دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا ئاچقان 7 -نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا كېلەلمىگەن ياكى ۋېزىسى چىقمىغان تۈركىيە، قازاقىستان ، قىرغىزىستان،ئاۋۇستراليا ، ئامېركا،كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى ۋە كاندىدات ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن تور ئارقىلىق قاتناشتى .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا دەبدەبىلىك ئېچىلدى.
باشلىنىش مۇراسىمى شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە چېخيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىكى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغاندىن كىيىن، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە قۇرۇلتاينىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى، 5 خىزمەت كومىسسىيونىغا بۆلۈنۈپ ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى رەسمىي يوسۇندا باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى دۇق تەركىۋىدىكى ۋە ياكى دۇق بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلاپ چىقىلىدۇ.

24- ئىيۇن بۈگۈن شىۋىسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى تېكساس شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرغا قويغان ئىككى قانۇن لاھىيسىنىڭ ئىمزا ئىشلىرى ئۈچۈن جىددى چاقىرىق قىلدى. تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى قانۇن لاھىيەسى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز.