ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب -بارىن ئىنقىلابى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب -بارىن ئىنقىلابى

 ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى  دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب -بارىن ئىنقىلابى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم- خاتىرەمدىن 

بۈگۈن 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇنىڭدىن 32 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا بارىن ئىنقىلابى پارتلىغان كۈن. بۇ كۈن باتۇر، قەھرىمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا مۇستەملىكە بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئازادلىق، مۇستەقىللىق ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن كۈن، شۇنداقلا دۇنياغا « بىز تېخى  ھايات، بىزگە ھۆرلۈك كېرەك » دېگەن ساداسىنى ياڭراتقان كۈن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شانلىق ئىنقىلاب سەھىپىسىنى ئاچقان كۈن. 

بۇ ئىنقىلابنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق ماۋزىدۇڭنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، بولۇپمۇ كومپارتىيە  مەركىزى  كومىتېتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن  خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى. پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ھەر خىل بوھتانلار بىلەن قولغا ئېلىنغان زىيالىيلار، ئۆلىمالار، مەمۇرى كادىرلار، بايلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتارلىق مىللەتنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىلەردىن قۇيۇپ بېرىلىپ نامى ۋە خىزمەتلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلدى. ھەمدە مائارىپ، ئەدەبىيات -سەنئەت، نەشرىياتچىلىق ۋە دىنىي ئىشلار جەھەتتە زور تەرەققىياتلار بولدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت، بىباھا قىممەتكە ئىگە ئېسىل كىتابلار ۋە ئىلمىي ماقالىلەر ئارقا-ئارقىدىن روياپقا چىقتى.  شۇنداقلا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ، تۇرغۇن ئالماسنىڭ « ئۇيغۇرلار»، «ھونلار تارىخى»، « قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، قۇربان ۋەلىنىڭ « بۇغراخانلار تەزكىرىسى» قاتارلىق كىتابلار نەشر قىلىنىپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ئېڭى، مىللىي كىملىكىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى ھەمدە نۇرغۇن شەھەر ۋە يېزىلاردا چوڭ -كىچىك مەدرىسىلەر قۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرىدىن، قاغىلىقتا داڭلىق دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم قۇرغان مەدرىسىنىڭ ئۆزىدىلا نەچچە مىڭلىغان دىنىي ئۇستازلار يېتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر دىنى كىملىك روھىنىڭ قايتا تىرىلىشى بارىن ئىنقىلابىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بارىن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى قەھرىمان زەيدىن يۈسۈپ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. 

ئۇزۇن مەزگىل پۇختا تەييارلىق قىلغان زەيدىن يۈسۈپ 1989-يىلى 11-ئايدا سەپداشلىرى  بىلەن بارىن يېزىسىدا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نى قۇرۇپ شەرق تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق پارتىزانلىق ھەرىكەت قىلىشنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئاساسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت پىلانى بويىچە  1990-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بارىن يېزىسىغا توپلانغان ئىنقىلابچىلار ئالدى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ساقچى ئىدارىسى ۋە ژاندارما ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ قوراللارنى ئولجا ئېلىپ ئارقىدىن قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ۋە پارتىيە ئورگانلىرىنى ئىگىلەپ «ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت» نى ئېلان قىلماقچى، شۇنداقلا پۈتۈن شەرقى تۈركىستاندا بىرلا ۋاقىتتا ئىنقىلاب قوزغىماقچى ئىدى. بىراق بۇ ھەرىكەت پىلانى خائىن، مۇناپىق رېھىم دانىش موللىنىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئاشكارىلىنىپ كەتكەچكە، ئىنقىلاب  مۇددەتتىن 17 كۈن بۇرۇن يەنى 5-ئاپرېلدا بارىن يېزىدا باشلىنىدۇ.

يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق خىتاي  تۈرمىسىدە يېتىپ بارىن قەھرىمانلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇلھەمىت ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، بارىن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى 26 ياشلىق زەيدىن يۈسۈپ شەرقى تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەر ۋە يېزىلىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەيدۇ. ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنى تەشكىللەيدۇ، ئۇلارغا ھەربىي تەلىم تەربىيە بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارغا ئاددىي ئۇسۇل بىلەن گرانىت، قول بومبىسى، پارتلاتقۇچ بومبا ياساش ۋە پارتلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مىلتىق ئېتىش، قېلىچۋازلىقنىمۇ ئۆگىتىپ  قوزغىلاڭ قىلىشقا پۇختا تەييارلىق قىلىدۇ. 700 نەپەردىن ئارتۇق پىدائىي جەڭچى 17 دانە چـوڭ ـ كىچىـك مىلتىــق، تاپانچـا، 64 دانە يەرلىك ئۇسـۇلدا ياسـالغان بومبـا، 150 دانە قىلىچ، پىچـاق، پالتـا ۋە 20 تۇياقتىن ئارتۇق سەرخىل ئاتلارنى ھازىرلايدۇ. ئەينى چاغدا دۇنيادا ئەڭ كۆپ قوشۇنغا ۋە ئىلغار ھەربىي قورالغا ئىگە خىتايغا بۇنچىلىك ئاجىز كۈچ بىلەن قارشى تۇرۇش ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش دەپ قارىلاتتى. ئەركىنلىككە بەدەل تۈلەش ئارقىلىق قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بارىن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئەقلىگە سىغاتتى. 

4-ئاينىڭ 5- كۈنى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بامدات نامىزىدىن يېنىپ ئۆزلىرى تەييارلىغان ھەرخىل قوراللار، قول بومبىلارنى يوشۇرۇن ئېلىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ھۆكۈمەت خادىملىرى چىقىپ تەلىپىنى سورىغاندا، ئۇلار جاۋابەن مۇنداق بەش تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: 

1-پىلانلىق تۇغۇتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ 
2-خىتاي كۆچمەنلىرىنى توختىتىش؛
3-ئىچكىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتايلارنى قايتۇرۇپ كېتىش؛
4-شىنجاڭنىڭ (شەرقى تۈركىستاننىڭ) بايلىقىنى ئۆزى ئىشلىتىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كەتمەسلىك؛
5-ھاشار-ئالۋاڭنى يوق قىلىش؛

يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەھۋاللارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوراللىق ئەسكەرلەر بارىن يېزىسىنى قورشاپ ئىنقىلابچىلارغا ئوق چىقىرىدۇ. ئېتىشىش كەسكىن داۋاملىشىدۇ. ئىنقىلابچىلارمۇ ئۆزلىرى ئالدىن پۇختا تەييارلىق كۆرگەچكە  ئۆزلىرى تەييارلىۋالغان قوراللار بىلەن قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ خىتاي ئەسكەرلىرىدىن نۇرغۇن قوراللارنى غەنىيمەت ئالىدۇ. قوماندان زەيدىن يۈسۈپ سۇ مۇنارىغا چىقىۋېلىپ ئىنقىلابچىلارغا ئوق ئېتىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرىنى پارتىلتىمەن دەپ مۇنار تەرەپكە قاراپ ماڭغان ۋاقىتتا بۆكتۈرمىدىكى خىتاي ئەسكىرى ئۇنىڭ پۇتىغا ئوق ئاتىدۇ. قان ئېقىپ تۇرغان پۇتىنى سۆرەپ مۇنارغا يېقىنلىشىۋاتقان زەيدىن يۈسۈپ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە شېھىت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇئاۋىن باش قوماندان، قوشۇمچە مالىيە باشلىقى بولغان ئابدۇغېنى تۇرسۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ: بىز بۇ يەردە بۇنداق ئۇرۇش قىلساق قىرىلىپ تۈگەيمىز دەپ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشقاچ، تاغ تەرەپكە  چېكىنىدۇ. تاغدا يەتتە كېچە-كۈندۈز خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئېتىشىدۇ. ئەسكەرلىكتىن قايتىپ كەلگەن مۇھەممەد تۇرسۇن دېگەن جەڭچى بۇ ئۇرۇشتا كۆپ پىداكارلىق كۆرسىتىپ خېلى كۆپ خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىرغىز ئوۋچىنى سېتىۋېلىپ مۇھەممەت تۇرسۇننى ئۆلتۈرۈشكە تاغقا مەخپىي ئەۋەتىدۇ. بۇ خائىن قىرغىز ئۇنى كەينى تەرەپتىن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ قىرغىز ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. 

زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بۇ  ئىنقىلاب خىتاي ھۆكۈمىتى جاللاتلىرىدىن دىڭ شاۋپىڭ، جىياڭ زېمىن، لى پېڭ قاتارلىقلارنى قاتتىق چۆچۈتكەن. بۇ جاللاتلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەر ۋە يېزىلىرىغا كېڭىيىپ كېتىشتىن قاتتىق قورقۇپ، ئىنقىلابنى تۈپ يىلتىزدىن يوقىتىش ئۈچۈن زامانىۋى ئورۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىشقا سېلىپ قانلىق باستۇرغان، نەتىجىدە 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ يەتتە كېچە كۈندۈز داۋاملاشقان بۇ ئىنقىلاب، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پۈتۈن يېزىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ قىرغىنچىلىق قىلىشى بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان. بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان بىر خىتاي ئەسكىرى كىيىن ئامېرىكىغا قېچىپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدە كۆرگەنلىرىنى «ئەركىن ئاسىيا» رادىئوسىدا ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە پۈتۈن بارىن يېزىسىدىكى خەلق مەيلى ئىنقىلابقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۇتۇلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ، باللىرىنى ئېمىتىۋاتقان بىگۇناھ ئاياللارنى، ھەتتا نارەسىدە بوۋاقلارنىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى قانلىق جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 1999-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە 92 بەتلىك مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بارىن ئىنقىلاب »نى باستۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە جاۋابكار بولۇشقا ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.  

بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس، قەھرىمان مىللەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى نامايان قىلغان دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب. بۇ ئىنقىلاب گەرچە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئەمما دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرنى قايتىدىن نامايان قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا مىقياسىدا ئاڭلاتتى. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ  ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا بولغان ئۈمىدى، مۇستەقىللىق ئىشەنچىسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر، ئانالىزلار ئېلان قىلىندى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغانلىقىغا ئائىت تارىخىي مەلۇماتلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

بىز ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار بۇ شەرەپلىك ئىنقىلابنى ئىپتىخارلىنىش ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە خاتىرىلەيمىز. ھەمدە بۇ ئىنقىلابتا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ۋە بارلىقىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئاشۇ شەھىدلىرىمىزنى قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئەسلەيمىز، زەيدىن يۈسۈپتەك قەھرىمانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز. بارىن روھىي تۇتاشتۇرغان ئوتتەك ئىرادە قەلبىمىزدە مەڭگۈ يالقۇنلايدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى  قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش بىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچىمىزدۇر. 

مەنبە:  بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى، تور دۇنياسى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

زېلىنىسكى: ب د ت ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك ياكى تاقىلىشى كېرەك

چا ئاپرېل 6 , 2022
زېلىنىسكى: ب د ت ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك ياكى تاقىلىشى كېرەك

You May Like