تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان (ئۇ خ ئى -ئانالىز-19) ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسرنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئىككى مۇستەقىل مىللى ۋە دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشى ئۇيغۇر ۋە باشقا قىرىنداش خەلقلەر  ئۈچۈن چەكسز تارىخى، سياسى ۋە مىللى ئەھمىيەتكە ئىگە. مەزكۇر ماقالە قۇرۇلۇپ قسقا ۋاقىت داۋام قىلغان مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەھمىيىەتلىرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. بىرىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت-ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ […]

تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش-ئۇيغۇر شائىرنىڭ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى»ناملىق كىتابى توغىرسدا سۆھبەت پائالىيىتى -ئامېرىكا ۋېرجىنيە شتاتى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بارلىق ۋەتەنداشلار ۋە قىرىنداشلار تەكلىپ قىلىنىدۇ.

2024-يىلى 9-ئاينىڭ 14- كۈنى نىيوركتىكى يىڭى نۇرلان ئۇيغۇر رېستورانىدا ئاساسلىق ئائىلە ئەزالىرىنى مەركەز قىلغان كىچىك تىپتىكى بىر قۇتلىما ئۆتكۈزۈلدى. قۇتلىما ئامېرىكا چۈشىنى قوغلۇشۇپ 50 يىشىدا 5 پەرزەنتىنى ئىلىپ نىيوركقا 5 دوللار بىلەن كەلگەن ماخمۇت ئاكىنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش بولۇپ، ئۇنىڭغا 5 پەرزەنت، 12 نەۋرە، 5 چەۋرە، كۈيوغۇل، كىلىن ۋە […]

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنگە كۈندە ئىرقى قىرغىنغا دۇچ كېلىشىدە، تىلدىن، مەدىنىيەتىن مەھرۇم ھالەتتە يوقۇلۇش گىردابىغا قىستىلىشىدا بىزنىڭ، يەنى ماڭا ئوخشاش زىيالىلارنىڭمۇ بىر ئۈلۈشى بار. بىز زىيالىلار يا سىياسەتچىلىك قىلىپ خىتايغا، ئەمەلگە ئالدىنىپ بىخۇتلاشتۇق، خەلقنىمۇ بىخۇتلاشتۇردۇق، ياكى خەلقنىڭ ئالقىشلىرىغا ئالدىنىپ ئۇلارنى كېلىۋاتقان ئاپەتتىن ساقلاپ قالالمىدۇق. ئۇلارنى يېتەكلەپ قۇتۇلۇش تۈگۈل تۇتۇلدۇق. ئەڭ […]

بۈگۈنكى خەلقارالىق سىياسەت ۋە خەلقئارا قانۇن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئورنىتىلغان يىڭى خەلقارا سىياسىي تەرتىپنى مەنبە قىلماقتا.  ئىمپىراتورلۇقلار، تېئوكراتىك سىياسىي سىستىما، پادىشاھلىق تۈزۈم، ھەربىي كىڭەيمىچىلىك ھەركىتلىرى قاتارلىقلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاساسىي جەھەتتىن يەرشارىۋىي ھاكىمرانلىقىنى يوقاتتى، شۇنداقتىمۇ رايونلۇق ۋە چەكلىك ھالەتتە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىدى.  ئاساسىي جەھەتتىن غەرىپ دۆلەتلىرى دىمۇكراتىك سىياسىي سىستېمىنى ئىجدىمائىي ۋە […]

بۇ يازما ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمىنىڭ ئېجتىمائى تاراتقۇ ھساۋاتىدىن ئىلىندى ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، نەچچە كۈندىن بىرى مەن سىزلەرگە ئۆزەمنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىمنى يازغان ئەسەرلىرىم، ۋەتەن مىللەت يولىدا قىلغان ئازدۇر – كۆپتۇر ئىش -ئىزلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم، شۇنداقلا ، 30 يىللىق سەرگەندارلىق مۇساپىرلىق ھاياتىمدا قانداقدۇر پىسخىكامنىڭ بۇزۇلۇشى، نىرۋە كىسىلىمنىڭ ئەدەپ كىتىشى […]

نۇرى مۇسابايوۋ (ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ئوبزورچى) (ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاپتورنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)  2024- يىلنىڭ كىرىشى بىلەن، خىتتاي غەرىب ئەللىرىدىكى 8 دەۋلەتكە  ۋە ئائۇسترالىيەگە  قارىتىلغان ۋىزا ئېلىشنى بىكار قىلىپ،  ۋىزاسىز ساياھەت قىلىشنى يولغا قويدى.  غەرىب ئەللىرىگە  ئىشىكنى ئېچىۋەتتى. يەنە ئامېرىكى ۋە كانادا پۇقرالىرىغىمۇ ۋىزا ئىشلىرىنى قۇلاي قىلىۋەتت.   بۇ […]

مەمەت توختى بىزگە قارشى خىتاينى قوللىغانلارنىڭ تىلى بىزنىڭ تىلىمىزدا يەر تاپماسلىقى كىرەك. بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ئۇلۇق ئۇيغۇر ئالىمى مەخمۇت قەشقىرى تىلىمىزنى ئەرەپ ۋە پارىس تىللىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىۋانى لۇغەتىت-تۈرك ئاتلىق تەڭداشسىز تىلشۇناسلىق قامۇسىنى پۈتتۈرۈپ كىيىنكىلەرگە، شۇنداقلا بىزگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى بىر بۇرۇلۇش ۋە […]

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان بىز ئەركىن ياشاۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، نەچچە مىليون ئۇيغۇر ياش ئوغۇل-قىز-تارىخى كىنولاردىكى ئافرىقىدىن كۆچۈرۈلۈپ قۇل قىلىنغان قارا تەنلىكلەرگە ئوخشاش ئېغىر جىسمانى، روھى بېسىم ۋە خورلۇق ئىچىدە قۇل قىلىنماقتا. ئۇلار -سۆيگەن يارىدىن ئايرىلىدۇ، بالىلىرىدىن،  ئاتا-ئانىسىدىن،  ئېنە-سڭللىرىدىن، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ،  ئىز باسماس چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرىغا يېڭىدىن بىنا قىلىنغان قۇل شەھەرلەرگە مەڭگۈلۈك پالانغان. […]

بىر قەدىمى، بىر مەدەنىي، بىر ئ‍نسانى خەلق يوقىتىلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئاۋازى بوغۇلغان. دۇنيا بىزنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ،دۇنيا بىزنى ھەمىشە ئۇنتۇپ قالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ئۆزىدىن ئاسان چېچىلىدۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ئۆزىدىن چېچىلغاندا، نۇرغۇن كىشلەر ئۆز غېمىدە، نان ۋە ئويۇن كويىدا يۈرىدۇ،شۇلار ئۆز غېمىدە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇنۇتقاندا، نۇرغۇن كىشلەر باشقىلارغا زەربە بېرىشكە، غەيۋەتكە خۇشتار،بەزىلەر رەسىملەرنى، […]

خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتى-ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ۋە ختاي ئۈچۈن نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بۇ زىيارەتنىڭ پايدىسى كىملەرگە بولىدۇ ؟ كىملەر زىيان تارتىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابى تەرەپلىرى: 1-بۇ زىيارەت ختايغا «تۈركىيە ھىلىھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.»دىگەن ئۇچۇرنى بىرىدۇ. بۇ 12 يىلدىن كىين ئىلىپ بىرىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ھسابلىنىدۇ. 2-خاقان فىداننىڭ […]

ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ 5 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم ياۋروپاغا رەسمى زىيارەتتە بولماقتا، ئۇ فىرانسيە، ھونگىرىيە ۋە سېربىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ختاينىڭ ياۋروپادا چەكلىنىۋاتقان شركەتلىرىگە بازار ئېچىشنى، ياۋروپا بولسا ختاينى روسيە ئۈچۈن ئۇكرائىناغا قارشى ياردەم ئەۋەتمەسلىككە قايىل قىلىشقا تېرىشىدۇ.بۇلار تاراتقۇلاردا دىىيلىۋاتقىنى. مەيلى ختاي مەيلى ياۋروپا تاراتقۇلىرىدا […]

تەييارلىغۇچى: دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئىككى ئادەم قۇملۇقتا يۆلىنىشىنى توقۇتۇپ، پەقەت بىر ئادەمدە ئۆزىنىڭ ھايات قېلىش ئۈچۈن يەتكىدەك سۇ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ سۇنى ئىككى ئادەم بۆلۈشۈپ ئىچسە، ھەر ئىككىسى قۇملۇقتىن چىقالماي ئۆلۈپ كېتىشى مۇقەررەر؛ ئەمما بىر ئادەم ئىچسە، سۇ ئىچكەن ئادەم ھايات قىلىشى، يەنە بىر ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى ئېنىق. بۇ خىل […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەھرىراتى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىك توك -ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات قورالى بولۇپ، مىليارد ئىنسانلارغا ختايغا پايدىلىق ئۇچۇر تارقىتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، ختايغا قارشى مەزمۇنلارنى چەكلەيدۇ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنى تەنقىد قىلىدىغان مەزمۇنلارغا كەڭرى يەر بېرىدۇ.مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلايدۇ.تىك توك جىنايەتچى ۋە تاجاۋۇزچى ختاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن غايەت […]

تەييارلىغۇچى: ئابدۇرەھىم پاراچ «شاپتۇل داموللا» نامى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «مۇناپىق» دەپ تونۇلغان ئابدۇغوپۇر داموللا _ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى، شاپتۇل يېزىسىدىن بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە مەشھۇر بىر ئۆلىما ۋە دىنچى سۈپتىدە تونۇلغان بىر كىشىدۇ. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن. ئۇ شېڭشىسەي بىلەن بىرلىشىپ، خوجىنىياز ھاجىم ۋە […]

ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشدىكى دائىمى ۋەكىلى باش ئەلچى مېشەل تايلور تېۋىتتردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان باياناتنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىلان قىلغان. تۆۋەندىكىسى مەزكۇر باياناتنىڭ ئەينەن ئۇيغۇرچە نۇسخسى ۋە ئەينەن لايىھسى: تولۇق باياناتىمىزنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرچە ⁧‫#خىتاينى‬⁩ ئۇنىۋىرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش تىن ئوقۇڭ. […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-ۋەتەندىكى مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى، مۇھاجىرەتتىكى سەرگەردان ۋە تارقاق ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەر، ئىدىيە ۋە ئۇچۇر سەھنىسى بولۇش سۈپىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قۇرۇلغاندىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن-ئازادلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن قىلىپ كەلگەن كۈرەشلىرىنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ.ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيا […]

ئىگىسى: ئۇيغۇر دىئاسفورا ياردەملەشمە ئېتتپاقى (Uygur Diasporası Yardımlaşma İttifakı ) يىقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان بارا-بارا كۈچەيگەن خىتتاي رىجىىمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن جۇدا قىلدى ( ئەلۋەتتە، خىتتاي رىجىمىنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغۇچىلار يەنىلاۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىزدۇر ) . ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كۈنسىرى ئىشىپ بېرىشى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويدى. […]

ئەزىز قىرىنداشلار، نۆۋەتتە ھەممە يەردە كىشلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە بەك سوغۇق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك، ئۆز-ئارا مۇھەببەت قالمىغاندا، مىللەتتىن يىراقلىشمىز، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇمىز كەلمەيدۇ، ۋەتەندىكىلەرنى تېخىمۇ بەك ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.مىنڭ ئاددى تەكلىۋىم، چوڭلىرىمىز،ئ‍ۇستازلىرىمىز، جامائەت ئەربابلىرىمىز-خەلقىمىزنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسى، مىھىرى-مۇھەببىتى،ھۈرمىتى،ئ‍ۆز-ئارا رىشتىسنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان چارىلەرنى ئويلانسا دىگەن […]

ئۇيغۇرىئان سۆزلەۋاتقان، ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەممىمىزدە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق چوڭ، بۈيۈك ۋە كاتتا ئارزۇ ۋە غايىلەر بار. مەسلەن: بىز ھازىر ھەممىنىڭ نەزىرىدە ئەڭ كۈچلۈك ھسابلانغان، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەڭ رەزىل بولغان ختاي كومپارتىيسى ھاكېمىيتىنى مەغلۇب قىلىپ ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىزغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم -ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئ‍نسانىيەتكە قارشى […]