دىموكراتىك ئۆلچەم ۋە ب د ت ئېتىراپ قىلغان سايلام ھوقۇقى:

دىموكراتىك ئۆلچەم ۋە ب د ت ئېتىراپ قىلغان سايلام ھوقۇقى:

دىموكراتىك ئۆلچەم ۋە ب د ت ئېتىراپ قىلغان سايلام ھوقۇقى:
پۇقرالارنىڭ سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى-ئنسان ھوقۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم قسمىدۇر.
خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت كىشلىك ھوقۇق كومېتىتى سايلام ئشخانىسى بېكىتكەن قائىدىلەردە ئۈچ خىل ئاساسى ھوقۇق سايلامنىڭ ئاساسى ئۆلچىمى ھسابلىنىدۇ:
بىرىنچى: ئاممىۋى، ھۆكۈمەت ئشلىرى ۋە سياسەتكە قاتنىشش ھوقۇقى (پارتىيە تەشكىللەش ھوقۇقى, سياسەت تۈزۈش، ھۆكۈمەتنى ھسابقا تارتىش، ئەرز قىلىش، تەنقىد قىلىش، نامايىش قىلىش ھوقۇقى، سياسەت تەۋسيە قىلىش-سياسەت ئۆزگەرتىش ھوقۇقى )
ئىككىنچى: بىلەت تاشلاش ھوقۇقى
(خالىغان كىشى ياكى پارتىيەگە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن، مەجبۇرلانماستىن، ئالدانماستن، تەھدىت سلىنماستىن بىلەت تاشلاش ھوقۇقى)
ئۈچىنچى: ئۆزى سايلىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مۇلازىمەت ۋە خىزمەت قىلىشقا ئېرىشش ھوقۇقى.
(ئۆزى بىلەت تاشلىغان، سايلىغان ھۆكۈمەت ۋە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بېخەتەرلىك، مائارىپ، سەھىيە، قاتناش قاتارلىق ئاساسى ھايات ساھەلىرىدە مۇلازىمەت قىلىشغا ئىرىشش ھوقۇقى ۋە ئەگەر تەمىنلىمىسە،ھۆكۈمەتنى سوراققا تارتىش، ھساب سوراش، ئۆزى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئەرز-شكايەت ۋە قارشى تۇرۇش قىلىش ھوقۇقى)
قسقىچە چۈشەنچە:
پۇقرالار خالىغان پارتىيە، تەشكىلات، شەخسلەرگە بىلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە.
سياسى پارتىيەلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرلاش، قورقىتىش، ئالداش ھوقۇقى يوقتۇر.
پۇقرالار ئۆزى بىلەت تاشلىماقچى بولغان پارتىيە ياكى شەخسلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ، ئۇچۇر ئىگەللەش، ئۆزىگە پايدىلىق قانداق سياسەتلەر بارلىقى ھەققىدە ۋەدە ئىلىش ھوقۇقىغام ئىگە.
ئوخشمىغان پارتىيەلەرگە بىلەت تاشلىغان كىشلەرنى ھاقارەت قىلىش، قورقۇتۇشقا،م يېتىم قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
ھىچكىمنىڭ پۇقرالارنى ئۆزىگە بىلەت تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاياتى، ئابرويى، ئېقتسادىغا زىيان سلىش ھوقۇقى يوق.
ھىچكىمنىڭ دىموكراتىك سايلامدا ئوخشمىغان سياسى پارتىيەگە بىلەت تاشلىغان كىشلەرنى دىن، ئىرق، جىنس، مىللەت دۈشمىنى سۈپىتىدە تەھدىت سىلىش، قورقۇتۇش ھوقۇقى يوق.
سايلام -ئوچۇق-ئاشكارا ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك.
سايلام-ئادىل ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك.
سايلام-ئەركىن ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

تاھىر ئىمىن: خوڭكوڭ دائىرلىرى يالغان سۆزلىدى..

شە ماي 27 , 2023
تاھىر ئىمىن: خوڭكوڭ دائىرلىرى يالغان سۆزلىدى. ۋاشنگىتون دى سى دا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر تايمىزنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن بىرلەشمە ئاگېنىتلىققا مۇنداق دىدى: «ئەگەر ئۇ خوڭكوڭغا كىرمىگەن بولسا،ئۇ ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە يېقىن دوسلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرگەن بولاتتى.خوڭكوڭ دائىرلىرىنىڭ باياناتى ئوچۇق يالغان ۋە بۇ خوڭكوڭنىڭ ختاي كومپارتىيەسنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا بويلاپ قوغلاپ تۇتۇشغا شرىكلەشلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشىدۇر.

You May Like