىسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دا. بۇ رايوندا بىخەتەرلىك نازارەت سېستىمىسى ھەممە يەرگە تارقالغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى توغۇرۇلۇق خەلقئارا جەمىيەت بىر نەچچە قېتىم خىتاينى ئەيىبلىدى. خىتاي ئەمەلدارلىرى «ئىسلامى رادىكاللىرى دەپ قارالغان كىشىلەرنى ھەقسىز تەتىللىك تەربىيەلەۋاتىمىز» دىگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇشتى. بىراق سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ دىيىشىچە بۇ مەركەزلەر ئاددىيلا تەربىيەلەش لاگىرلىرى ئەمەس ئىكەن. بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئەر-ئاياللار قانۇنىي تەرتىپسىز ھالدا مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىمىغان.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان: « شۇڭا مېنىڭچە، ئەگەر خەلقئارا جەمىيەت خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ قاتتىق بىسىم قىلمىسا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى  يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋىتىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ.»

تاھىر ئىمىن ئەگەر يۇرتىغا قايىتسا لاگىرغا سولىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ دىيىىشچە، ئۆتكەن يىلى ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئوقۇشقا كەتكەندىن كىيىن، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى  ئۇنى قايتىپ كىلىشكە كۆندۈرمەكچى بولغان. ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلغان خادىممۇ ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئالاقە ۋاستىلىرىنى قايتا- قايتا سورىغان، گاھىدا ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان. «سېنىڭ قىزىڭ سەندەك يالغانچىغا قارشى تۇرىدۇ، ئۇ كومپارتىيەگە پايدىلىق ئادەم بولىدۇ» دىگەن.

ئۇنىڭ دىمەكچى بولغان مەقسىتى ئېنىق، تاھىرنىڭ قىزىنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ قولىدا.

تاھىر ئىمىن: «ئۇلار سەن قوللاشقا مۇھتاج بولىسەن، بىر كۈنى سەن يۇرتۇڭغا قايىتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىسەن. سېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىڭ، سېنىڭ ئايالىڭ، سېنىڭ قىزىڭ ھېلىھەم ئۈرۈمچىدە دىدى.»

تاھىر ئىمىن خىتايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن  مۇشۇ شەھەردە،  شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)نىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە ياشىغان. ئۇ ئىلگىرى قىزىغا دائىم تېلىفۇن قىلاتتى. بىراق فىۋرالدا، ئۇنىڭ قىزى تاھىرغا «ماڭا ئەمدى تېلىفۇن قىلماڭ، ئاپامغىمۇ تېلىفۇن قىلماڭ» دېگەن. ئۇنىڭ دادىسىغا ئىيىتقان ئاخىرقى سۆزى مۇنۇلار بولغان: «سىز ئەسكى ئادەمكەنسىز.»

شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دا ئىنتايىن كۆپ كىشىلەر غايىب بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تاھىرنىڭ ئۇكىسى، سىڭلىسىمۇ بار. تاھىر ئۇنىڭ ئايالى ۋە قىزى تىنچلىقمۇ يوق بىلمەيدۇ. ئۇ ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە بار يوقلىقىغىمۇ جەزىم قىلالمايدۇ. تاھىر ئامرىكىغا كەتكەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن، بىراق تاھىر سەۋەبىنى بىلىدۇ. تاھىرنىڭ دېيىشىچە، تاھىر بىلەن ئايالىنىڭ نىكاھى، ئايالىنى خىتاينىڭ قارا تىزىملىكتىكى ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

 

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=I_xw3GgWjRM&feature=youtu.be

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

رەشىدە ۋە ئىلخان ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى مۇسۇلمان ئايال مەجلىس ئەزالىرى بۇلۇپ سايلاندى

چا نويابىر 7 , 2018
پەلەستىن پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق رەشىدە تالىب (Rashida Tlaib)ۋە سومالى پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئىلخان ئۆمەر Ilhan Omar)) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سايلانغان تۇنجى مۇسۇلمان ئاياللار بولدى.

You May Like