دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات ۋە نۇرى تۈركەل قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەكىللەر تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى.

ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى، تۇرسۇنجان، 8-سىنتەبىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە رەئىسى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى دىرىكتورى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى كومسسارى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار تەيۋەن مەركىزى تەيبي شەھىرىدە «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك يېغىنى»غا قاتنىشش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن.

بۇ دولقۇن ئەيسانىڭ 15 يىللىق ساياھەت چەكلمىسدىن كىين تەيۋەنگە كىرەلىشى بولۇپ ھسابلىنىدىكەن.

«خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك يېغىنى» (International Religious Freedom Summit)-يىللاردىن بىرى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن بولۇپ،

بۇ قېتىملىق يېغىننىڭ تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ تەيۋەنگە كىرىشى-مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەيۋەن-نۆۋەتتە دۇنيادا ختاي كومپارتىيسگە قارشى ئەڭ كەسكىن قارشى تۇرىۋاتقان، ھەتتا ختاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بىردنبىر ئالدىنقى سەپ. ئۇيغۇرلار بولسا ختاي ھاكېمىيتىنىڭ مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىقىغا بىۋاستە ئۇچراۋاتقان ۋە دۇنيادا ختايغا قارشى ئ‍تتېپاقداشلارنى كۈنسايىن كۈچەيتىۋاتقان بىر خەلق.بۇلارنىڭ ختايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇشى-ختاينى ئەڭ قاتتىق بىئارام قىلىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدىكى بىر قسم يارقىن نۇقتىلار:

شە سېنتەبىر 9 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىدىن تۇرغۇنجان تەييارلىدى *ئامېرىكا ختاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق بىلەن شەرقى ئاسيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرسدىكى تارىخى قۇرۇلۇش-پويىز يولى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. *ختاي دۆلەت رەئىسى شى بۇ قېتىملىق مۇھىم يېغىنغا قاتناشمىدى، ئورنىغا باش منستىر لى كېچىياڭنى ئەۋەتتى.بىر قسم تاراتقۇلار:«ختاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى […]
ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدا

You May Like