يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئائىلىمىز قەيەردە» پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېقىنلىرى ئىستانبۇل ۋالىيسىنىڭ ئارىچىلىق قىلىشى بىلەن پائالىيتىنى بىر مەزگىل توختاتقان ئىدى.

ئۆزبېكىستان ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىغا قازاقىستانمۇ قېتىلدى. ئامېرىكا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى، شەخسىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مەبلەغ سېلىش ھاۋالە شىركىتىنى قۇردى. شىركەتنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ تەسىرىدە، شەخسىي كارخانىلار 5 يىل ئىچىدىلا 1 مىليارد دوللار كىرىم قىلدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتىدۇ. سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم ۋە سۈپەتلىك پۇل-مۇئامىلە مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

ئادۇۋكات ئىلياس دوغان خەۋەر تۈرك قانىلىدا ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇر قىزى نۇرسىمانگۈلگە قىلغان تۆھمەتلىرى سەۋەبلىك دوغۇ پىرىنچەكنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتارى بولغان ئەڭ چوڭ تاراتقۇلىرىدىن بىرى خابەر تۈرك 29- يانۋار ئېلىپ بارغان تېلېۋزىيە زىيارىتىدە، خىتايپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان ۋەتەن پارتىيسى لىدىرى دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سۆزلىرىگە ئالاھىدە، ھەتتا قايتا-قايتا ئورۇن بەرگەن. دوغۇ پىرىنچەك ئەڭ مۇھىم سۆزلىرىنى مۇنداق قايتا تەكىتلىگەن: «ئىي پارتىيەنىڭ كۇرسىغا چىقىپ سۆزلىگەن ئۇ خانىم -ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇ خانىم – ئامېرىكا خىتايغا قارشى قوللانغان، ب د ت ۋە تۈركىيە تېررورچى دەپ ئېتىراپ قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەزاسى.، تېررورىستتۇر.» دېگەن.

28- يانۋار تۈركىيە كېلەچەك پارتىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى، سابىق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ، خانىمى ۋە بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، مىللەت ۋەكىللىرى بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى كونىيادىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى.

ئىككى تەرەپلىك سودا مىقدارى 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.خىتاي شىركەتلىرنىڭ تۈركىيەدىكى FDI پاي چېكى 1 مىليارد 920 مىليون دوللارغا يەتتى. ئىككى دۆلەت 12 مىليارد خەلق پۇلى (10 مىليارد 900 مىليون تۈرك لىراسى) پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئۆكتىچى ئالىكسېي ناۋالنىي شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇددىتىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىلىپ، قايتا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى 17- يانۋار قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى. ئەرزنى كۆرۈپ چىققان موسكۋا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ناۋالنىينىڭ قانۇنىي ئورنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق دەپ قاراپ، ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۆكۈم چىقاردى.

كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسۋەتلەر كومېتىتى رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم رىش (ئىداخو شتاتىدىن، جۇمھۇرىيەتچى) بۈگۈن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئۇ (فىلورىدا شتاتىدىن،جۇمھۇرىيەتچى)، جەف مېركلى (ئورىگون شتاتىدىن، دېموكراتچى) قاتارلىق ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسىغا قوشۇلۇپ، كېڭەش پالاتاسدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش قانۇن لايىھسى» نى تونۇشتۇردى.

ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان ياۋروپا ھۆكۈمرانلىقى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر، ھىندى ئوكيان دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مەركىزى ئىدى، ھەر خىل تاۋارلار ئاسىيادىن ياۋروپا بازارلىرىغا يۆتكىلەتتى. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپانىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى ھاكىمىيەتلىرى ھىندى ئوكياننى ئاستا-ئاستا ئىنگلىز كۆلىگە ئايلاندۇردى.

(پارىژ خەۋىرى)
2021- يىلى 24- يانۋار فرانسىيەدىكى ئوقۇرمەنلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان «غەربىي فرانسىيە» گېزىتى ئۆزىنىڭ تور بەت سەھىپىسىدە «كابۇلدىكى ھەقىيقى خىتاي جاسۇسلىرى ۋە ساختا ئۇيغۇر تېررورىستلىرى» تېمىسىدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلدى.

20- يانۋار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكىنىڭ 46- نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى. ئەنئەنە بويىچە، سابىق پرېزىدېنتلاردىن كىلىنتون، كىچىك بۇش ۋە ئوباما كېلىپ بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىدى.

تۈركىيەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنۇن 16- يانۋار تۈركىيە تاراتقۇلىرىغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكى ۋە «بىر خىتاي سياسىتى» پرىنسپىنى بىز قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بارلىق ۋاستىلار بىلەن كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى بىلەن مۇناسۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇششنى ئارزۇ قىلىمىز.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرە دوختۇرخانىسدا خىتاينىڭ سنوۋاك شركىتى ئ‍شلەپچىقارغان خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى باش بولۇپ ئۇرغۇزغان.

ماقۇللانغان ۋاقتى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى يىغىنى 40-نۆۋەتلىك يىغىنى 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ماقۇللىنىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمزا قويۇپ، تەستىقلاپ ۋە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ئېچىۋېتىلگەن.

12-يانۋار ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تۈركىيىنىڭ ۋېئاننادىكى باش ئەلچىسى ئوزان جەيھۇن(Ozan Ceyhun) بىلەن كۈرۈشتى
ئاۋستىرىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ناھايتى ئاز بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاز بولىشىغا قارىماي

قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ بۈگۈن جاكارلىشچە، پرېزدېنتلىق سايلىمىدا سادىر جاپاروۋ %79 لىك غەلىبە بىلەن ئۇتقان بولۇپ، ئۆكتەبىردىن بېرى قالايمىقانچىلىققا پاتقان قىرغىزىستاننىڭ سياسىي كېلەچىكى بۇ يېڭى پرېزدېنت بىلەن ئەسلىگە قايتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. سادىر جاپاروۋ 1968- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ

6- يانۋار دۆلەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىردەك بۇ زوراۋانلىقنى بىر تارىخىي جىنايەت دەپ ئەيىپلىدى.