ئەلجەزىرە: بىلگىيەدىن ئەنگىلىيەگە ماڭغان يۈك ماشىنىسىدا ئۆلگەن 39 ئادەم ئۇيغۇر بولىشى مۇمكىن

24- ئۆكتەبىر، بىلگىيەدىن ئەنگىلىيەگە ماڭغان ئۇزۇن يۈك ماشىنىسىدا 39 ئادەم توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي گىراژدانى ئىكەنلىكى ئەنگىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن دەلىلىگەن، ئەنگىلىيەدىكى خىتاي كونسۇلىمۇ بۇ ھەقتە تەكشۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-10-24

 

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

 

 

 

24- ئۆكتەبىر، بىلگىيەدىن ئەنگىلىيەگە ماڭغان ئۇزۇن يۈك ماشىنىسىدا 39 ئادەم توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي گىراژدانى ئىكەنلىكى ئەنگىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن دەلىلىگەن، ئەنگىلىيەدىكى خىتاي كونسۇلىمۇ بۇ ھەقتە تەكشۈرمەكتە.

 

 

بۇ 39 ئادەم: 31 ئەر، 8 ئايال كىشى بولۇپ،  ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇش مۇمكىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. خەۋەردە، دەسلەپ ئۇلار بۇلغارىيەدىن يولغا چىققانلىقى ئىيتىلغان بولۇپ، بىلگىيە پورتى ئارقىلىق ئەنگىلىيەگە كىرگەن.  تۈركىيەدىن ياۋروپاغا ئىلتىجا قىلىپ بارغان  بەزى ئۇيغۇرلار ھەر خىل قاچاق يوللار بىلەن  شەرقىي ياۋروپا ئارقىلىق  غەربى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە  كىتىشى مۇمكىن ئىكەن.  ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى  كەچكىچە ياكى ئەتىگىچە ئىلان قىلىنىشى مۇمكىن.

 

ئەنگىلىيە ساقچىلىرى  شىمالىي ئىرلاندىيەلىك، 25 ياشلىق بىرىنى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار قاتىل بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىپ سوراق قىلماقتا. 

 

مەنبە:

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئىلھام توختى مۇئەللىم ياۋروپا پارلامىنتى تارقاتقان ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى

پە ئۆكتەبىر 24 , 2019
24-ئۆكتەبىر، ئىلھام توختى ئەپەندى ياۋروپا پارلامىنتى ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئىلھام توختى مۇئەللىم تېخى يىقىندا ۋاكلاۋ خاۋىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئىدى. ئىلھام توختىغا ساخاروف مۇكاپاتىنى ئىلان قىلغان ياۋروپا پارلامىنتى پىرىزدىنتى داۋىد ساسسولى « بىز بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بەرگىنىمىزدىن ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بىرىشىنى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

You May Like