شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا كىشلىك ھۇقۇقىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋەتەن سىرتىدا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا، گېزىت – ژورنال مۇخبىرلىرىغا ۋە كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىغا توختىماي ئىلتىماس سۇنۇۋاتىدۇ

بۈگۈن ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئۈستىللىرىگە خىتاي جازا لاگىردىكى مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، قول – پۇتلىرىغا زەنجىر كىشەنلەرنى تاقىغان ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ياكى جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملەرنى ئېلىپ، تۈركچە، خىتايچە، ئىنگىلىزجە، ئەرەپچە تىللاردا ئاشكارە گۇۋاھلىق ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىردىن بىرى بولغان Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى.
پىشقەدەم ژورنالىست، مۇخبىر ، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان Akit TV نىڭ يەكشەنبە كەچ سائەت 9.00 دىكى نەق مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى 10-ئىيۇل ئىيى پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە مەجلىستە مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش تەكلىپى» -ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەشكىل قىلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان

تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدە، كۇرتلارنىڭ خەلق دىموكراتلار پارتېيسى مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر گەرگەرلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىليارد ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ساتقانلىقىغا ئائىت پاكىت ۋە ئىسپات بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى!س

2020-يىلى 10-ئىيۇل تۈركىيە پارلامنىتى ئەردوغاننىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئاياسوفيەنى مەسجىدكە ئۆزگەرتىشنى تەستىقىلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا بۇ ھەقتە قىزغىن بەس- مۇنازىرە كۆپەيمەكتە. تۆۋەندە بىز شۇنىڭ بىر قسمىنى كۆپچىلىككە ئەينەن ھالدا سۇنىمىز

ئەردوغان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، تۈركىيە خەلقئارا سەھنىدە توختاۋسىز ھەرىكەت قىلدى. سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە لىۋىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا تۈركىيە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ «رايونلۇق كۈچ» سالاھىيىتىنى كۆپ قېتىم ئېلان قىلدى.

ھەر يىلى 5.ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن شېھىتلارنى ئەسلەيدۇ ۋە خىتايغا بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى بىلدۈرىدۇ.

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ باش لىدىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى.
6-ئاينىڭ 24-كۈنى Fox تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىنغان كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ باش لىدىرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ «بۇ كۈنلەردە مىنىستىرلار ياكى جۇمھۇر باشلىقىنىڭ ئاغزىدىن مىللىي ئۇقۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا بۇلارنىڭ يەنە نېمە مەقسىتى باردۇ دەپ گۇمان قىلىدىغان بولدۇم» دېدى.
F

6_18_كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 11دە دېڭىزلى مۇخپىرلار جەمىيتىدە 50 كارخانىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئېمبارگو قىلغانلىقى ھەققىدىكى پائالىيەت ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.

تۈركىيەدە بىر قىسىم ئوتتۇرا كىچىك شىركەت، كارخانىلار خىتايدىن مال كىرگۈزۈشنى توختىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، نۆۋەتكە بۇنىڭغا ئەگەشكەن كارخانىلار 50 كە ۋە بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 1مىليۇن 514 مىڭ ئامرىكا دوللىرىغا يەتكەن

تۈركىيەنىڭ ختتاينىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنى مەخپى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئۇ

2020-05-20

تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نىشانلىشى مۇمكىن .

شىرناك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىن بىر ئادۋوكات تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشىدا پەرۋاسىزلىق قىلدى دەپ قارىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇندى.

20 -دېكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ جەمئىيەت < IHH ، ئى خا خا> (ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى) نىڭ تەشكىللىشىدە تۈركىيەنىڭ 66 شەھەر، ناھىيەسىدە، كۆپىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، بەزىسىدە شام، بەزىسىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن «ئۈنسىز چۇقان» ناملىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

سالام كۆپچىلىك، بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز تېمىدا ئېيتىلغاندەك مەزمۇندا بولۇپ، بىز تېخى يېڭى ئېرىشكەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئامېرىكىدا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشىگە قارىتا باشقىچە بىر ئۆزگىرىش بولغاندەك تۇرىدۇ.