ئەگەر تالىبانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خورلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ شۇ ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

 « ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ شۇ ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

تەرجىمىدە: ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24-سېنتەبىر

 

خوتەن شەھىرىدىكى سىم توسانلار بىلەن ئورالغان ئاتالمىش تەربىيلەش مەركىزى. 2018-يىلى 5-دېكابىر.(سۈرەت مەنبەسى: ئامېرىكا ئاۋازى)

ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تالىبانلار خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئافغانىستاندا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەۋاتقان چاغدا ، بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى مۇنداق دېدى: « ئەگەر ئافغانىستان تالىبانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشنى يولغا قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن».

2007-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيەدە ياشاپ كەلگەن سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇغېنى سابىت ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان تالىبانلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خورلانغان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا ئائىت بەرگەن باياناتلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: « ئەمەلىيەتتە تالىبانلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بەزى دۆلەت ياكى رايونلاردىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خورلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مۇسۇلمان گۇرۇپپىلىرىنى قوللاپ باياناتلارنى ئېلان قىلىپ كەلدى. ئۇلار پەلەستىن، كەشمىر ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سۆز قىلدى، ئىسلام ئۈممىتىنى ئورنىدىن تۇرۇشقا چاقىردى».

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئابدۇغېنى سابىتنىڭ دەپ ئېيتقاندەك، تالىبانلار ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»(شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت) دا ياشايدىغان «12مىليوندىن ئارتۇق» (ئەسلى مەنبەدە شۇنداق ئېلىنغان. ت) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خورلىنىشىغا سۈكۈتتە تۇرغان.

« خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» ۋە «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دا تەسىسى قىلغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئاشكارىلىنىشىچە ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلار ئىسلام دىنىنى ئەيىبلەشكە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن قەسەم قىلىشقا مەجبۇرلانغان، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنغان، مەجبۇرىي ھالدا تۇغۇتى چەكلەنگەن. ئەمما بېيجىڭ تەرەپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە: بۇ يەرلەر تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى بولماستىن بەلكى كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى بولۇپ، «دىنىي رادىكال ئىدىيەلەر» شۇنداقلا «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلەر» بىلەن زەھەرلەنگەن « ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارىتا تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇن ياكى مەكتەپلەر ئىكەن.

ئابدۇغېنى سابىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇرلار بىلەن ئافغانىستانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى ھەنەفىي تارمىقىغا تەۋە مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ تارىخ، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئورتاقلىقى بار ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە: « ئەگەر تالىبانلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن سۆز ئاچسا، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ئۆسۈشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۆز خەلقى ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دىنىي ئىدېئولوگىيەلەردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ».

«خەلقئارا كرىزىس» تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم باھىس مۇنداق دېدى: « تالىبانلار ھازىر مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن جەڭ بىلەن ھەل قىلىش ئىدىيەسىنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىگە كەلسەك، ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاي ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ، شۇنداقلا خەلقئارادىكى تالىبان بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەل خىتاي، ئەمما ئۇلارنىڭ شەرتى بولسا تالىبانلار چوقۇم خىتاي دۆلىتىنىڭ «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇشىدىكى شەرتلىرىنى قاندۇرۇشى كېرەك».

9-سېنتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسى بولغان « يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» تالىبان باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىندىن سورىغان:« ئەگەر كەلگۈسىدە خىتاي  تالىبان تەرەپتىن »شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ قالسا بۇ ھەقتە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇلىسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: « بىلىشىمچە دوھا كېلىشىمىدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئافغانىستاندىن ئايرىلدى، بىز يەنە شۇ نۇقتىنى ئېنىق قىلىپ تەكىتلەيمىز، ھېچكىمنىڭ ئافغانىستان زېمىنىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشىغا يول قويمايمىز.» 

«ب د ت» نىڭ 6-ئايدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نىڭ نەچچە يۈز ئەزاسى بار بولۇپ، «ب د ت» مەزكۇر تەشكىلاتنى خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان، ئەمما بۇلتۇر 11-ئايدا ئامېرىكا ئۇلارنى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىغان.

ئابدۇغېنى سابىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: « مەنچە تالىبانلار كەلگۈسى بىر قانچە ئاي ياكى بىر قانچە يىلغىچە خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە كىشىلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرالمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە تەسىر قىلىپ ئاددىي ئەسكەرلەرنىڭ قارشىلىقىنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» نىڭ ئاپتورى سېئان روبېرتسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، تالىبانلار خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئەزەلدىن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن. ئۇ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ئەمەلىيەتتە 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا خىتاي تەرەپ تالىبانلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ: ئافغانىستاندىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلالمايدىغان شۇنداقلا خىتايغا ھەرخىل شەكىلدىكى بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كېلەلمەيدىغان ھالەتتە كونترول قىلىپ كېلىشنى ئۆتۈندى. ئەمەلىيەتكە قارىساقمۇ تالىبانلار ھەقىقەتەن خىتاينىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ كەلگەندەك تۇرىدۇ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە خىتايغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولمىدى، شۇنداقلا قانۇنىي ياكى سىياسىي ھوقۇق، كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكەتلىرىدىمۇ بولمىدى.» سېئان روبېرتسنىڭ دېيىشىچە: كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇق كۈرىشىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار دىننى سىياسىي قورال قىلىپ ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: « 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقۇن ياكى جىھادى تەشكىلاتلار بىلەن بىر سەپتە ئەمەسلىكىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.»

مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «شەرقى تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى ۋە قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام ئېتىقادىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش جەھەتلەردە ئىنتايىن ئەركىن بىر ھالەتتە ئىكەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: « تالىبانغا ئوخشىمايدىغىنى، ئۇيغۇرلار ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بولۇپمۇ مائارىپ جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. كۆپىنچە ئۇيغۇرلار تالىبانلارغا ھېسداشلىق قىلمايدۇ، ئۇلارنى ناھايىتى رادىكال دەپ قارايدۇ. شەخسەن مەنمۇ تالىباننى ئاشقۇن تەشكىلات دەپ قارايمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ئىسلامنىڭ ئومۇمى تەلىمات پرىنسىپلىرىغا ماس كەلمەيدۇ. تالىبانلار دىننى ئۈنۈملۈك ھالدا سىياسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئافغانىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.»

ئەسلى مەنبە:

https://www.voachinese.com/amp/taliban-uyghurs-20210924/6242692.html?__twitter_impression=true&s=09

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گېرمانىيە سايلىمىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە خىتاي مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

جۈ سېنتەبىر 24 , 2021
گېرمانىيە پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان ھەر قايسى كاندىداتلارنىڭ خىتاي مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى

You May Like