چوڭ خەۋەر: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك 2022- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشۋاتىدۇ.

چوڭ خەۋەر: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك 2022- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر يۈرەك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- ئاپرېل

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نەد پىرايىس سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشپ، بېيجىڭنىڭ 2022- يىللىق ئولىمپىكنى بىرلىشپ بايقۇت قىلىش ھەققىدە ئويلىشۋاتىدۇ. ئاخىرقى قارار ئالدىمىزدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا ئەنگىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت، كانادا قاتارلىق 30 دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىتايغا قارشى جازا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 30 دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتايغا قارشى جازا يۈرۈش قىلغان تۇنجى ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.

 

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا سەھيە تەشكىلاتىغا بېسم چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ كورونا ۋېرۇسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاشكارا بولمىغان دەپ، قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھيە تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر تەدروس تۇنجى قېتىم: «خىتاي دۇنيا سەھيە تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە ماسلاشمىدى.» دەپ بايانات بەردى. بۇ دۇنيادا زور زىلزىلە قوزغاپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتايغا قارشى بىرلەشتۈرۈشتىكى ئىككىنچى چوڭ غەلبىسى دەپ قارىغان ئىدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

يېڭى قەدەم: ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ جان تومۇرىغا ئۇردى - يەتتە چوڭ كومپىيۇتېر شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

جۈ ئاپرېل 9 , 2021
بايدىن ھۆكۈمىتى يۇمشاق گەپ بىلەن قاتتىق ھەرىكەتكە ئۆتتى. 8- ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ كۈچلۈك يەتتە كومپىيۇتىر شىركىتىنى خىتاينىڭ ئارمىيە تەرەپ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى توڭلىتىش مەزمۇن قىلىنغان مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈردى.

You May Like