ئامېرىكا ۋە ياۋروپا -روسيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگىلى ئىككى ئاي بولدى، روسيە 190مىڭ ئەسكەر بىلەن ئۇكرائىنانى ئۈچ تەرەپتىن قورشغانىدى.ئۇرۇش باشلانسا، ئامېرىكا ۋە ناتوغا تەھدىت بولاتتى، مۇساپىرلار ياۋروپانى قاپلايدۇ،ئېقتساد ئۆلىدۇ، ھەتتا روسيە يېقىلغۇنى توختىتىدۇ.بەلكىم ئۇرۇش-ياۋروپا كېڭىيشى مۇمكىن، شۇڭا ئامېرىكا ۋە غەرپ دىپلوماتىك تېرشچانلىقلارنى يەتكۈچە قىلدى.خەلقئارادا پۇتىنغا كۆپ چاقىرىقلار بولدى، ئېقتسادى جازا ھەققىدە تەھدىتلەر سلىندى.

تاشقى مۇناسۋەت ژۇرنىلى ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق خەلقئارا مۇناسۋەت ۋە سياسەت ژۇرنىلى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق سياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسلەر توپلاشقان ياكى دىققەت قىلىدىغان مەنبەلەردىن بىرى.مەزكۇر ژۇرنال-ختتايغا قارشى قاتتىق قوللار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ ماقالە ئىلان قىلغان مىديالاردىن ھسابلىنىدۇ.

بۈگۈن تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، تەيۋەندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىدى.

2020-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» دۇنيا ئاشلىق پروگراممىسىغا بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەنسۇپ بۇ ئورگاننىڭ مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى «توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشتا قورالغا ئايلانغان قەھەتچىلىككە قارشى تۇرغانلىقى» غا باغلانغان. نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتىتىنىڭ باياناتىدا قەھەتچىلىكنىڭ ئۇرۇشلارغا ۋە تۈگىمەس توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. باياناتتا ئاچارچىلىقنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئاچارچىلىقنىڭ تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.