خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خەۋەر بۆلۈمى ئەنگىلىيە ب ب س قانىلى ئىشلىگەن مەردان غاپپار توغرۇلۇق خەۋەرگە قارىتا، ب ب س نى « زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئ‍ۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ، تۈرمىلەردە قىيناۋاتقان كۆرسىىتىپ قارا چاپلىغان» دەپ رەددىيە بەردى.

ختتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئ‍اۋام پالاتاسى 3-دىكابىر ئۇيغۇر ئ‍نسانى ھوقۇق قانۇن لايىھەسنى ماقۇللىغاندىن كىين،ئۇيغۇرلارغا قارشى زور كۆلەمدە تەشۋىقات سالمىقىنى كۇچەيتتى.

خىتايچە سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2- دىكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سابىق رەئىسى، خىتاي دۆلەتلىك ئىنىرگىيە ئىدارىسى ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىگە خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنياڭ شەھرى ئوتتۇرا سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. نۇر بەكرى پاراخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىنغان، ئۇنىڭ بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى، پارا ئالغان پۇللىرى مۇسادىرە قىلىنغان. نۇر بەكرى سوت ھۆكۈمىگە رازى بولۇپ، ئەرىز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زۇمرەت داۋۇت (30) ئۈرۈمچىلىك بولۇپ، 2018 -يىلى يازدا قامىلىپ ئۈچ ئايدىن كىين پاكستانلىق يولدىشنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارانىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قويۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى ئاپرىلدا ئائىلسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن .

2019-09-07
ۋاشىنگىتون- رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇنداق دوكلات قىلغان: ئىككى نەپەر ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە ئىككى نەپەر تور بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلار ئاسىيادىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ تور سىستېمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلىغانلىقى ۋە كۆزەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مىسىردىكى مۇھاپىزەتچىلەر پارتىيسى «بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىدە بايانات بىرىپ مىسىر ھۆكۈمەت دائىرلىرىدىن مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قانداق تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكنىڭ سەۋەبى توغۇرلۇق ئېنىق بىر ئوچۇقلىما بىرىشنى تەلەپ قىلدى .

‎ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەشمىر مەسىلىسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ مەركىزى ھەربىي كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چى لىياڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىسلام ئابادقا زىيارەتكە باردى. پاكىستان پىرىزدىنتى ئالۋى كۈتىۋېلىش مەيدانىدا «شىنجاڭ» (ش ت) مۇستەقىلچىلىرى «تىرورلۇق كۈچلىرى» نى تىلغا ئالدى ۋە ۋەدە بەردى.

بېرلىن – دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭدا (ش ت) بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان مۇسۇلمانلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامىغانلىقىنى بىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-08-02 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان يېقىندا تېۋتتىردا ئۇيغۇر نامىنى قوللانغان نۇرغۇن ئلشەتكۇچىلەرنى  بايقىغان، ئۇلار ئىنگىلىزچە، ختتايچە ئۇيغۇر نامىنى ئشلەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھىچقانداق مەزمۇن ئورتاقلاشمىغان، ھساباتىدا پۈتۈنلەي ئنگىلىز تىلىدا ئەرەبلەرگە ئائىت مەزمۇنلار يوللانغان بولۇپ، بىرەرمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدىكى خەۋەر يوقكەن. تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشمىزچە، بۇلار جەمئى ئوتتۇزدىن ئاشىدىغان […]

تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نارىسىدە بالىنىڭ ئانىسى زىننەتگۈل تۇرسۇن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سالدى.

ھۆرمەتلىك مايىك پومپىيو ئەپەندىم:

يېقىندا بىز سىزنىڭ جۇڭگۇغا قارىتا ئىلان قىلغان بىر قىسىم باياناتلىرىڭىزغا دىققەت قىلدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى (ش ت) دىننى ئىتقاد ۋە كىشىلىك ھۇقۇق توغرىسىدا يالغان مەزمۇنلار بار بولۇپ، بىز شىنجاڭ (ش ت) زىيالىلىرى ۋە دىننى زاتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىز، ناتوغرا گەپ -سۆزلىرىڭىزگە قاتتىق غەزىپمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئامېرىكا دۆلەت ئ‍شلىرى مەھكىمىسى باش كاتىۋى مايىك پومپىيو بىر يىلدىن بىرى ختتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا قاراتقان دىنى ،مىللى سياستىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولۇپ،.16 ۋە 17-ئىيۇل ۋاشنگىتوندا ئۆتكۇزۇلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا منستىر دەرىجىلىك دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى يېغىنىدا مايىك پومپىيو:ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستى بۇ ئەسردىكى داغ-،ختتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيتىنى يوق قىلماقتا،دىنى ئىتىقادىنى ۋەيران قىلماقتا-دەپ سۆزلىگەنىدى.

ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) سىياسىتىنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازغان.

رويتېرس ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە ۋە باشقا 35 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا غەربنىڭ تەنقىدلىشىنىڭ ئەكسىنچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ خەت يازغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسانى ھوقۇق يېغىنىدا ،22 دۆلەت تارىخىتا كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە بىرلىكتە چاقىرىق قىلىپ ختتاينى لاگىرلارنى تاقاشقا،شەرقى تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلىسنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. مەزكۇر بىرلەشمە چاقېرىقتا يەنە دۆلەتلەر ختتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئ‍نسانى ھوقۇق كومېتىتى بىلەن ھەمكارلىشپ،رايونغا كىرىشكە يولغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

كورىيەلىك ۋۇ مىڭيۈ خانىم دىنغا قارشى، خىتاي كومپارتىيىسىنى سۆيىدىغان ئايال ئىكەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ئاشكارا ئىش. ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن خىتايدىن قېچىپ چىققان خىرىسىتىيان مەزھىپى مۇرىتلىرىنىڭ ئىسىم ۋە رەسىملىرىنى قانۇنسىز ئاشكارىلاش، خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يالغان نامايىش قوزغاپ، مەزكۇر ئىلتىجاچىلارنى پاراكەندە قىلىش، كورىيەدە فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىغا قارشى سەلبىي تەشۋىقات قىلىش قاتارلىقلار بار

ئاتالمىش ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ 2019-يىلى 18-يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى خۇمار قۇرباننىڭ دىننى ئەسەبىيلىكنى تەلتۆكۈس تازلايمەن ناملىق ئىدىيۋى پوزىتسىيىسى ئېلان قىلىنغان .

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ، بىر قىسىم تاراتقۇلارغا خىتاي ئەمەلدارلىرى باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى «قايتا تەربىيلەش لاگىرى» غا كىرىشكە يول قويۇپ، ئۇلارغا لاگىردىكى بەزى ئەھۋاللارنى كۆرسەتتى، شۇنداقلا لاگىردىكىلەرنىڭ بارغانسىرى ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]