دولقۇن قادىر: دەۋرىمىزنىڭ مۇتەپپەككۇرلىرى كىم؟

ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردە دەۋرىمىزنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار ۋە مۇتەپپەككۇرلار ئوخشىمىغان شەكىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى مۇتەپپەككۇرلار ھەققىدىمۇ تۈرلۈك قاراشلار ۋە تالاش ـ تارتىشلار مەۋجۇت.

ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردە دەۋرىمىزنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار ۋە مۇتەپپەككۇرلار ئوخشىمىغان شەكىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى مۇتەپپەككۇرلار ھەققىدىمۇ تۈرلۈك قاراشلار ۋە تالاش ـ تارتىشلار مەۋجۇت. بىز بۇ ھەقتە، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، مىللەتلەر ئۈن ـ سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات مۇئاۋىن ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ــ مەدەنىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دولقۇن قادىر ئاكىمىزنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. تارىختا ھەر خىل دەۋرلەردە شۇ دەۋرنىڭ سەر خىللىرى ياكى مۇتەپپەككۇرلىرى ھەر خىل كەسپ شەكلى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، قەدمكى گرىك دەۋرىدە سوقرات، ئارستوتېل دېگەندىك سەر خىللار پەيلاسوپ شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. 10-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا دىن ياراتقۇچىلار ياكى دىن ساھەسىدىكىلەر ئىنساننىڭ روھىي تۈۋرۈكى بولغان. 10-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر مۇتەپەككۇر ھېسابلانغان. مەسىلەن، داۋىنچى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەندىك. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە يېڭى قۇرۇقلۇق تاپقۇچىلار ۋە ھازىرقى زامان پەن ـ تېخنىكىسىنى بەرپا قىلغۇچىلار مەدەنىيەتنىڭ باشلامچىلىرى بولغان. بۇ يەردە كولومبونى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. 18-ئەسىردىن كېيىن سانائەت ئىنقىلابىدىكى كەشپىياتچىلار ۋە زاۋۇت ئىگىلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئىنتېرنېت تورىنى ۋاستە قىلغان كارخانىچىلار قەھرىمانلاردۇر. دېمەك، تەبىئىي ھالدا شۇ دەۋردىكى سەر خىللار باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك ئىجتىمائىي مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلار ئېرىشكەن شەرەپمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭا بىز مۇشۇ دەۋرنىڭ مۇتەپپەككۇرلىرى بولغان كارخانىچىلارنىڭ مۇشۇ دەرۋدىكى ئەڭ ئىلغار كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
 
 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ختتاي شەرقى تۈركستاندا <<مەدەنىيەت تەشۋىقاتى>>نى كۈچەيتىمەكتە

سە ماي 1 , 2018
ختتاي خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشچە: 2017-يىلى 10-ئىيۇنغىچە،<< ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى» ھەم «5-نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»نىڭ ئاساسىي […]

You May Like