ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
كانادانىڭ دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتى (McMaster University) يېقىندا بۇ مەكتەپتىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى» نىڭ (Chinese Students and Scholars Association) كۇلۇب سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان.

نيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادالار خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش مەسىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە بۇ ئىككى ئاسىيا دۆلىتىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئازسانلىق توپلۇمىغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە بېسىم قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى.

8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەلىقئارا خەۋەرلەردە فېيسبۇك ۋە تۋىتتىر قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسىتىنى قوللىغان خىتاي «بەشمو ئارمىيىسى» نىڭ ساختا ھىساپلىرىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيىدىكى ئاساسلىق چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان <مۇستەقىللىق>گېزىتى ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ <بىر بەلۋاغ،بىر يول> سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خىتاي پۇللىرىنى چېچىپ مەبلەغ سالغانچە، مەبلەغ سالغان يەرلەردە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر ۋە نامايىشلار كۈچەيدى.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەيشەنبە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى يېپىق يىغىندا ئامېرىكا ۋە گىرمانىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا نەچچە مىليۇن مۇسۇلمان خەلىققە قاراتقان قانۇنسىز قىلىمىشنى ئەيىپلىگەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشچە، بيجىڭ تەرەپنىڭ قاتتىق بېسمغا قارىماي ،ياپونيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىرنىڭ ياپونيەگە كىرىشى ئۇچۇن ۋېزا بەردى ،رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتى ختتاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئوساكاغا G20يېغىنىغا قاتنىشىشغا توغرا كەلگەن بولۇپ ،رابيە قادىر بۇ يەردە ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىگە قارشى نامايىش قىلىدۇ.

15-ماي نورۋىگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا شۇجاي ۋاقتى سائەت ئىككىدە باشلانغان خىتايغا قارشى نامايىش ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان. بىز بۇ ھەقتە نورۋىگىيەدە تۇرۇشلۇق سەمەت ئابلا ئەپەندى بىلەن تېلېفۇن زىيارىتى ئۆتكۈزدۇق.

11- ماي كەچتە، ئۈچ نەپەر قۇراللىق كىشى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى گىۋادار پورتىغا جايلاشقان، خىتايلار سالغان كاتتا مىھمان سارايغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ۋە بىر نەپەر ھۇجۇمچى قازا قىلغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بەش يۇلتۇزلۇق «مەرۋايىت چوڭ قۇرۇقلۇق مىھمانخانىسى»يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر دائىم كىلپ تۇرىدىغان مىھمانخانا ئىكەن.

ياۋروپا مەنپەئىتى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،18-ئاپرىل ياۋروپا پارلامنىتى ختتايدىكى ئ‍نسانى ھوقۇق ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بىر قارار ماقۇللىغان.

ختتاي دىموكراتىيە پارتىيسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكا ئاق ساراي،دۆلەت مەجلىسى،فىدراتسيە تەكشۇرۇش ئىدارسى،ئەدلىيە منتسرلىكى،ختتاي ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالدىدا ختتاي كومپارتىيەسگە قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئىلىپ بىرىلماقچى.

مېڭ ۋەنجوۋنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن باشلانغان كانادا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ماجرا كانادادا كۆپىنچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلىندى. بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق، چۈنكى بۇ مەسىلە دۆلەت ئىچىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېينىڭ ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، خۇا ۋېي ياۋروپادا بارغانسېرى كۆپ تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەكتە.

يۈزلىگەن پائالىيەتچى پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھەر مەركىزىدىكى ئالاتاۋ مەيدانىغا توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، قىرغىزىستاندىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلەر كۈنسىرى كۆپىيىپ كەتكەن. قىرغىزىستان خىتايغا قوشنا دۆلەت بولۇپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

پولشا ئىچكى ئىشلار مىنىستېرى يوئاشىم برۇدزىنسكى شەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو خىتاينىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى خۇا ۋېينى ئۆز بازىرىدىن چىقىرىۋېتىش يا چىقارماسلىق توغرىسىدا ئورتاق مەيدان ھاسىل قىلىشى كېرەك.›

خىتاي يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋرىدە: گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھرى شىياڭجۇ رايونىدىكى بىر قۇشخانىدا ئافرىقا چوشقا ۋاباسى بايقالدى، بۇ جۇجىياڭ دېلتىسى رايونىدا چوشقا ۋاباسىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولۇپ، چوشقا ۋاباسى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 23 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلىرىغا يامرىدى، دەپ ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومېتىتى رەئىسى كەۋىن خاسەت (Kevin Hassett) دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزاسى – خىتاي كومپارتىيىسنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇرۇست ئەمەسلىكىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشنى ئويلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېركا مۇئاۋىن پىرزدىنتى مايىك پەنس 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېركا پايتەختى ۋاشنگىتوندىكى ھادسۇن ئىنستېتۇتىدا ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتى ھەققىدە بىر مۇھىم تارىخى نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، مەزكۇر نۇتۇق ئامېركا ۋە خىتاينىڭ سياسى ساھەسىنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى، مەزكۇر نۇتۇقنى ئامېركا -خىتاي مۇناسۋىتى ھەققىدە تارىخى بىر بۇرۇلۇشتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالغانىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خىتاي شىركەت دېرىكتورى، مەھسۇلات سېتىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان خىزمەتچىلىرىگە سۈيدۈك ئىچكۈزگەنلىكى ۋە سۈۋەرەك يېگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان .

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى توختىماستىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.