COSCO نىڭ گرېتسىيە پورتلىردا كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى قارشىلىقلارغا يول ئېچىۋاتىدۇ

‏‎‎يەرشارى بىرلەشمە گەۋدىسى خىتاي COSCO ترانسپورتى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئەڭ ئاۋات ترانسىپورت مەركىزىگە ئايلانغان گرېتسىيەنىڭ پىراۋۇس پورتىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-يىلى 30-دېكابىر

 


‏‎‎يەرشارى بىرلەشمە گەۋدىسى خىتاي COSCO ترانسپورتى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئەڭ ئاۋات ترانسىپورت مەركىزىگە ئايلانغان گرېتسىيەنىڭ پىراۋۇس پورتىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.

 

2008- يىلى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بەرگەندە خىتاي گرېتسىيەنىڭ ياردەم چاقىرىقىغا تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرغاندىن بۇيان، گرېتسىيە پورتلىرىغا ۋە باشقا ئۇل -ئەسلىھەلىرىگە نەچچە يۈز مىليون دوللار مەبلەغ سالغانCOSCO ھازىر ساياھەت پاراخوتى ۋە پويىزلىرىنى پورتقا ئەكىلىپ، پاراخوت ياساش ۋە رېمونت قىلىش ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىشنى تېزلەشتۇردى. لېكىن، گرېتسىيەدە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا COSCO نىڭ ئۇسۇلى ۋە ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدىكى داۋالغۇشنىڭ كۈچىيىشى بۇ گۇرۇپپىنىڭ 2019-يىلى تۆتىنچى بولغان پىراۋۇسنى ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات پورتلار قاتارىغا كىرگۈزۈش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.

 

‏«COSCO»خىتاي يىراق ئوكيان ترانسىپورت (گۇرۇھى) ‏‎(خىتايچە: (中国远洋运输(集团) خىتاينىڭ توشۇش ۋە ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت شىركىتى. COSCO نىڭ 130 دىن ئارتۇق پاراخوتى بار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىڭلىغان پورت بار. ئۇ كونتېينېر پاراخوتى سانى جەھەتتە ئالتىنچى چوڭ شىركەت، ئومۇمىي كونتېينېر مىقدارى جەھەتتە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ. شىركەتنىڭ باش ئورگىنى بېيجىڭنىڭ شىچېڭ رايونىغا جايلاشقان.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئىنتېرنېتتا ئەخلاق كرىزىسى

چا دېكابىر 30 , 2020
ئىنتېرنېت ھەرخىل شەكىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىريەرگە يىغىش، بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش، كىشىلەرنى ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش، كىشلەرنى كىشلەرگە، كىشىلەرنى ئۇچۇرلارغا باغلاپ ئۆزئارا ئالاقە شەكىللەندۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان تېخنىكىلىق ئاساس بولۇپ، بۇ ئاساسقا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇلاردىن ئەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىۋاتقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دەپ ئاتىلىۋاتقان فەيسبۇك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش فۇنكىسىيەگە ئىگە ۋاستىلەردۇر.

You May Like