ئېچىلمىغان سىرلار: قىرغىنچىلىقنىڭ قارا پەردىسى 7- ئىيۇل

(ۋەتەندە مىللىتىمىزنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرى ۋە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇپ ئۇچۇر يىغىدىغان،ۋە رەھمەتلىك ئۇستازىمىز نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىلىرىدىن بىرى بولغاچقا بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك گېزىت خەۋەرلىرى ،سان –سىفىرلار، تېلېۋېزوردىكى باياناتلار ھەققىدە يىغالىغان ئۇچۇرنىڭ ھەممىسىنى يىغدىم،رەتلىدىم. ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن بۇ ۋەقەدىكى بەزەن شەخسلەر ھەققىدە بىلگىنىمنى ئېلان قىلدىم .بەزەن ئۇچۇرلارنى توپلاش جەريانىدا بىر ئۇتۇقلۇق كارخانىچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بارلىق ئىمكانلارنى ۋە مۇناسىۋەت دائىرەمنى قوللاندىم.)

 

ھەبىبۇللا ئىزچى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 7- ئىيۇل

(ۋەتەندە مىللىتىمىزنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرى ۋە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇپ ئۇچۇر يىغىدىغان،ۋە رەھمەتلىك ئۇستازىمىز نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىلىرىدىن بىرى بولغاچقا بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك گېزىت خەۋەرلىرى ،سان –سىفىرلار، تېلېۋېزوردىكى باياناتلار ھەققىدە يىغالىغان ئۇچۇرنىڭ ھەممىسىنى يىغدىم،رەتلىدىم. ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن بۇ ۋەقەدىكى بەزەن شەخسلەر ھەققىدە بىلگىنىمنى ئېلان قىلدىم .بەزەن ئۇچۇرلارنى توپلاش جەريانىدا بىر ئۇتۇقلۇق كارخانىچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بارلىق ئىمكانلارنى ۋە مۇناسىۋەت دائىرەمنى قوللاندىم.)

—————————————-

5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنۇلماس بىر كۈن.شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىدىكى خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت تېرورلۇقى سىياسىتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى.

5- ئيۇل كۈنى نامايىش ۋە ۋە نامايىشتىن كېيىن مىڭلارچە ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى ۋە شەھىت قىلىندى.

ئەمما تېراگىدىيە بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى. 6- ئىيۇل ئۈرۈمچىنى تاقاپ ،ئۇمۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىشلار باشلاندى.جاللات ۋاڭلېچۈەن تېلېۋېزوردا ئوچۇق قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىگە تەھدىت قىلدى ۋە خىتاي خەلقىنى كۈشكۈرتۈپ كوچىلارغا تۆكتى.

ئۇ باياناتىدا: سىلەر ئۇيغۇرلار ئۇرۇپ چاقتىڭلار ! قانۇننى ئاياق ئاستى قىلدىڭلار! بىز خىتاي خەلقى كوچىلارغ چىقىپ ئۇرۇپ –چېقىپ مىللى توقۇنۇش كېلىپ چىقسا سىلەر جاۋاپكار دەپ ئاشكارا تەھدىت قىلدى.

ۋە ئۇنىڭ بەرگەن خىتايچە باياناتىدا ئاشكارا ھالدا خىتاي خەلقىنى ئۆزىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى. ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىما قىلىپ ناتونۇش كىشىلەرگە،يات ئىنسانلارغا دىققەت قىلىڭلار دېگەن جۈملىنى ئىشلەتتى،بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ختاي خەلقىنى كۈشكۈرتكەن چاقىرىقى ئىدى.ئۇنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 6- ئىيۇل كۈنى رابىيە قادېر سودا سارىيى ھەربى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىندى.  ۋە يېڭىدىن بېزېلىۋاتقان 3-قەۋەتتىكى بارغۇت رېستۇرانىنى ھەربىلەر باستۇرۇپ دەھشەتلىك ئۇرۇپ چاقتى. ئادەملەرنى تۇتقۇن قىلدى. ۋەقەدىن كېيىن رابىيە قادېر سودا سارىيىنى تاقىغاندا مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن ئائىلىكلەرنىڭ تۆلەم مەسىلىسى بىلەنبىر تۇققىنىمىزنى تۆلەم ئىشىغا بىللە بارغاندا ئۇ مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.ۋە ئۇ بىنادا ئولتۇرۇشلۇق تۇققىنىمىزمۇ مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەچكە پۈتۈن جەريانلارغا شاھىت بولدۇم.كېيىنچە بىنا پۈتۈنلەي بوشىتىلدى. ئاھالىلەر مەجبۇرى كۆچۈرۈلدى.سودا ساراي ۋە ئولتۇراق رايونى توساقلار ئىچىگە ئېلىندى.سودا سارايدىكىلەرنىڭ كۆپى ئالتۇن بۇلاق سودا سارىيى ،سۈبھى ،ئابلىز سودا سارىيى ۋە باشقا يەرگە كۆچتى.ئاھالىلەر باشقا يەردىن ئۆي ئېلىپ كۆچۈپ چىقىپ كەتتى . تۆلەم كۈنى ختاي ئىستىخباراتى ۋە ساقچىلار ئاھالىلەرنى رابىيە قادېر ھەققىدە نارازىلىق ئىپادىسىنى قوللانغان باياناتلار بېرىشكە ۋە بۇ يەردىن ختاي ھۈكۈمىتى ئەمەس بەلكى رابىيە قادېر خانىم كۆچۈشكە مەجبۇرلىغاندەك ئۇنىڭ ھەققىدە شىكايەتچى بولۇشقا قىستىدى.

نەق مەيداندا شۇنداق بىر دىئالوگقا شاھىت بولدۇم:رابىيە خانىمنىڭ ئوزۇن يىللىق خوشنىسى بىبى سارىخان ھاجىم (بۈسارىخان ھاجىم،مەرھۇمنىڭ كۆچۈش ئىشىدا باشتىن ئاخىر ياردەمچى بولدۇم.ئاللاھ ماكانىنى جەننەت قىلسۇن)دىن بىر ساقچى ئاپا سىزمۇ بىر نەرسە دەپ بەرمەمسىز،سىز رابىيە قادېرنىڭ كونا خوشىنىسى ئىكەنسىز دېدى.

رەھمەتلىك بۈۋى سارىخان ھاجىم : نىمە دەيمەن ،بۇرۇن مەن كىچىككەن بۇئەتراپنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ زېمىنىمز ئىدى.مال- ۋارلىقىمىزنىڭ كۆپىنى شېڭ شىسەي ئالدى.بۇلاپ –تالىدى. قالغىنىنى مەينەت ئىنقىلاپ دېدى ئولۇغ داھى ماۋجۇشى ئالدى.قالغىنى مۇشۇ كىچىككىنە ئۆيىمىز ئىدى. بۇ بىزنىڭ يىلتىزىمىز ئىدى. بۇنى ئەمدى سىلەر ئالدىڭلار ،يىلتىزىمىدىن قوپاردىڭلار!

بۇ گەپلەردىن ئالاقزادە بولغان ساقچىلار ،ما ئايال ئالجىپ قاپتۇ دەرھال چىقىڭلار دېدى .سارىخان ھاجىمنىڭ سۆزلىرىدىن  كونا –يېڭى پۈتۈن خوشنىلار بىر – بىرى  بىلەن يىغا –زارە ئىچىدە خوشلاشتى ،ھالاللاشتى.

6-ئىيۇل كۈنى خىتايلار تەرەققىيات رايونىدىكى يەر شارى مېھمانخانىسنىڭ يېنىدا ئېچىلغان ، ئىككى مىليۇندىن جىق مەبلەغ سېلىنغان كۇچارلىق مەمەتجان ئىسىملىك كىشىنىڭ بېھىشباغ رېستۇرانىنى  ئوت قويۇپ ،ئورۇپ –چېقىپ كۈكۈم –تالقان قىلىۋەتكەن بولۇپ، بۇ رېستۇراننىڭ تۆت مۇلازىمىنى نەق مەيداندا پارچىلاپ ئۆلتۈرۈپ جەسىدىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن،بىرسى مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالغان ئىدى. مەن 2016 يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئاشخانا خوجايىنى مەمەتجان ئارقىلىق بۇ بالىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىغان ئىدىم.

دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋالغان كىچىك بالىنىڭ رەسمى بولسا 7-ئىيۇل كۈنى خىتايلار ۋە پۇقراچە كېيىنگەن ھەربىلەر كالتەك – توقماق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەركەزلىك رايونىغا بېسىپ كەلگەندىكى رەسىم بولۇپ بۇ قىز شۇ كۈنى چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن ،قىزنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەن ئاكىسىمۇ كالتەكلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە جەسىدىنى ئۆيىدىكىلەرئون نەچچە كۈن كېيىن ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا دەپنە قىلغان.

ۋەقەدىن كېيىن بۇ قىزنىڭ ئائىلىسى يۇرتىغا قەشقەرگە كەتكۈزۈۋېتىلگەن.بۇ ئائىلە ئەسلى ئات بازىرىدا بەيتۇللاھ مەسچىتى تەرەپتىكى كوچىدا ناۋايخانا ئاچىدىغان بولۇپ يېڭىسارلىق بىر ئائىلە ناۋاي ئىكەنلىكىنى،ئىككى ئەۋلادىنى گۈلسايغا دەپنە قىلغانلىقىنى ۋە جەسىدىنىمۇ كۆرسەتمەستىن دەپنە قىلدۇرغانلىقىنى خوشنا دۇكاندىكى باققال كىشى ئېيتىدۇ.ۋەقە يۈز بەرگەن جاي مۇزىكا زاۋۇتىنىڭ يېنىدىكى بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئالدى،كونا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا كوپىراتىپ ئالدى.مۇنەۋۋەر بودەك خانىم كىيىم- كىچەكلىرى دۇكىنى ئالدىدىكى ئاكاتسىيە دەرىخى .باۋخېڭ سارىيىنىڭ قارشى تەرىپى.

7- ئىيۇل كۈنىدىكى قانلىق خاتىرىدىن بىرى شىمالى قوۋۇق تەرەپتىكى كونا تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېنىدا دەرەخكە  چېچىدىن ئېسىپ قويۇلغان بىر قىزنىڭ كاللىسى بولۇپ ،بۇ ۋىدىو بىر مەزگىل خىتايلارنىڭ ئارىسىدا چ چ دا تارقىلىپ يۈردى.

7- ئيۇل كۈنىدىكى پاجىئەنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئات بەيگە مەيدانى تەرەپتە ياشانغان بولۇپ چەتئەل مۇخبىرلىرىمۇ ئۇ يەرگە يىغىلغان بولغاچقا ئۇيغۇر تارىخىدا،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ قەھرامانانە كارتىنىلىرى ئۇ يەردە قالدى. بۇ كۈنى مەن بىزنى قورودىن تېشىغا چىقارمىدى.گەرچە ئارىلىق يېقىن بولسىمۇ نەق مەيداننى كۆرۈش ئىمكانى بولمىدى.

تانكا ئالدىدىكى قەھرىمان ئانا تۇرسۇنگۈل، قۇچىقىدا بالىسى بىلەن تۇرسۇننىيازخان، ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى شىلتىپ مەردانە تۇرغان دىلبەرلەر بۇ يەردە ئۇيغۇر تارىخغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.

7- ئيۇل قەھرىمانلىرىدىن تۇرسۇنگۈل خوتەندىن،ئات بەيگە مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئۆيىدىكىلەر قۇشخانىدا تىجارەت قىلىدۇ. ۋەقەدىن كېيىن خوتەنگە مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن.

تۇرسۇننىيازخاز ،قىزىل كىيىملىك قۇچىقىدا بالا كۆتۈرۈۋالغان ئايال . خوتەن لوپتىن. ئېرى ئۆمەرجان ماي قۇلۇپتا ماي گۈلى رېستۇرانى يېنىدا قورۇق يېمىش تىجارىتى قىلىدۇ.خىتاي تىبابىتى دوختۇرخانىسى ئارقىسىدىكى پەن –تېخنىكا نازارىتى قوروسىدا ئولتۇرۇدۇ.تۇرسۇننىيازخان 4- ئىيۇل كېچىسى بەشىنجى بالىسىنى تۇققان بولۇپ ،ئېرى ئۆمەرجان شۇ كۈنى يەنى 5- ئىيۇل كۈنى دۇكان ئاچقان،ۋە ۋەقەدىن كېيىن دۇكاننى تاقاپ ختاي تىبابىتى دوختۇرخانىسىدا ئايالىنىڭ يېنىدا تۇرغان.6-ئيۇل كۈنى ماي قۇلۇپ كەچلىك بازاردىكى دۇكىنىغا قاراپ بېقىش ئۈچۈن چىققان پېتى قايتا كەلمىگەن.دۇكىنى دوختۇرخانىدىن ئىككى يۈز مېتېر ئۇزاقلىقتا.ماي قۇلۇپ تىياتىرخانىسىنىڭ يان تەرپىدە ئىدى. كۆرگەنلەر بىر نەچچە پۇقراچە كېيىنگەن ختاينىڭ دۇكىنى ئالدىدىن بىر ماشىنىغا بېسىپ ئەكەتكەننى كۆرگەن .تۇرسۇننىيازخان 7- ئىيۇل كۈنى ئۆمەرجاننىڭ دېرىكىنى قىلغاچ دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغان پۇل ئۈچۈن ياردەم سورىماقچى بولۇپ،تۇغۇتىنىڭ ئۈچىنجى كۈنى ساي يولىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئات بەيگە مەيدانىغا بارغانچە قايتىپ كېتەلمىگەن .ۋە ئەتىسى كەچتە ئۆيىگە بارالىغان .

كېيىن سايباغ رايونلۇق مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئىشخانىسى خوتەن كوچىسى ئاھالە كومتىتىدىن ئۆي ئىگىسىگە تېلفون قىلىپ ئۆيدىن كۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان . تۇرسۇننىيازخان ئاخىرقى قېتىم 9- ئايدا ئولتۇرۇشلۇق بىنانى خىتاي تىبابىتى دوختۇرخانىسى سېتىۋېلىپ  بالنىس بىناسىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چېقىپ كۈچۈرۈشكە باشلىغاندا ،بىر ئەسكى تاشلاندۇق ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغان بولۇپ ئەسلىدىكى ئۆينىڭ ئۈچ ئايلىق كىراسىنى ئۆي ئىگسىگە مەن (ھەبىبۇللا ئىزچى)تۆلەپ بەردىم.ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايالنى  بىر كېچىدە ماشىنىغا بېسىپ خوتەنگە ئەكەتكەنلىكىنى دۇكان خوشنىسىدىن بىلدىم.

دىلبەر دۇنياغا مەشھۇر رەسىم كۆك مايكىلىق قىز. 7- ئىيۇل كۈنى تۇتۇپ كېتلگەن ۋە دوڭسەن قاماقخانىسىدا ئۆلگەن .  بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگۈچى كۇچار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىدىن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىزمەت گورۇپپىسى ئچىدە ئۈرۈمچىگە چىققان ساۋاقدىشىم بولۇپ ،ئۇ ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىن داۋەن تەرەپتىكى ئىتلار قوروسىدا ئولتۇراتتى. يەنى بۇ خىزمەت گورۇپپىسى بىناسى بولۇپ، بۇ قورۇنى خەلق ئىتلار قورۇسى دەيتتى. ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى ،قوغداش كۈنلۈكى سۈپىتىدە پات – پات تاماققا چاقىراتتىم.  ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ماشىنىدا قورۇغىچە ئاپىرىپ قوياتتىم. ۋە بۇ جەرياندا بىر كۈنى راھەتباغ تەرەپتىن ئۆتكەندە ،خىتاينىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھاراق –تاماكا دۇكىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،مۇشۇ كىچىككىنە دۇكانغا ماختايغا ئىككى مىليۇندىن جىق تۆلەم بەرگەنلىكىنى ۋە بەيگە مەيدانىدىكى  ھېلىقى قىز دەپ كۆك كىيىمىلك قىزنى دېمەكچى، كۇچا ئۈچئۆستەڭدىن ئىكەن ،ئىسمىنى دىلبەر دەيدۇ- دېدى .ۋە قىزنىڭ دوڭسەن رايونلۇق قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مەنمۇ بۇ بانادا قىزنىڭ ئىسمىنى بىلگەن بولدۇم.تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنىمۇ ئۇنىڭ سايىسىدە بىلدىم.

بۇرۇندىن ئەركىن ئاسيا ۋە تۈركىيەدىكى ئەھۋاللارنى،شەرقى تۈركىستانغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تامدىن ئاتلاپ ئاز تولا كۆرەتتۇق. سۇمرۇغ تېلېۋېزىيىسى قانالىنىمۇ پۇل تۆلەپ ئاچقۇزغان ئىدىم.ئەمما 5- ئىيۇلدىن كېيىن بىر مەزگىل بۇ قانالنىمۇ توختىتىۋەتتى. سۇمرۇغ تېلېۋېزىيىسىنىڭ ئىككى مۇخبىرىمۇ شۇ ۋاقىتتا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان ۋە قۇيۇپ بېرىلگەن ئىدى. كېيىن 9-ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خىتاي نامايىشىدىمۇ سۇمرۇغ تېلۋېزىيىسىنى ئىككى مۇخبىرىنى تۇتقان كۆرۈنۈش، شەھەر باشلىقى لىجى نىڭ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۈكۈمەت بالكونىدا خىتاي خەلقىگە تازىم قىلغان كۆرۈنۈشى سۇمرۇغ تېلېۋېزىيىسى قانىلىدا نەق مەيداندا قۇيۇلدى.

بۇ كېيىن بولغان ۋەقەلەر بولسىمۇ ئالاقىدار قىسمىنى ئىلگىرى بۇ يەرگە يازادىم .بۇ ھەقتە كېيىن ئايرىم يازىمەن.
(داۋامى بار.)

 
 
 
 
 
 

Uyghur Reporter

Next Post

مۇئاۋىن باش مىنىستىر تارو ئاسو: خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تەيۋەننى قوغدىشى كېرەك.

يە ئىيۇل 18 , 2021
ياپونيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ياپونىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تارو ئاسو مۇنداق دېگەن: «ئەگەر تەيۋەندە چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ياپونىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىۋاستە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ.

You May Like