دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيدا ئىككى ئۇيغۇر رەھبەرلىك كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-نويابىر

لېتۋانىيە ۋىلنىيۇس شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىي» تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىينى ئاچتى.56 دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق دىموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق ھېمايىچىلىرى 34 كىشلىك رايون خاراكترلىك رەھبەرلىك ۋە ستىراتىگىيە كوللىكتىۋي سايلاپ چىقتى.

دولقۇن ئەيسا ۋە ئ‍ۆركەش دۆلەت ئاسيا تىچ ئوكيان رايونىغا ۋاكالىتەن رەھبەرلىك كېڭىشىگە سايلاندى.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي-لتيۋانىيە تاشقى ئ‍شلار منسىتىرىنىڭ باشلىنىش نۇتۇقى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە غەرپتە ئىچىلىۋاتقان دىنى ئەركىنلىك، دىموكراتىيە،كىشلىك ھوقۇق ساھەسدىكى چوڭ يېغىنلارنىڭ بىرى ھسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر قۇرۇلتايدا يەنە، دىكتاتۇر دۆلەتلەردە قامىلىۋاتقان بىر مىلىيوندىن ئارتۇق سياسى مەھبۇسلارنى ئازات قىلىش قوللانمىسى تارقىتىلغان.

قۇرۇلتاي يەنە دۇنيادا دىكتاتۇر تۈزۈم ئاستىدا ياشاۋاتقان 70 پىرسەنتتىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام بولغان تۈزۈم ئالمىشىشى ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان كۆرسەتمىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

كۆچمەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بىرىشكە ھىچقانداق پىدائىي تېزىملاتمىدى

پە نويابىر 9 , 2023
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-نويابىر ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بۇنىڭدىن 6 كۈن بۇرۇن ئامېرىكىغا كىلىۋاتقان كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمە خىزمىتى ئۈچۈن پىدائى قوبۇل قىلىش ئ‍ىلانى چىقارغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئ‍ىلان چىقىرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى،ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئ‍سلام مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشپ، ئۇلارنىڭ تەرجىمە پىدائىيلىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى جەزىملەشتۈرگەنىدى. ئەمما ھازىرغا قەدەر […]
پىدائىيلار

You May Like