پەيشەنبە كۈنى ئ‍سفاھاندىكى سوت مەھكىمىسى ناخشىچى توماجنى ئۆز ناخشىلىرىدا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلىقى، دىندىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئەزگەن دەپ شئە موللا ھۆكۈمرانلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن «ئاللاھنىڭ زىمىنىدا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى جازا-ئۆلۈم جازاسى بىرىلسۇن»دەپ ھۆكۈم قىلغان.توماج ئەڭ دەسلەپ 2022-يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا قاتناشقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، 251 كۈن تۈرمىدە ياتقان،كىين چىققاندىن كىين […]

ئىران ئ‍سرائىلىيەگە 300 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان، سان جەھەتتە رىكورت ياراتقان، سەئۇدى ئەرەبستان ۋە ئىئوردانىيە ئ‍سرائىلىيەنى قوللىدى. 13-ئاپرىل ئىران مۇھاپىزەتچى ئارميسى قساس نامىدىن ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ئىلىپ بارغان ھەربى ھەرىكىتىدە 300 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە دىرون ئاتقان، 100 دىن ئارتۇق ئوق بېشلىق بومبا، 30 دىن ئارتۇق قوغلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا […]

ئىران ئارمىيسى بۈگۈن رويتىرىسقا مۇنداق دىدى: ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى باشلاندى. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئىلان قىلغان خەۋەردە، ئىران جۇمھۇريەت مۇھاپىزەتچى ئارمىيسى شەنبە كۈنى كەچتە ئ‍سرائ‍ىلىيەگە 100 دىن ئارتۇق دىرون (ئۇچقۇچسز ھۇجۇمچى ئايرۇپىلان) ئەۋەتكەن بولۇپ، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئ‍سرائىلىيەگە يېتىپ بارىدىكەن، ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائىلىيە بۇلارنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. بۇ ئىراننىڭ […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ئاپرىل ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بېخەتەرلىكى باياناتچىسى جون كىربى بۈگۈن ئىراننىڭ 48 سائەت ئىچىدە ئ‍سرائىلىيەگە قارشى قساس خاراكتىرلىك ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر بارلىقىنى ئىلان قىلدى. بۈگۈن ئامېرىكا ئا ب سى ئاخبارات قانىلى ئىلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئىران ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئوق بېشى […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 11-ئاپرىل ختاي تاشقى ئىشلار منسترلىكى باياناتچىسى بۈگۈن بايانات ئىلان قىلىپ: «بىز (ختاي)پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ھوقۇقلۇق ئەزا مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى قەتئى قوللايمىز.» دىدى. 2023-يىلى ئېيۇن ئېيىدا ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ ئەرەب دىپلوماتلار بىلەن كۆرۈشكەندە، «ختاي پەلەستىننىڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسنى قەتئى قوللايدۇ.»دەپ ئىلان قىلغان. 2024-يىلى يانۋاردا […]

سەئۇدى ئەرەبستان رىياد شەھىرىدە تۇغۇلغان 27 ياشلىق مودىل ۋە تور چولپىنى رۇمى ئەلقەھتانى سەئۇدى ئەرەبستانغا ۋەكىل بولۇپ،2024-يىللىق دۇنيا گۈزىلى مۇسابىقىسگە قاتنىشىدۇ. سەئۇدى ئەرەبستان ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىنو-فىلىم، سەنئەت، تەنتەربىيە ساھەسگە غايەت زور مەبلەغ سلىپ، غەرپچە يېڭى شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقتى، كۆپ قېتىم دۇنياۋى مۇسابىقىلەر ۋە يەرمەنكىلەرنى ئۇيۇشتۇردى. […]

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-فېۋرال قاتار ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئەلجەزىرە خەۋەر قانىلىنىڭ نەق مەيدان خەۋەر قىلىشچە، ختاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى خەلقئارا سوتقا مۇنداق دىگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى1973-يىلى ماقۇللىغان 3070 -نۇمۇرلۇق قارارنامىسگە ئ‍اساسلانغاندا، «بىز خەلقلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلغۇچىلار ۋە چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ بېسۋىلىشىغا ۋە ياتلارنىڭ ئېزىشىگە قارشى بارلىق مۇمكىنچلىكى بولغان ۋاستىلەر بىلەن قارشىلىق […]

29-يانۋار ئىران كونتىرۇللۇقىدىكى خوسيلار ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىئوردانىيەدىكى ھەربى بازىسغا ھۇجۇم قىلىپ ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كىين، ئامېرىكىدا ئىرانقا قارشى قايتۇرما زەربە بىرىش سادالىرى كۈچەيمەكتە. ئىران جۇمھۇرىيەتچى مۇھاپىزەت ئارمىيىسنىڭ ئادمىرالى ھەبىبۇللا سەييابى مۇنداق دىگەن: ئىران ئارمىيسى غەرپ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا ئەڭ ياخشى ھازىرلانغان.بىز دۆلىتىمىزنى قوغداشقا […]

«ختاي خەلقئارا جىنايى ئ‍شلار سوتىنىڭ جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى بۇيرۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» https://x.com/MFA_China/status/1751955164632854822?s=20

تەييارلىغۇچى: ئەھمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 1-دېكابىر ئىراق-ختاي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىراق پايتەختى باغدادتا ئۆتكۈزۈلدى ختاي ئوتتۇرا شەرقتە داۋاملىق ئۆز تەسر كۈچىنى كېڭەيتمەكتە.ئېقتساد ۋە ئاتالمىش «تىچلىق دىپلوماتىيەسى»بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىماقتا.   ئىراق سودا مىنىستىرى قۇرەير، ختاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى شۈ خەيفېڭ، ئىراق-ختاي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ھەيدەر رۇبەيىر، ئىراق […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تەييارلىغۇچى ئەكرەم ئامېرىكا «دۆلەتلىك ئوبزور» ژۇرنىلى مايكىل بىرەنان ( MICHAEL BRENDAN DOUGHERTY )ئاپتورلۇقىدىكى ماقالىدا، يېقىندا پۇل-مۇئامىلە گېزىتى ئىلان قىلغان ختاينىڭ مەسجىدلەرنى كەڭ-كۆلەمدە ۋەيران قىلىشى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسنىڭ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن ھەرىكەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ مۇنداق دىگەن: «ختاي […]

(ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەر تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىندى، مەنبەسى جۇمھۇرىيەت گېزىتى تور بېكىتى، بىز خەۋەرنىڭ باش تونۇشتۇرۇلۇشنى ئەينەن تەرجىمە قىلدۇق، ھىچقانداق تەھرىرلىمىدۇق، ئ‍ۆزگەرتمىدۇق، بۇ قانۇن لايىھەسنى رەت قىلغان ئاق پارتىيە ياكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى بىلەنمۇ ھىچقانداق سياسى ياكى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ياكى ئالاقىمىز يوقتۇر.) سائادەت پارتىيسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈركىيەدىن ئ‍سرائىلىيەگە […]

مەھمۇتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،20-نويابىر (ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بۇ ئەرەب -مۇسۇلمان دىپلوماتىيە منستىرلىرى ياكى بۇ خەۋەرنى ئىلان قىلغۇچى مېدىالار بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇلارنىڭ بېجىڭ زىيارىتىنى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئەمەس، دۇنيا مېديالىرى ئاۋال خەۋەر قىلدى. نۇرغۇن خەۋەرلەردە ئ‍شلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارشى ناھايتى ئىغىر ۋە كەسكىن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تۆھمەت-ئۆسەك سۆزلەردىن […]

ۇرغۇنجان تەييارلىدى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت ئاۋىئاتسيە شركىتى بولغان خەلىپىلىك ئ‍اۋىئاتسيەسى (Emirates) ئامېرىكا بوئىن (Boeing)شركىتىدىن 95 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانى بۇيرۇتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئاۋىئاتسيە شركىتىنىڭ ئامېرىكا بوئىن شركىتىدىن بۇيرۇتقان ئايروپىلان سانى 205 كە يەتتى.خەلىپىلىك ئ‍اۋىئاتسيەسى (Emirates)دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ بوئىن ئايروپىلانى بار بولغان ئاۋىئاتسيە شركىتىگە ئايلاندى. بوئىن -777 (9)ئايروپىلانى يەككە […]

قازاقستان پايتەختى ئاستانەدە ئېچىلىۋاتقان «تۈركى دۆلەتلەر تەشكىلاتى» يېغىنىدا سۆز قىلغان قازاقستان پىرەزدىنتى قاسم جۇمارت توقايىۋ مۇنداق دىدى: «بۈگۈن گازادا پۇقرالار بولۇپمۇ بالىلار ۋە چوڭلار توقۇنۇشنىڭ قۇربانى بولماقتا.قازاقستان ھۆكۈمىتى بۇلارغا ئ‍نسانى ياردەم سۈپىتىدە بىر مىلىيون دوللارلىق ئ‍نسانى ياردەم ئەۋەتىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە قانال تەييارلىدى، 7-نويابىر ئامېرىكا سىملىق تېلىۋزىيەسى خەۋىرى، ۋېرجىنىيە ۋىليام ۋە ماررى ئېنۇستىتۇتىنىڭ «ياردەم مەلۇماتى»(Aid Data)گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ ئىلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى تەرەققى قىلىۋاتقان نەچچە ئونلىغان دۆلەتكە 1 تىرىلىيوندىن بىر يىرىم تىرىلىيون دوللارغىچە قەرز بەرگەن. بۇ قەرزلەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ختاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول »قۇرۇلۇشى باشلانغان 2013-يىلدىن […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئۆكتەبىر گازادىكى پەلەستىن سەھىيە مىنستىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئۆكتەبىرگىچە ئ‍سرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئ‍ۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 8000 گە يەتكەن.بۇلارنىڭ ئ‍ىچىدە 3000 كىچىك بالا بار. ئ‍سرائىلىيە ئارمىيسى 29-ئۆكتەبىر گازاغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن. ئ‍سرائىلىيە ھاماسنى يوقاتمىغۇچە توختىمايمىز دەپ ئىلان قىلدى. پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈم-يېتىمى كۆپەيگەنسرى، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئ‍سرائىلىيەگە قارشى نارازىلىق كۈچىيىپ ماڭماقتا.بىرلەشكەن […]

تەييارلىغۇچى: مۇھسىن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-ئۆكتەبىر خاماسنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى خالىد مەشئەل مىسىرنىڭ سادال بەلەد (ۋەتەن ساددسى) تېلىۋىزىيەسىگە سۆزلەپ، ختاي بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىدى. ئۇ ھەتتا ئۇممەتنى ئەرەبلەرنى ختاي بىلەن ھەمكارلىششقا چاقىردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەرەب مىللەتچىسى ئىكەنلىكىنى قەتئى يوشۇرماستىن «ئەرەبلەر-دۇنياغا دەرس بىرىۋاتىدۇ.». خاماسنىڭ چەتئەلدىكى رەھبىرى خالىد مەشئەل مەرى […]

مەھمۇتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27- ئ‍ۆكتەبىر  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ئۆلىمالار تەشكىلاتىدىن بىرى بولغان «دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى» ئورگان تور بېكىتى، سوسيال مېدياسى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇچۇق خەت ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭدىن  ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائ‍ىلىيەگە قارشى مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە پەلەستىنگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.  مەزكۇر خەت ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلانغان بولۇپ، […]

تەييارلىغۇچى: ئىھسان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-ئۆكتەبىر تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە-جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسنىڭ رەئىسى كامال قىلچدار ئوغلۇ تېۋىتىر ھىسابىدا پەلەستىن ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « تاشقى دۇنيادىن ئۈزۈلۈپ قالغان گازا ئېغىر بومبا ئاستىدا قالدى … گازادا گۇناھسىزلار قىرغىن قىلىنماقتا، بۇ يېتەرلىك بولمىغاندەك ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يەنىلا دوختۇرخانىلارنى نىشان قىلىپ كۆرسەتمەكتە. بۈگۈن ئاخشام […]