د ۇ ق رەھبەرلىرى خەلىقئارا «ئەھمەدىيە» يىغىلىشىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-05

مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە خەلقىگە قاراتقان مىللىي داۋايىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاينىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى لوندۇندا 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە زىيارەتتە بولدى.

بۇ قېتىملىق يىغىن خەلىقئارا «ئەھمەدىيلەر » جامائىتى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 مىڭدىن ئارتۇق جامائەت ئەزاسى، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، فىللاندىيە قاتارلىق 37دۆلەت ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا پارلامىنتىنىڭ 8 كىشلىك ۋەكىلى، ئەنگىلىيە ھۈكۈمەت مىنىستىرى ئەھمەت تارىق، ب د ت باش كاتىپ ياردەمچىسى كىرەم خان قاتارلىق مۇھىم كىشىلەر قاتناشقان. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشۈپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللىغان 50 دۆلەتكە قارشى سەپەرۋەرلىك قوزغاش پائالىيتى ئېلىپ باردى.

د ۇ ق رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىش، ئەھمەدىيلەر جامائىتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئەھمەد ئابدۇسالام ئىسلام دۇنياسىدىن بىردىنبىر نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ئالغان دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ ئوغلى بولۇپ، دوكتۇر ئابدۇسالام ئەينى ۋاقىتتا روشەن ئابباس خانىمنىڭ دادىسى ئابباس بورھان ئەپەندىم بىلەن چەتئەللەردە ۋە قەشقەردە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەتشكەن دوستلۇق ئورناتقان ئىكەن. بۇ قېتىملىق يىغىن جەريانىدا دوكتۇر ئابدۇسامنىڭ ئوغلى بۇ دوسلۇقنىڭ ۋاپاسى سۈپىتىدە روشەن ئابباس خانىمنى ۋە د ۇ ق رەھبەرلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان شۇنداقلا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يۇقرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرەشتۈرۈپ ئۇيغۇر ۋەزىيتىنى ئاڭلاتقان.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۆمەر قانات ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرزىنتى بىلەن كۆرۈشتى

دۈ ئاۋغۇست 5 , 2019
تەييارلىغۇچى: سايئوغلى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-08-05 بۈگۈن 8-ئاينىڭ 5-كۈنى د ۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندىم ئاقسارايدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرزىنتى مايىك پەنىس ۋە ئۇنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ياردەمچىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۆمەر قانات ئەپەندىم ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك ھىسابىدا بۈگۈندىكى كۆرۈشۈشنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى يازدى. https://www.facebook.com/photo.php?fbid=10214111161844380&set=a.3598944063578&type=3&eid=ARCsRBynjlNyma9zMKfO5IqYf0ZUgxaflRJft3zGiv6QF3JiyjxvIEtpiwz8Zv8o9ttM0GZVLajnEya_
ئۆمەر قانات-مۇئ‍اۋىن پىرەزدىنت بىلەن كۆرۈشتى

You May Like