ئامېرىكا پرېزىدېنتى: «ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى سۈرىيەدە دائىش يېڭى لېدىرىنىڭ كاللىسىنى ئالدى»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى: «ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى سۈرىيەدە دائىش يېڭى لېدىرىنىڭ كاللىسىنى ئالدى»

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 03-فېۋرال

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ۋاشىنگتوندا 3-فېۋرال كۈنى جىددىي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە دائىشنىڭ خەلقئارا لېدىرى ئەبۇ ئىبراھىم ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشى (Abu Ibrahim al-Hashimi al-Qurayshi)نىڭ كاللىسىنى ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.

بايدىن مۇنداق دېدى: « ھاجى ئابدۇللا دەپ ئاتالغان بۇ تېررورچى 2019-يىلدىن باشلاپ دائىشنىڭ يېڭى لېدىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ سۈرىيەدىكى مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل. بىز پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولماسلىق ئۈچۈن ئۇ تۇرۇۋاتقان بىنانى پارتلىتىشتىن كۆرە، نەق مەيدانغا ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتتۇق،قورقۇنچاق ھاجى ئابدۇللا ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە بالىلىرى ۋە باشقا ئاياللار بىلەن قوشۇپ پارتلىتىپ، ھاياتىنى ئاياغلاشتۇردى.

ئۇ يەنە مىڭلىغان يەزىدى ئاياللارنىڭ خورلىنىشى، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا مەسئۇل. ئۇنىڭ يوقىلىشى  تېررورچىلارغا بىر سىگنال. بىز بۇ ھەرىكەتكە كۈچ چىقارغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى ۋە كۇرد پەشمەرگە ئارمىيەسىگە رەھمەت ئېيتىمىز.»

ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھاجى ئابدۇللانىڭ ئۆلۈمى بىلەن دۇنيا تېخىمۇ تىنچ ماكان بولغۇسى.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

غۇلجا قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماڭ

پە فېۋرال 3 , 2022
غۇلجا قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماڭ

You May Like