ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە ژۇرنىلى
2018- يىل 12- نويابىر
تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم قىزى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
كلاۋدى ئارپى(تىبەت، خىتاي، ھىندىستان ۋە ھىندى- فىرانسىيە مۇناسۋەتلىرى ئوبزورچىسى)
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى يېقىندا نەشىر قىلغان »خىتاينىڭ ئىدىئولوگىيىدىكى ۋىرۇسنى تازىلاش نامىدا شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش- پائالىيەتلىرى« ناملىق 117 بەتلىك دوكىلات خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، قىيىن- قىستاققا ئېلىپ خورلاۋاتقانلىقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىش- پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئورگانلارنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، 13 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان تۈرك مۇسۇلمان خەلقى پۈتۈن رايون خاراكېترلىك ھالدا سىياسى تەلىم- تەربىيىگە مەجبۇرلىنىپ، كوللېكتىپ جازالىنىش، ئىش- پائالىيەت ۋە ئالاقىنىڭ تەقىپكە ئېلىنىشى، دىننىڭ چەكلىنىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك نازارەت سېستىمىسى ئاستىدا ياشاش قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ بولغان زۇلۇملارغا دۇچار بولماقتا.
زۇلۇمنىڭ تارىخى
بلۇمبېرگ مېدىياسىنىڭ ب د ت نىڭ تەكشۈرۈشىدىن نەقىل ئېلىپ ئېيتىشىچە، »خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىبۇرۇن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. مەسچىتلىرى تاقالغان، چېگرا ئاتلاپ سەپەر قىلىش مەنئىي قىلىنغان، بىر زامانلار قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭ – )ش ت( ھالا بۈگۈنكى كۈندە شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە قىياپەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن بىر قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىپ قالغان.« ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن خورلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ھەرگىزمۇ يېڭىلىق ئەمەس. بۇ ۋەقەلەرنىڭ جەريانىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 1950- يىللاردىن بېرى توپلاپ كەلگەن بىر قىسىم كونا دوكىلاتلىرىنى كۆرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. 1951- يىلىدىكى بىر دوكىلاتتا بايان قىلىنىشىچە، »شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى كوممۇنىزىم رېجىمدىن تولىمۇ نارازى، گەرچە ناماز ئوقۇشنى چەكلەش ھەققىدە رەسمىي چەكلەش بۇيرۇق چۈشۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، كەچلىرى شۇنداق نامازشام ۋاقتى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا مۇزىكا ئەترەتلىرى ياشلارنىڭ دىققىتىنى چالغىتىش مەقسىتىدە نەغمە- ناۋانى باشلايدۇ. ئەسكەر تىزىملىكىگە ئىسمى يېزىلغان ياشلارنىڭ بولسا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا زادىلا ۋاقتى يوق. تۆتتىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشى چەكلەنگەن.«
1952- يىلى سىنتەبىردىكى يەنە بىر دوكىلاتتا مۇنداق يېزىلغان: » 1952- يىل ئىيۇندىن ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيىسى غەربى جەنۇبى شىنجاڭ – )ش ت( دا نەسەبى ھازىرقى پاكىستاننىڭ غەربى رايونلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئائىلىلەرنى چېگرىدىن قوغلاش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، قوغلانغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆي- جاي، مال- مۈلكى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىنغان ۋە پاكىستان چېگراسىغا قەدەر قوراللىق ساقچىنىڭ نازارىتىدە ئاپىرىلىپ، ھەيدەپ چىقىرىلغان. بۈگۈن ھېلىھەم خىتاي دائىرىلىرى گىلگىت- بالتىستان رايونىدىن كەلگەن پاكىستانلىق سودىگەرلەر بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قولغا ئالماقتا. بۇ ئىش خىتاينى ئۆزلىرىنىڭ ياخشى دوستى دەپ قاراپ كەلگەن پاكىستانلىقلارنى غەزەبلەندۈرمەكتە. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ سابىق شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كەلگىنىدىن ئىككى يىل كېيىنكى 1952- يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى مۇنۇلارنى خاتىرىلىگەن: »يېزا – ئىگىلىك، ساقچى، مەخپىي ساقچى، ئەدلىيە، مالىيە، ئېنژىنىرلىق قاتارلىق دۆلەتنىڭ بارلىق ئاساسىي ئورگانلىرى خىتاي مەمۇرلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بولسا سوۋېت كادىرلىرى.« خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمىگەن ۋە ئۇلارنى مۇھىم خىزمەتلەرگە قويمىغان، بۇ ئەھۋال تا بۈگۈنگىچە شۇنداق داۋاملاشماقتا. 1953- يىل مارتتىكى دوكىلاتتا قەيت قىلىنىشىچە: 1952- يىلى كۈزدە غەربى جەنۇبى شىنجاڭ -)ش ت( دىن سەپەر قىلىش چەكلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ھۆكۈمەتنىڭ 1944- يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى توپىلاڭغا قاتناشقان زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى يىغىشتۇرۇش پىلانى ئىدى.« مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەرنى چۆرىدەپ سوقۇلغان سېپىل مەجبۇرى ئەمگەك كۈچلىرى ۋاستىسى بىلەن چۇۋۇپ تاشلانغان بولۇپ، »ئىككى شەھەردىكى بارلىق ئاياللار سېپىلدىن چىققان ئەخلەتلەرنى يۆتكەش ئەمگىكىگە، ئەرلەر بولسا يېڭى قۇرۇلۇش ۋە يول ياساش ئەمگىكىگە سېلىنغان.«
كوممۇنىستلارنىڭ كونتروللىقى
يىل ئاخىرىغا قەدەر، خوتەندىكى يىپەك سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پايدىسى كۆپ بولغان بارلىق سودا- تىجارەت كومپارتىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. »شەخسىي تىجارەت يامان ئىش ھېسابلىنىپ، بارلىق دۇكانلار دېگۈدەك ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كوپېراتىسىيە ماگىزىنلىرىغا ئايلانغان ئىدى. ماگىزىنچىلارنىڭ مائاشى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، تۇرمۇشنى قامداشقا ئارانلا يېتەتتى.« خىتاي كادىرلىرى بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن تىبەتتە ئېلىپ بارغان ئىش- پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا، شىنجاڭ- )ش ت( يېڭى ھۆكۈمىتى خەلققە »خىتاي كادىرلىرى يەرلىكتىكىلەرگە ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەن، ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن بارلىق ھۆكۈمەت خىزمىتى شىنجاڭ -)ش ت( خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ« دېگەن. يۇقىرىدىكى بۇ ماتېرىيالغا يەنە شۇ مەزگىللەردە ئىشتىن ھەيدەلگەن، قولغا ئېلىنغان ۋە جازا كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن بىر تىزىملىكى قوشۇمچە قىلىنغان. ئاتمىش نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈندە ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش ۋە مەجبۇرى ئاسمىلاتىسىيە تىنىچلانمايدىغان بۇ زېمىندا يەنىلا داۋام ئەتمەكتە، ئۇيغۇرلار بوزەك قىلىنىش، قايتا تەربىيىلىنىش ۋە مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈشكە دۈچ كەلمەكتە. »خەلق گېزىتى« نىڭ 6- ئىيۇلدىكى سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، »مەركەز بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە جەمئىي 461 مىڭ نەپەر نامراتنى باشقا ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە يولغا سالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە نمراتلىقنى تۈگىتىشتە ئەھمىيىتى زور.« بۇ دوكىلاتتا يەنە شىنجاڭ – )ش ت( ھۆكۈمىتىنىڭ 2019- يىلى خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن يۈزمىڭ كىشىنى باشقا رايونلاردا خىزمەتكە ئەۋەتىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ھازىرقى ۋەزىيەت
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ »مۇتەخەسسىسى« يۈ شاۋشياڭنىڭ »يەر شارى ۋاقت گېزىتى« مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، »باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا شىنجاڭدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش ناھايتى مۈشكۈل ۋەزىپە، چۈنكى بۇ يەردە نامراتلىقتىن باشقا يەنە مىللىي مەسىلىمۇ بار.
« ۋەزىيەتنىڭ مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، بۇ رايون دەل خەلققە باياشاتلىق ۋە بەخت- سائادەت ئېلىپ كەلمەكچى بولغان »بىر يول، بىر بەلباغ« قۇرۇلۇشىنىڭ تۈگۈنى.
بۇ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتىن كېلىدىغان قارشىلىققا ۋە ياكى سۈرىيەدە ھەربىي مەشىق قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇشى مۈمكىنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
ئەمما بۇنىڭ بۇ قەدەر شىددەتلىك سىياسەتلەرنىڭ كىرىش سۆزى بولۇش ئېھتىمالى بارمۇ؟
31- ئاۋغۇست ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن »ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش يىغىنى« دا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىلى خۇ ليەنخې مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ۋە سىياسى تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئوبېكتى قىلىنغانلىقىغا رەددىيە بەردى. ئۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن تاندى ۋە شۇنداقلا »خىتاي تېرورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ«، »بىز شىنجاڭدا پەقەت قانۇنغا ئاساسەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق« دەپ تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بىر قىسىم جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە يېنىكرەك خاتالاشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ »تەربىيىلەش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزلىرى« گە ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە توغرا يولغا قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
دەل مۇشۇ مەزگىللەردە شىنخۇا ئاگېنتلىقى »شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى – يەر يۈزىدىكى جەننەتنىڭ ئۆزى« دېگەن تەشۋىقاتىنى داۋام ئەتمەكتە. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، 2018- يىلىنىڭ بېشىدىن تاكى 9- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 130 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى غەربتىكى بۇ ئۆلكىدە زىيارەتتە بولغانمىش. بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟ جەزم قىلغىلى بولىدىغان بىر يېرى، خىتاي ساياھەتچىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىپ باقمىدى.