د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا،قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومتىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات،قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت، جەسۇر لاگىر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىقلاردىن تەركىپ تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئىتى 25 – سىنتەبىر باشلاپ ياپونىيەگە يېتىپ كېلىپ ياپونىيەدە بىر ھەپتىدىن جىق پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ 2018 – يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

 د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيەدە  بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-ئۆكتەبىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، جەسۇر لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئىتى 25 – سېنتەبىردىن باشلاپ ياپونىيەگە يېتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ 2018 -يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان قاتارلىقلار توكيو ئايرودرومىدا قۇرۇلتاي ھەيئىتىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

شۇ كۈنى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ توكيودىكى مەركىزى ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان، مۇئاۋىن رەئىسلىرى خالمەت روزاخۇن، ئەخمەت لېتىپ ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقا ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەت جەريانىدا دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان رەئىسلىكىدىكى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ياپونىيە مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ياپونىيەدىكى پائالىيەتلەر جەريانىدا دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە توكيودا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز سۆھبەتتە قىلغان سۆزلىرىدە، دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ جەسۇر لاگېر شاھىتىمىز قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ قۇرۇلتاي ھەيئىتى بىلەن بىرگە ياپونىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن ئالاھىدە سۆيۈنۈش ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلىشتى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىشىدا ئىككى مەقسىتى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ كېلىشىدە ئىككى مەقسىتىمىز بار. ئۇزۇن مۇددەتلىكى پىلانىمىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇش، يېقىن مۇددەتلىك پىلانىمىزنى دېسەك بۇ يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قارار بىزنىڭ تەلىپىمىزدىن بەك يىراق. شۇڭا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان ئەيىبنامىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش. يەنە بىرى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا قانداق تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.»

د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ياپونىيە يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، قۇرۇلتاي ھەيئىتى ياپونىيەگە يېتىپ كەلگەندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ 10 دىن ئارتۇق مەتبۇئاتىنىڭ ژۇرنالىستلىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. 28- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەن ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلغان داڭلىق ژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو خانىم بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

قۇرۇلتاي ھەيئىتى يەنە  29-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن توكيودا ياپونىيەدىكى ھەرقايسى ساھە زاتلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياپونىيەلىك دوستلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. گەرچە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ 240 نەپەردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە زور بولغىنى ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 400 دىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ يىغىنغا يەنە ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن مىتسۇبىشى ھىرومى، ناگاو تاكاشى، مىتۇباشى لىنتارو قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بىۋاسىتە قاتنىشىپ قۇرۇلتاي ھەيئىتىگە مەدەت بەرگەن.

شەرقىي تۈركىستان ۋە ياپونىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا پارلامېنتى، كانادا، ئەنگلىيە،   ئىرېلاندىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، چېخىيە ۋە لىتۋانىيە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، لوندوندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلقئارالىق قانۇنىي ئاساسلار بويىچە ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدىنمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئۈلگە ئېلىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشىنى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى جازا ۋە ئېمبارگو تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ كۈندىكى يىغىندا يۈز بەرگەن ئالاھىدە ۋەقەلەردىن بىرى، بولۇپمۇ ياپونىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىس ئارىموتو خانىمنىڭ يىغىنغا كېلىش جەريانىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنە غالتەكلىك ھارۋىدا ئولتۇرۇپ يىغىنغا قاتنىشىشى قۇرۇلتاي ھەيئىتىنى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ئارىموتو خانىمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىپ كەلگەن غەمخورلۇقىغا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

قۇرۇلتاي ھەيئىتى  يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرگە  30-ئۆكتەبىر ياپونىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى فۇرىيا كەيجى باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم سۆھبەتتە قىلغان سۆزىدە ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ پارلامېنتىدا تۇنجى قۇرۇلغان دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئىكەنلىكىنى، ھازىر كانادا، ئامېرىكا، ياۋروپا پارلامېنتى، ئەنگلىيە، چېخىيە، بېلگىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ چىقىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئېزىلىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىققان، ئۇلارنىڭ ياپونىيەدىكى ئاۋازى بولۇپ كەلگەن ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ فۇرىيا كەيجى باشچىلىقىدىكى ئەزالىرىغا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قۇرۇلتاي ھەيئىتى ۋە دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى توكيودىكى ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئاتلىرىنىڭ ژۇرنالىستلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ياپونىيەدىكى پائالىيەت جەريانىدا قۇرۇلتاي ھەيئىتى مەرھۇم موسۇل مۇھىتىنىڭ تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شېنزو ئابېنىڭ تەزىيە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، مۇخبىرلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

ياپونىيەدىكى پائالىيەت جەريانىدا  دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات، دىلشات رىشىت ۋە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىقلار خىتاي ئىشغاليىتىنىڭ 73- يىللىقىغا قارشى 1- ئۆكتەبىر نامايىشىغا قاتناشقاندىن باشقا يەنە  ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان .

  

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مالايشىيا پارلامېنتىدا

دۈ ئۆكتەبىر 3 , 2022
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر3-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مالايشىيادىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ۋە بۈگۈن مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەردى.

You May Like