دۇنيا ئۇيغۇر مەسلىسدە ئىككىگە ئايرىلدى! ختتاي ئۇيغۇرلار سەۋەپلىك ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى.تۇركىيە بىلمەس بولۇۋالدى.

29-ئۆكتەبىر ئامېرىكا،ئەنگىلىيە قاتارلىق 23 غەرپ دۆلىتى ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزىۋاتقان باستۇرۇش سياسىتىنى توختىتىش ۋە لاگىرلارنى تاقاش ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ختتايغا قاتتىق بېسم چۇشۇرگەندىن كىين ئۇيغۇر مەسلىسى يەنە بىر قېتىم قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

 

 

تەييارلىغۇچى :تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
2019-يىلى 30-ئۆكتەبىر،نىيۇيورك

 

29-ئۆكتەبىر ئامېرىكا،ئەنگىلىيە قاتارلىق 23 غەرپ دۆلىتى ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزىۋاتقان باستۇرۇش سياسىتىنى توختىتىش ۋە لاگىرلارنى تاقاش ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ختتايغا قاتتىق بېسم چۇشۇرگەندىن كىين ئۇيغۇر مەسلىسى يەنە بىر قېتىم قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.
192 دۆلەت ئۇيغۇر مەسلىسدە ئىككىگە ئايرىلدى: ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ھەق مەيداندا تۇرغۇچى ئ‍امېرىكا باشلىق 22 دۆلەت ۋە ختتاينى قوللىغۇچى 54 دۆلەت ۋە بۇنىڭغا سۇكۇت قىلىپ قاراپ تۇرغۇچى 100 دۆلەتتىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلارنى قوللىغان دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە بولۇپ،ئارىسدا بىرمۇ مۇسۇلمان ياكى تۇرك دۆلىتى يوق.
ئ‍امېرىكا، ئەنگىلىيە، گىرمانيە، ئالبانىيە، ئاۋىستىرالىيە، بىلگىيە، كانادا، دانىيە، ئىستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە ،ئىسلاندىيە،ئىرلاندىيە،ياپۇنىيە،لاتۋىيە، لىتۋانىيە، لاكسىمبىرىگ، گوللاندىيە،،يىڭى زىنلاندىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە،
ئەنگىلىيەنىڭ ب د ت ت تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارىن پېرىس ئ‍ۇيغۇرلارنى قوللىغان 23 غەرپ دۆلىتىگە ۋاكالىتەن ب د ت ئ‍نسانى ھوقۇق ئومۇمى يېغىنىدا سۆز قىلىپ،ختتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.ئۇنىڭ ئارقىدىن بىلاروسيە باش ئەلچىسى ۋالىيتىن رىباكو ختتاينى قوللىغان 54 دۆلەتكە ۋاكالىتەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍نسانى ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى،تىرورلۇق ھۇجۇمىنڭ ئازلاپ ،شنجاڭنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى »تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ختتاينى تەنقىد قىلغاندىن كىين ،ختتاي مۇئاۋىن تاشقى ئ‍شلار منستىرى ۋە ب د ت ۋەكىلى جاڭ جۇن سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى:رايوننى بىز بىخەتەر قىلدۇق،تىرورلۇق ئازلىدى،ئامېرىكا بىر تەرەپتىن سودا قىلىمىز دەپ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەسلىسنى كوزىر قىلىپ،سودا كىلىشمىگە تەسر كۆرستىۋاتىدۇ.ئامېرىكا سودا كىلىشمىگە كىلىدىغان ئاقىۋەتتىن ئويلىششى كىرەك».خىتتاينىڭ بۇ تەھدىتىگە قارىتا ئامېرىكا ب د ت ۋەكىلى كەللى كىرافىت مۇنداق دىدى:بىز كىم بولسا بولسۇن،ختتاي ياكى باشقى دۆلەت بولۇشدىن قەتئىنەزەر قەيەردە ئ‍نسانى ھوقۇق دەپسەندە بولىدىكەن،بىز ئېزىلگۇچىلەر تەرەپتە تۇرىمىز».
ئۇيغۇرلارغا قارشى ھالدا ختتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان 54 دۆلەت ئارىسدا كۆپ قسمى ئوتتۇرا شەرق،ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بولۇپ،مۇسۇلمان دۆلەتلىرى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.تۇركىيە بۇ قېتىم ئ‍وخشاشلا مەيدانىنى بىلدۇرمەي ،ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سياستىگە بىلىپ تۇرۇپ سۇكۇت قىلغان تاماششا كۆرگۇچى دەپ بولۇپ قالدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتايدا «چوشقىلار يەنە بىر قېتىم ئۇچۇپ»، پۈتۈن دۇنيادىكى چوشقىلارنى قوزغىۋەتتى.

چا ئۆكتەبىر 30 , 2019
يېقىنقى ئون كۈن ئىچىدە خىتايدا مال باھاسىنىڭ يەنە بىرقېتىم ئۆسىشى ئىستىمالچىلارغا قاتتىق بېسىم ئېلىپ كەلدى. مال باھاسى ئوخشىمىغان يەرلەردە ھەر ساھەدە پەرقلىق ھالدا ئۆسكەن بولۇپ، كۆرنەرلىك دەرىجىدە باھاسى ئۆسكىنى يەنىلا گۆش تۈرى بولدى.

You May Like