دۇنياۋى سەھنىدە ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى

دۇنياۋى سەھنىدە ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى

 دۇنياۋى سەھنىدە ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 16-ئىيۇل

ئارمان

13-ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغىچە فىرانسىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان برىتانىيە ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن Festival des Vieilles Charrues خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالىغا مىليونلىغان مەستانىلەرگە ئىگە بولغان دۇنيادىكى روك، ئېلىكترون، خىپ-خوپ ساھەسىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان سەنئەتكارلار تەكلىپ قىلىندى، بۇ قاتاردا ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن NONE SOUNDS يەنى «ئاۋازسىز» مۇزىكا گۇرۇپپىسىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. بۇ ھەقتە فېستىۋال ئورگان تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان «ئاۋازسىز» گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزىكىلىرى سىزنى قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنكى ھەتتا كەلگۈسىدىكى يېپيېڭى دۇنيا مۇزىكا ئېقىملىرىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ سېھرىي كۈچكە ئىگە 90-يىللارغا تەۋە بولغان مۇزىكا ئېلېمېنتلىرى يېڭى ئېلېمېنتلار بىلەن بىرىكىپ سىزنى قايتىدىن قۇملۇق، دالا مەنزىرىلىرىگە باشلاپ كىرىدۇ…»

بۇ ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن بوشاشماي يېڭىلىق يارىتىپ ئېلېكترون مۇزىكا ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى چولپانغا ئايلاندى، «ئۇيغۇر» سادالىرى دۇنيا سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم جاراڭلىدى.  

ئاگېنتلىقىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: « بىزنىڭ بۇ سەھنىگە چىقىشىمىز ئاسانغا توختىمىدى، قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقىمىز پەقەتلا مىللىتىمىز ئۈچۈن. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن مېھماندوست خەلق، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بالدۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە نەتىجە ياراتقان خەلقلەرنىڭ بىرى، دۇنياغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىراسىنى تونۇتۇشىمىز بىزنىڭ بۇرچىمىز. «ئاۋازسىز» مۇزىكا گۇرۇپپىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئاۋازسىز قالغان ئۇيغۇر خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز… بۇ قېتىم يۈزمىڭلىغان تاماشىبىنلار ئىچىدە بىزنى قوللىغان بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ بولماسلىقى بىزنى بىر ئاز ئەپسۇسلاندۇردى، بىز شۇ تەرىقىدە مىللىتىمىزنىڭ بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە، بىزگە مەدەت بېرىشىغا موھتاج.»

يۈزمىڭلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ سەھنىدىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن بۇ ئىككى ياش ھەسەن ۋە ئېرپانغا مەدەتلەر بولسۇن! سىلەر ئۇيغۇر نامىنى دۇنيا سەھنىسىدە قايتا نامايان قىلدىڭلار! 

 

سۈرەت مەنبەسى: «ئاۋازسىز» مۇزىكا گۇرۇپپىسى فەيسبۇك بېتى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئ‍ستانبۇلدا نارەسدە ئۇيغۇر قىزلىرىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالغۇچى تۇتۇلدى.

دۈ ئىيۇل 17 , 2023
نارەسدە ئۇيغۇر قىزلىرىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالغۇچى تۇتۇلدى.

You May Like