ياپونىيە سابىق باش ۋەزىرى: تەيۋەنگە بىر ئىش بولسا ياپونىيە قاراپ تۇرمايدۇ

ئەگەر تەيۋەن ئاۋارىچىلىققا يولۇقسا، ياپونىيەمۇ ئوخشاش ئاۋارىچىلىققا يولۇققان بىلەن باراۋەر، شۇنداقلا ئامېرىكا -ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئاۋارىچىلىققا يولۇققانلىقى بىلەن باراۋەر

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 01-دېكابىر

ياپونىيە سابىق باش ۋەزىرى شىڭزو ئابى بۈگۈن تەيۋەن سىياسەت تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «يېڭى دەۋردىكى ياپونىيە-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا سىنلىق قاتنىشىپ مۇنداق دېدى: « ئۆتكەن 30يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ھەربىي چىقىمى 42 ھەسسىدىن ئاشتى، بۇ ياپونىيەنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولدى. خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىسادى چىقىمى ھەر يىلى7% تىن ئېشىۋاتىدۇ، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى بۇ خىل ھادىسە دۇنياغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ۋە كرىزىسقا تولغان دەۋر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ…بىز چوقۇم ئالدىنئالا تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، خىتاينىڭ ھاۋا، دېڭىز شۇنداقلا قۇرۇقلۇقتىن كېلىدىغان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكلىرىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.»

شىڭزو ئابى خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتى بىلەن ياپونىيەنىڭ زېمىنى بولغان سىنكاكۇ، مايجىما ۋە يوناگۇنى ئاراللىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرقنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ باش ۋەزىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ھەر قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئۇنىڭغا سىنكاكۇ ئارىلى توغرىسىدا خاتا ھۆكۈم چىقارماسلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ھەمدە ياپونىيەنىڭ زېمىنلىرى بولغان مايجىما ۋە يوناگۇنى ئاراللىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ پەقەت 100 كىلومېتىر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنسا ياپونىيە دۆلىتىگە نىسپەتەنمۇ زور خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ياپونىيەنىڭ بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى كەسكىن تۈردە بىلدۈردى. 

شىڭزو ئابى يەنە كەسكىن تۈردە: «ئەگەر تەيۋەن ئاۋارىچىلىققا يولۇقسا، ياپونىيەمۇ ئوخشاش ئاۋارىچىلىققا يولۇققان بىلەن باراۋەر، شۇنداقلا ئامېرىكا -ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئاۋارىچىلىققا يولۇققانلىقى بىلەن باراۋەر! » دەپ ئۆزىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە خىتاي رەھبەرلىرىنى بولۇپمۇ شى جىنپىڭنى ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇردۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ۋە تەيۋەن شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىيەگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە شۇنى خىتاب قىلىدۇكى: ھەرگىزمۇ خاتا ھالدا ئىختىلاپ پەيدا قىلماڭلار، ئەگەر ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك ئېلىپ بارساڭلار ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرگۈنىڭلار بىلەن باراۋەردۇر.»

شىڭزو ئابى سۆزىدە يەنە خىتاي ئەگەر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ ھەربىي ھەرىكەت قوزغىسا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ تەيۋەن بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ياپونىيە بىلەن تەيۋەن ئىككى تەرەپنىڭ چوقۇم ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي تەرەپكە توختىماستىن نەسىھەت قىلىپ، مەسىلىنى مۇۋاپىق ۋە تىنچ بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ياپونىيە سابىق باش مىنىستىرى شىڭزو ئابىنىڭ كەسكىن تۈردە قىلغان سۆزلىرىدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇنىڭغا جىددىي تۈردە ئىنكاس بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىڭ بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شىڭزو ئابىنى ئەيىبلەپ ئۇنى تەيۋەن مەسىلىسىدە قالايمىقان جۆيلىۋاتىدۇ دەپ تەرىپلىدى. ئۇ سۆزىدە كونا سەپسەتىسى بويىچە، تەيۋەننى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە سۆز ئېچىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە ياپونىيەنىڭ تارىختا تەيۋەننى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك مۇستەملىكە قىلغانلىقىنى پەش قىلىپ ياپونىيەنى بۇ ۋاقىتلاردا تەيۋەن خەلقى ئۈستىدىن كەچۈرگۈسىز گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە تەھدىت قىلىپ ياپونىيەنىڭ تەيۋەننى مۇستەملىكە قىلغان ۋاقتىدىكى خىتاي خەلقىگە قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ قىلىنمايدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى قوغداش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسى شۇنداقلا كۈچلۈك ئىقتىدارىنى بوش چاغلىماسلىقىنى تەكىتلىدى. ۋاڭ ۋىنبىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: « كىمدەكىم مىلىتارىستلار كونا يولىغا قايتا مېڭىشنى ئويلاپ خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا پېتىنسا، چوقۇم قان تۆكۈشكە دۇچار بولىدۇ» دەپ جار سالدى.  

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيەسى بايانات بېرىپ شىڭزو ئابىنىڭ تەيۋەنگە بولغان دوستانە باياناتىنى مەدھىيەلىگەن شۇنداقلا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتايدىكى داڭلىق تور تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ۋە تاھىر ئىمىنغا ھۇجۇم قىلغان

چا دېكابىر 1 , 2021
2021-يىلىدا خىتاينىڭ تور بەتلىرىدىن «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»، «ۋاڭيى تورى»، «شىنلاڭ تورى»، «تېڭشۈن تورى»، «بەيدۇ بەيجىيا» قاتارلىق 50دىن ئارتۇق تاراتقۇلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى شۇنداقلا تاھىر ئىمىن ئەپەندىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.