دىلنۇر رەيھان فىرانسىيە ئازاتلىق گىزىتىدە ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى

فىرانسىيەنىڭ داڭلىق گىزىتى لىبىغاسىيون( ئازاتلىقLibération) گىزىتىدە ئاۋانگارت ئۇيغۇر زىيالىي دىلنۇر رەيھان تونۇشتۇرۇلۇپ ماقالە ئىلان قىلىنغان.

تارىم

 

2020-11-6

 

ئ‍ۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

 

 

فىرانسىيەنىڭ داڭلىق گىزىتى لىبىغاسىيون(  ئازاتلىقLibération) گىزىتىدە ئاۋانگارت ئۇيغۇر زىيالىي دىلنۇر رەيھان تونۇشتۇرۇلۇپ ماقالە ئىلان قىلىنغان.

 

ماقالە گىزىتنىڭ ئارقا باش بىتى « پورتىرىت» سەھىپىسىدە، جەمىيەتكە ئالاھىدە تۆھپىسى بولغان ياكى جەمىيەتنى مەلۇم نۇقتىدا ئالغا سۈرگەن ئاۋانگارت شەخىسلەر توغرىسىدا يىزىلىدىغان بولۇپ، 4- نويابىرلىق سانىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى قۇرغۇچىسى دىلنۇر رەيھان توغرۇلۇق ماقالە ئىلان قىلىنغان. ماقالىدە دىلنۇر رەيھاننىڭ ئۆمۈر مۇساپىلىرى، بالىلىقىدىن تارتىپ، بۈگۈنكىچە بىشىدىن ئۆتكەن ئالاھىدە ئىشلار، كۆرەشلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرغان. دىلنۇرنىڭ فىرانسىيەدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىدىن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى قۇرغانلىقى ۋە فىرانسىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر سەپداشلىق گۇرۇپپىسىنى قۇرغانلىقى يىزىلغان.

 

دىلنۇر رەيھاننىڭ فىرانسىيەدىكى چوڭ گىزىتلەردە ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلۇشى تۇنجى قىتىم ئەمەس، فىرانسىيەدىكى يەنە بىر چوڭ گىزىت:« Le Monde دۇنيا گىزىتى» ھەم ئۆتكەن يىلى دىكابىردا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ۋە قۇرغۇچىسى دىلنۇر رەيھاننى تونۇشتۇرۇپ تەپسىلىي خەۋەر يازغان. ئۇندىن باشقا يەنە فىرانسىيە خەۋەر ئاگىنتلىقى يازغان. بۇ قىتىم داڭلىق ئازاتلىق گىزىتى «پورتىرىت» سەھىپىسىدە يىزىلىشى يەنە بىر ئالاھىدە تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئىش ھىسابلىنىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەن تونۇغۇچى كودى

جۈ نويابىر 6 , 2020
خىتاينىڭ ئېلېكتىرونىك نازارەت ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان جېجياڭ داخۇا تېخنىكا شىركىتىنىڭ، چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى ئىجرا قىلىدىغان سۇنى ئەقىل يۇمتېلىدا ئۇيغۇرلار تونۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئىرقىي تونۇغۇچى بىر كودنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

You May Like