دوغۇ پىرىنچەك خابەر تۈركتە نۇرسمانگۇل ئابدۇرشتنى ئەلقائىدە ئەزاسى، تېررورىست دېدى

تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتارى بولغان ئەڭ چوڭ تاراتقۇلىرىدىن بىرى خابەر تۈرك 29- يانۋار ئېلىپ بارغان تېلېۋزىيە زىيارىتىدە، خىتايپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان ۋەتەن پارتىيسى لىدىرى دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سۆزلىرىگە ئالاھىدە، ھەتتا قايتا-قايتا ئورۇن بەرگەن. دوغۇ پىرىنچەك ئەڭ مۇھىم سۆزلىرىنى مۇنداق قايتا تەكىتلىگەن: «ئىي پارتىيەنىڭ كۇرسىغا چىقىپ سۆزلىگەن ئۇ خانىم -ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇ خانىم – ئامېرىكا خىتايغا قارشى قوللانغان، ب د ت ۋە تۈركىيە تېررورچى دەپ ئېتىراپ قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەزاسى.، تېررورىستتۇر.» دېگەن.

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 29- يانۋار

خابەر تۈرك رىياسەتچىسى ھۇليا كۆكەنلى دوغۇ پىرىنچەككە بېرىلگەن ۋاقىتنى ئۇدا نەچچە قېتىم سوزۇغان، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى بۆلگەن، ھەتتا يېتەرلىك ۋاقىت بەرمىگەن. ھۇليا كۆكەنلى ھەتتا ئۈچ قېتىم مۇنداق دېگەن: «ئۇ خانىم ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇ خانىم ئۇيغۇر ئەمەس.»

دوغۇ پىرىنچەك يەنە قايتا يېغىنچاقلاپ مۇنداق دېگەن: «سۆزۈمنى قايتا تەكىتلەيمەن، ئىي پارتىيەنىڭ كۇرسىغا چىققان ئۇ خانىم ئەلقائىدە ئىچىدىكى دائىشقا قوشۇلغان، دائىشقا قارشى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى جەريانىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى مەھمەتچىككە ئوق چىقارغان تەشكىلاتنىڭ ئەزاسدۇر ۋە ئادىمىدۇر. شۇنداقلا ئۇنىڭ فەتوچى ھەرىكەتلەردە رەسملىرى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسنى تۈركىيە جامائىتىگە سۇنىمىز، ئىيى پارتىيە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كۇرسىغا تېررورچىلارنى چىقارماقتا.»

دوغۇ پىرىنچەك ئىلگىرى كۆپ قېتىم: «تۈركىيەنى بىز باشقۇرىمىز.»  دېگەن. ئۇ يەنە يېقىنقى سايلام نۇتۇقلىرى ۋە تېلېۋىزىيە زىيارەتلىرىدە، ئاق پارتىيەگە ئاۋاز بەرگىنىڭىز – بىزگە بەرگەن بىلەن ئوخشاش، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ سياسەتلىرىمىزنى قوللىنىدۇ.» دېگەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

رېيتېر ئاگېنتلىقى: دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئامېرىكا خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك!

شە يانۋار 30 , 2021
بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جاك سۇللىۋان جۈمە كۈنى مونۇلارنى بىلدۈردى: «ئامېرىكا خىتاينىڭ <شنجاڭ> دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرغانلىقى ۋە تەيۋەنگە قىلغان مۇئامىلىسى ئۈچۈن قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشى كىرەك.»

You May Like