تۈركىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ھۆكۈمەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ھۆكۈمەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 15-دېكابىر

ھەبىبۇللا ئىزچى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كېلەچەك پارتىيەسى باشلىقى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى 2022بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. 

ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ۋىدىئولۇق باياناتىدا مۇنۇلارنى دەپ ئۆتتى:

«شەرقى تۈركىستاندا ئاخىرقى يىللاردا ياشانغان تراگېدىيەلەر ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى داغلىدى. خىتاي دۇنيانىڭ كۆزىدە جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، گۈزەل تۈركچىمىزنى، ئانا تىلىمىزنى، دىنى ئىبادەتلىرىمىزنى چەكلەپ، ئۆيلەرگە قېرىنداش ئائىلە پىلانى نامىدا ياتلارنى يەرلەشتۈرۈپ، ئوپئوچۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، شەرقى تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى، مەنىۋى كىملىكلىرىگە ۋە غۇرۇرىغا تاجاۋۇز قىلماقتا. خىتاي شەرقى تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىمەكتە.

خىتاي شەرقى تۈركىستاندا  ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتسىمۇ، ئەنقەرەگە ئوخشاش پۈتۈن قىممىتىمىزنىڭ،كىملىكىمىزنىڭ، مەنىۋى قىممەت قارىشىمىزنىڭ پايتەختىدە، خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىغا قارىتا كەسكىن بىر ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك باياناتنىڭ بېرىلمىگىنى بۈگۈنكى ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ يۈز قىزارتقۇچى گۇناھىدۇر، مەسئۇلىيەتسىزلىكىدۇر!

بۈگۈن بىز ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەتكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىمىز، ئىچىدە ئامېرىكا ،كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش قارارى ئالدى. 

ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەت بۇ قېتىم تىلىمىزنىڭ، مەنىۋىيىتىمىزنىڭ مەركىزى بولغان شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى ئىپادىسىنى ئوچۇق قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك!

ئەلۋەتتە، تەكرار پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا شۇنى دەيمەنكى: ھەركىم سىلەرنى ئۇنۇتسا، بىز سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز! 

ۋە ئەنقەرەدىكى، يۈرەكلىرى ،ۋىجدانلىرى بۇ زۇلۇمغا قارشى ئاۋازىنى چىقارمىغان ئەمما  ئۆزىنى  مەزلۇملارنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىدىغان، ئىقتىداردىكى ھۈكۈمەتكىمۇ چاقىرىق قىلىمەن: ئارتۇق يېتەر! بۇ زۇلۇمغا قارشى ئاۋازىڭىزنى چىقىرىڭ! خەلق سىزلەردىن بۇ زۇلۇمغا قارشى ئاۋازىڭىزنى چىقىرىشىڭىزنى ۋە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشىڭىزلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ! ۋە شۇنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ!
بۇنىڭ بىردىنبىر يولىمۇ خىتايدا ئىككىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشتۇر!»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

چا دېكابىر 15 , 2021
فىرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like