ئىنتېرنېت ھەرخىل شەكىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىريەرگە يىغىش، بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش، كىشىلەرنى ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش، كىشلەرنى كىشلەرگە، كىشىلەرنى ئۇچۇرلارغا باغلاپ ئۆزئارا ئالاقە شەكىللەندۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان تېخنىكىلىق ئاساس بولۇپ، بۇ ئاساسقا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇلاردىن ئەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىۋاتقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دەپ ئاتىلىۋاتقان فەيسبۇك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش فۇنكىسىيەگە ئىگە ۋاستىلەردۇر.
ماقالىلار
ئىلاۋە:ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدا تاريخى مەۋجۇتلۇق كىرزىسدە تۇرىۋاتىمىز، بىرلىككە كەلگەن سياسى ئاپپارات يوق، كۇچلەر تارقاق، ئېقتسادى ئاساسى ئاجىز، بۇنداق بىر پەيتتە ئۆزىمىزنى قانداق كۇچلەندۇرىمىز؟ قەد كۆتۇرۇشمىز ئۇچۇن نىمە لازىم؟ دىگەن تېمىلار ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرى، ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى توپلىرىدا ئاممىباب مۇنازىرە قوزغىدۇق، ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. پىكرى ئۆزىگە مەنسۇپ. ئىنتىرنىتقا يوللانغاندىن كېين قوشۇلغان مۇنازىرلەرنى داۋاملىق قسملارغا بۆلۈپ كۆپچىلىككە سۇنىمىز.
بۈگۈن تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، تەيۋەندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىدى.
يېقىندا ئاگېنتلىقىمىز تۈركىيە تېلېۋزىيە قاناللىرىدىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن بىر قسىم نارەسىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز، خەتەرلىك، ئېگىز ئۆگزىلەردە ئويناپ يۈرگەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بىنا ئۆيلەرنىڭ دەرىزسدىن چېقىپ، پەسكە چۈشۈپ كېتىش ئىھتىماللىقىغا ئائىت سۈرەت ۋە ۋىدېئو، خەۋەرلەرنى كۆردۇق.
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا ئۆزۈمنى ھارغۇچە ماختايمەن، شۇڭا مېنى تازا ياقتۇرمايدىغانلار، ئوقۇماڭلار.
2020-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» دۇنيا ئاشلىق پروگراممىسىغا بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەنسۇپ بۇ ئورگاننىڭ مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى «توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشتا قورالغا ئايلانغان قەھەتچىلىككە قارشى تۇرغانلىقى» غا باغلانغان. نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتىتىنىڭ باياناتىدا قەھەتچىلىكنىڭ ئۇرۇشلارغا ۋە تۈگىمەس توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. باياناتتا ئاچارچىلىقنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئاچارچىلىقنىڭ تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر مىللىتىنىىڭ ھۆرلۈكى ۋە شەرقىي تۈركستان-ئۇيغۇرىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق شەخس ۋە ئورگانلارغا:
ئىلاۋە: مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ئەردەم ئەسلىدە ب ب س مۇخبىرلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، بۈگۈن ئۇ خەۋەر ئىلان قىلىندى. زىيارەت خاتىرىسى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سۇدۇننىسا ھاجىمنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشلىنىشىدە سۇدۇننىسا ھاجىم ئاساسلىق شاھىد قاتارىدا ئالاھىدە ئورنى بار. مەزكۇر زىيارەتنامە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىتىشى ئۈچۈن جامائەتكە سۇنۇلدى.
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاۋاز چىقارغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرونغا ئوخشاش، خەلقئارا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارا بايان قىلىشقا باشلىغان دۆلەت باشلىقلىرى بارغانسىرى كۆپەيدى
ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا كىرىپ قالغان تۈركىيەگە نىسبەتەن، بېيجىڭ تەمىنلىگەن غايەت زور مەبلەغ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ (ت-شەرقىي تۈركىستان) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. «فرانكفورت ئوبزورى» گېزىتى «ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ تۈركىيەگە زور كۆلەمدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.
دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «سىياسىي سەھنەدىكى زاكىروفلار» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 2-تومىدۇر.
دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 1-تومىدۇر.
مەن دۇنيادىن يامانلاپ قالدىم ،
نېمىشقا بېشىمغا نوقۇيسەن؟
نوقۇغاچ ئەپسۇن ئوقۇيسەن؟
(باش نوقۇشنى ئۇيغۇرلار يامان ئالىدۇ.)
گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان قېرىنداشلار گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۆزىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋاقتى، تۇرۇۋاتقان دۆلىتى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى، گۇۋاھلىقنىڭ مەزمۇنى، گۇۋاھلىق مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدىغان كىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋاقتى، بۇ گۇۋاھلىققا تۈرتكە بولغان ئىچكى – تاشقى ئامىل، بۇ گۇۋاھلىقتا مەسئۇل تۇتۇشقا تېگىشلىك شەخىس/ئورگان/ ھۆكۈمەت/ پارتىيە/( جاۋابكار) دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۈتۈدىغانلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويسا گۇۋاھلىقنىڭ ئىسپاتلىق قىممىتى تېخىمۇ ئېشىشى، مۇخبىرلارنى جەلپ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.
ئىلاۋە: 17- سىنتەبىر، فىرانسىيە دۇنيا گىزىتى قەلبىنۇر مۇئەللىم ۋە زۇمرەت داۋۇت خانىمنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن خەۋەر ئىلان قىلىندى. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنى مەن گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىغا ۋاكالەتەن، فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گىزىتلەردىن «دۇنيا گىزىتى» ھاۋالىسى بىلەن يازغان. خاتىرەنىڭ ئىنگىلىزچە، گوللاندچە نۇسخىسى تەييار، ئەرەبچىسىنى ئاگىنتلىقىمىز ئەرەبچە بۆلۈمى جىددىي تەييارلاۋاتىدۇ. خاتىرە بىرىنجى شەخىس تىلىدا يىزىلدى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى بىرلىكتە گوللاندىيە سىياسىي پارتىيە ياشلار بۆلۈمى بىلەن باشلىغان بۇ مۇراجەتنامە نەچچە يىللاردىن بىرى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ۋەتەنداشلارنىڭ جىددىي ئىمزاسىغا مۇھتاج!
ھەممىمىز بىلگەندەك، بىزدىكى بەزى ئايىغى چىقمايدىغان تالاش تارتىش ۋە ئەيىبلەشلەر، خەلقىمىزنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئېلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئېنېرگىيىسىنى زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا سەۋەب بولىۋاتىدۇ.
ئەنگىلىيە مۇستەقىل گېزىتى ئىلان قىلغان «ئۇيەر جازا لاگىرى،ئىچىدىكى ھايات مۇنداق »دىگەن ماقالىغا ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى،سياسەت پەنلىرى تەتقىقاتچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەت بېسلغان بولۇپ،كىينكى يىللاردا ئىزچىل تاراتقۇلاردا ئومۇمى ئۇيغۇر ۋەزىيتى بويىچە سۆزلەپ كەلگەن تاھىر ئىمىن بۇ قېتىم قايتا يەنە ئۆز ئۇرۇق-تۇققانلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان:
2020 – يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى تاشقى سودا بازىرى چېگرا رايون پورتىدا شىركەت ئاچىدىغان بىر ئۆزبېكىستانلىق ياش زار –زوردا مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن ئۈرۈمچىدىن يۇرتى فەرغانە ۋادىسىغا قايتتى.
يېقىندا نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار بىر قېسم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇر»دەپ تارقىتىۋاتقان نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسۋەتسز ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ، ۋىدىئو تارقاتقاندا ئەستايىدىل بولۇشمىزنى جىددى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.