چېچەنلەر:مارىپۇل شەھىرىنى ۋەيران قىلدۇق، ئۇكرائىنلىقلاردىن تازىلىدۇق. 20 مىڭ پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

چېچەنلەر:مارىپۇل شەھىرىنى ۋەيران قىلدۇق، ئۇكرائىنلىقلاردىن تازىلىدۇق. 20 مىڭ پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

 چېچەنلەر:مارىپۇل شەھىرىنى ۋەيران قىلدۇق، ئۇكرائىنلىقلاردىن تازىلىدۇق. 20 مىڭ پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 22-ئاپرېل

ئامېرىكا ئا ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا شەرقىدىكى مۇھىم پورت شەھىرىنى 2 ئاي بومباردىمان قىلغاندىن كىيىن، بۇ شەھەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان بولۇپ، شەھەرنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قىسمى يوقىتىلغان. شەھەر ئاھالىسى قاچقان، ئۆلگەن بولۇپ، شەھەر پۈتۈنلەي قۇرۇقدالغان. بۈگۈن رامزان قادىروفنىڭ تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان ۋىدىئودا چېچەن ئارمىيەسى مارىپۇل شەھىرىدە كۆيدۈرۈلگەن بىر بىنا ئالدىدا توختاپ: « بىز بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلدۇق، ئۇكرائىنلىقلاردىن تازىلىدۇق دېگەن. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زىلىنىسكى بولسا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ شەھەردە تېخىچە قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مارىپۇل شەھىرىنى رۇسىيە ئارمىيەسى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشنى،چېچەنلەر قۇرۇقلۇقتىن قورشاشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردا مارىپۇل شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جەنۋەدە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئورۇنلاشتۇرماقچى

جۈ ئاپرېل 22 , 2022
ب دت كىشىلىك ھوقوق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئاللىبۇرۇن تاماملىنىپ بولۇنغان،ئەمما ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىشى كېچىكتۈرۈلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئومومىي دوكلاتىنى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرىش مەقسىدىدە 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى جەنۋەدىكى ب دت بىناسى ئالدىدا زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى

You May Like