بۈزرۈكلەر ھۇزۇرىدا كۆرگەنلىرىم (2)

ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندىمنىڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرىنىڭ داۋامى

 بۈزرۈكلەر ھۇزۇرىدا كۆرگەنلىرىم (2)

ھەبىبۇللا ئىزچى

بۇ ئەسلىدە بۇرۇن بىر قېتىم ئېلان قىلىنغان خاتىرەم بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بەزى ئەسلىمىلەرنى ئايرىم يېزىش پىلانىم بولغاچقا ئېلان قىلىۋەتكەن. گەرچە بۇ ۋاقتى ئۆتكەن بىر ئەسلىمە بولسىمۇ ھازىرقى دۇنيا سەھنىسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاۋانگارتلىرىنىڭ بىر قىسمى مەرھۇمنىڭ تەربىيەسىنى ئالغانلىقى ۋە ئۇستازىمىزنىڭ كۆز قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر خاتىرە بولغانلىقى ئۈچۈن قايتا رەتلەپ ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق ئىنسانلارنىڭ كۆز قاراش ياكى ئاكىسىراش خاھىشى تۈپەيلى كۆز قارىشىنى مىللەتكە زورلاپ تېڭىپ يېڭىدىن مازاردىكى ئۆلۈكنى سۆرەپ چىقىپ قالپاق كەيدۈرۈشى ۋە تەتۈر قويۇن چىقىرىشى، بۈيۈكلەرنىڭ ئارزۇ- ئىستەكلىرى، كۆز قارىشىغا خالىغانچە باھا بېرىش ئارقىلىق تارىخنى ئىنكار قىلىشى ياكى قارىلىشى بۇنى قايتا ئېلان قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى.

…………………………………

1995- يىلى قۇربان ھېيت كۈنى مۆھتەرەم ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۆيىگە توپلاندۇق. ھارپا كۈنىدىكى دېيىشكىنىمىز بويىچە ئۇستازنىڭ  قۇربانلىقىنى بىز ئېلىپ تەييار قىلغان بولۇپ، ھارپا كۈنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئاتىغان پۇلىنى قوي ئەكېلىپ بېرىشكە بىزگە بېرىپ قويغان ئىدى. ھېيت كۈنى نامازدىن بورۇن كەلدۇق ۋە  ئۇستازنى ئېلىپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە ئەڭ يېقىن بولغان قىزىلتاغ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇدۇق.

نامازدىن كېيىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېنىغا جايلاشقان  شېھىتلىككە تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كېلىشكە باردۇق. (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جايلاشقان ئورۇن شېھىتلىك دەپ ئاتىلاتتى) بۇ يەردە  رەھمەتلىك مەسئۇد سابىرى بايقۇزى، شەرىپقان تۆرە، 1933-يىلى قورۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى  باش مىنىستىرى سابىت داموللا ھاجىم، قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى خوجا نىياز ھاجىملارنىڭ مازىرى جايلاشقان ئىدى. بىز پات -پات رەھمەتلىك تۇرغۇن ئالماس، نىزامىدىن ھۈسەيىن ۋە باشقا بىرقانچە يېقىنلىرى بىلەن بۇ جاينى زىيارەت قىلاتتۇق. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە رەھمەتلىك نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم بىزگە بۇ يەرنى كۆرسەتكىلى ئېلىپ كېلىشىدىكى مەقسىتى، بۇ يەرنى بىر مۇقەددەس تارىخ سۈپىتىدە بىز ۋە بىزنىڭ تەڭتۇشلىرىمىزغا ھەم شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى، تارىخنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەسلىكنى ھەم  بۇنىڭ تارىخنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشتە رولىنىڭ مۇھىملىقنى، ئىمكان بولسا رېمونت قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ شېھىتلىك 2004- يىلىنىڭ ئاخىرى مەجبۇرىي يۆتكىۋېتىلدى. شەرىپقان تۆرىنىڭ مازىرى ئالتايغا قازاقلار تەرىپىدىن بۇرۇنلا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ مەسئۇد سابىرى بايقۇزى، سابىت داموللا ھاجىم، خوجا نىياز ھاجىم، قۇربان قۇداي، ۋە خوجا نىياز ھاجىم بىلەن بىللە شېھىت قىلغان بىر قانچە ئىسىمسىز كىشىنىڭ تۇپراق بېشى شېھىتلىك يۆتكەلگىچە شۇ يەردە ئىدى. خوجا نىياز ھاجىمنىڭ تۇپراق بېشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى قۇمۇلغا يۆتكەشكە قوشۇلمىدى ۋە نەۋرىلىرى گۈلساي مازارلىقىغا يۆتكىدى. ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ تۇپراق بېشىمۇ گۈلسايغا سوپاخۇن سوۋۇروۋنىڭ مازىرى يېنىغا يۆتكەلدى. قۇربان قۇداينىڭ ، سابىت داموللا ھاجىمنىڭ ۋە باشقا نامسىز شېھىتلارنىڭ قالغان ئۇستىخانلىرى توپلىنىپ ساقچى نازارىتى ئاستىدا بىر مازارغا قويۇلدى. بۇ كۈنلەردە قۇمۇلدىن مازارلىقنى يۆتكەش ئىشى ئۈچۈن كەلگەن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ قۇمۇل دارىلمۇئەللىمىدىكى نەۋرىسى بىر نەچچە كۈن ماڭا مېھمان بولدى. مەن بۇ جەريانلارنى كۆردۈم، خوجا نىياز ھاجىمنىڭ مازارلىقىنى يۆتكىگەن كىشىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىكىگە قويغان گۆركارنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا گۈلساي مازارلىقىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىكى ساقچى نازارىتىدە كوللېكتىپ قەبرىلەرگە قويۇش ئىشىنىمۇ شۇ كىشى قىلغان بولۇپ بۇ ئائىلە 2006-2016 گىچە مەن بىلەن قوشنا ئىدى.

ئەسلى تېمىغا كەلسەك، دۇئادىن كېيىن رەھمەتلىك مۇستاپا ئاكىمىز ئەكەلگەن ماشىنا بىلەن ئۆيگە كەتتۇق ۋە ئەپەندىمنىڭ قۇربانلىق قويىنى ئەكەلدۇق  ۋە گېزىتخانا قورۇسى ئىچىدىكى ئۆيى ئالدىدا قۇربانلىقىنى قىلدۇق. بۇ ئارىلىقتا ئەپەندىمنىڭ قوشنىسىمۇ بىزنى قاسساپ  دەپ ئويلىدى بولغاي، قۇربانلىقىنى سويۇپ بېرىشنى ئېيتتى.  مەن قۇربانلىق قىلغان ئاكىمىزغا دەرھال «ئىت» نىڭ قۇربانلىقىنى بۇغۇزلامسەن؟  دېدىم. ئۇ ماڭا قاراپ: « ئۇكام سەن ئېغىزىڭغا كەلگەننى سۆزلىمە ئەتىگەندە»- دېدى. ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ قاسساپ ئەمەسلىكىنى قورۇدىكى قاسساپلارغا سويغۇزۇشنى ئېيتىپ قۇربانلىقنى يىغىشتۇردۇق.

رەھمەتلىك نىزامىدىن ئەپەندىممۇ ئىشىمىز تۈگىگەن بولسا ئۆيگە چىقايلى، سەن گۆشنى پىشار مېھمان كېلىدۇ دېدى، ۋە بىزگە : « رەھمەتلىك ئابدۇلئەزىز مەخسۇم «ئوڭ تەرەپتە قارا ئىت، سول تەرەپتە سېرىق ئىت، ئالدىڭغا ماڭساڭ نۇسرەت، ئارقىغا يانساڭ جەھەننەم» دەيتتى، ماڭايلى ئالدىمىزغا قاراپ ئۆيگە كىرەيلى»  دېدى دە بىزنى ئۆيگە باشلاپ ماڭدى.

ئەپەندىمنىڭ ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ بۇ سۆزىنى نەقىل ئېلىشتىكى مەقسىتى  چۈنكى ئەپەندىمنى  ئەپەندىمنىڭ ئۆيى جايلاشقان بىنانىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىككى بىنادىن ياتاق ئۆيى ۋە مېھمانخانا ئۆيىنى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغان بولۇپ بۇ قويىنى بوغۇزلاتماق ئۈچۈن كەلگەن ئادەم دەل ئالدى تەرەپتىكى ئۆيدىكى ئەپەندىمنى كۆزىتىدىغان قۇلاق ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ بىزگە كېلىشتىكى مەقسىتىمۇ يەنىلا شۇ يېقىنلىشىش بولۇپ ئەمەلىيەتتە  قورۇدا باشقا قاسساپلارمۇ بار ئىدى. 

ئۆيگە كىرىپ ھەممىمىز بىرلىكتە گۆشنى قازانغا تىقىۋېتىپ سۆھبەتكە چۈشتۇق. گۆشلەر پىشىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلگەندە پەتە ئۈچۈن ئەپەندىمنىڭ قەدىناس دوستى، رەھمەتلىك تۇرغۇن ئالماس كەلدى. سۆھبەت تېخىمۇ قىزىشقا باشلىدى. ئادەتتە تۇرغۇن ئالماس ئىككى كۈندە ياكى كۈندە شامالباغقا جايلاشقان يازغۇچىلار جەمئىيىتى قورۇسىدىكى ئۆيىدىن نىزامىدىن  ئەپەندىمنى يوقلاپ كېلەتتى، بولۇپمۇ ھېيت بايرامدا بىرىنچى كۈنى سەپدىشى، يولدىشى، مۇڭدىشى بولغان نىزامىدىن ئەپەندىمنىڭ ئۆيىدە بولاتتى. سالام- سەھەتتىن كېيىن شىرەنىڭ يېنىغا  جايلىشىۋالغان ئۇستاز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىگە چاقچاق باشلىدى: «ئەپەندىم گۆش پىشىپتۇ ئەمما يەكەننىڭ لەڭپۇڭى بولغان بولسا ھە!»، بۇ دېگىنى ئەپەندىمنى تېرىكتۈرمەك ئۈچۈن بولۇپ شەرقى تۈركىستاندا يەكەن خەلقىنى لازا -ئاچچىقسۇسىز بىر نەرسە يېمەيدۇ، يەكەن خەلقى لەڭپۇڭغا ئامراق دېگەن لەتىپە بار ئىدى. تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم گەپ ئارىسىدا مەندىن «قانداق قىلدىڭ ئېلىپ چىقالىدىڭمۇ؟»- دەپ سورىدى.
ئۇستازنىڭ «ئېلىپ چىقالىدىڭمۇ» دېگىنى گومىنداڭ ۋاقتىدىكى ئەرك گېزىتى بولۇپ، ئەپەندىم ماڭا گېزىتخانا ئارخىپخانىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرك گېزىتى بار ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار دەپ تاپشۇرغان، بىز ئۇنى ئارخىپخانىدىكى خىتايغا ئۈچ مىڭ يۈەن پۇل بىلەن ئىككى پاچكا سىگارت بېرىپ ئاچىققان ئىدۇق. مەن ئەپەندىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئۈستىدىكى ئىشكاپتىن ئەرك گېزىتىنى ئالدىم ۋە ئەكىردىم. بۇ گېزىت ھازىرقى شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدىن بىر ئاز چوڭ بولۇپ ژۇرنال شەكلىدە ئىدى.

ھەممىمىز بىردىن گېزىتنى ئېلىپ تەپسىلىي كۆرۈشكە باشلىدۇق تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ھە مانا بۇ ساندا ئىكەن دېدى-دە، ئوتتۇرىغا تاشلىدى.ئەپەندىمنىڭ ئىزدىگىنى بىر تارىخى پاكىت بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى جاڭ جېشىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە يوللىغان تېلېگراممىسى ئىدى. ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن ئۈچۈن بۈيۈكلەرنىڭ ئالدىدا دەرھال ژۇرنالغا قول ئۇزارتمىدىم. ئەپەندىم ماڭا قاراپ سىلەرنىڭ بۇ ئىشنى قىلالايدىغىنىڭلارغا ئىشىنەتتىم، ياخشى قىلدىڭلار بۇ سىلەر ۋە ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىغان تارىخنىڭ بىر كۆمۈلگەن يۈزى، بۇلار (كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى دېمەكچى) بۇ پاكىتلارنى يوق قىلىۋېتىدۇ، بۇنى ساقلاپ قويۇش، كېيىنكىلەرگە بىلدۈرۈش، ئۆگىتىش كېرەك دېدى.

تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ماڭا «ئۆزۈڭ كىچىك ئەمما يۈرىكىڭ چوڭ»، دەپ بىر خىل مەمنۇنلۇق بىلەن باقتى. ئادەتتە  ئۇستازنىڭ  قارىشى سۈرلۈك بولۇپ ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە قارشى تەرەپنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشەتتى. تېتىك ساغلام بولۇپ يول يۈرسە قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭاتتى، بويىغا يارىشا ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. تولىمۇ رەتلىك كىيىنەتتى. ئۇستاز ئۈچ كىتابى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىشتىن توختىتىلغان ۋە كىتاب ئەسەر نەشر قىلىش ھوقۇقى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، قەلبى ۋەتەن ئىشقىدا يانىدىغان بۇ ئالىم ئەسلى كوممۇنىستلار ئىشغالىدىن كېيىنكى شەرقى تۈركىستان تېمىسىدا تارىخى پاكىت سۈپىتىدە كىتاب يېزىشنى نىيەت  قىلغان بولۇپ ماتېرىيال توپلاۋاتاتتى. ۋە بۇنى يېزىشقا بىر قىسىم ياشلارنى يېتەكلەۋاتاتتى.بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى بولسا خىتاينىڭ 1949-يىلىدىن كېيىنكى جىنايەتلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى ۋە پائالىيەتلىرى، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كېيىنكى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب، قوزغىلاڭلار، نامايىشلار قاتارلىقلار بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك  ماتېرىيال ۋە ئارخىپلارنى توپلاۋاتاتتۇق.

 بۇ گېزىتتىكى ماتېرىيال بولسا تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ئۇيغۇرلار دېگەن كىتابىدىن كېيىنكى تارىخنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يازماقچى بولغان كىتابىنىڭ بېشىدىكى ئەلەمدىن قەلەمگە بولغان جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ جەڭ مەيدانىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ۋە جاڭ جېشىنىڭ تېلېگراممىسى ئىدى. 
 
دېمىسىمۇ تارىخ بېتىگە قارايدىغان بولساق قەھرىمان خەلقىمىز ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورۇلۇشى ۋە ئالدى كەينىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساراسىمىگە سالغان ۋە ئۇلارنى ئامالسىزلىقتىن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئۈستىدە يالتادا چىقارغان شەرەپسىز قارارى سەۋەبىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى، ھۆررىيىتى خىتاينىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش  بەدىلىگە ئالماشتۇرۇلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى يالتا كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپى بويىچە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ يەنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش، بۇنىڭ بەدىلىگە سوۋېت ئىتتىپاقى  شەرقى تۈركىستاندىكى ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنى ۋە قورال ياراقلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى   ئالغا ئىلگىرىلەتمەستىن توختىتىش قاتارلىق شەرتلەر بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئازاد قىلىپ بولغان غەلىبە مېۋىسىنى ۋەيران قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىك  نەزەرىيەسى، جاڭ جېشىنىڭ شياڭگاڭدا ئەنگلىيەنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى قاتارلىق  نۇرغۇن تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلەرمۇ سەۋەب بولدى.

 تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم : «كۆر سەنمۇ ئوقۇپ باق دەپ بولۇپ ئوقۇپ بولدۇڭ سەن ھەقىچان» دېدى ماڭا. مەن تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم ئۇزارتقان گېزىتنى قولۇمغا ئالدىم- دە دەرھال ئوقۇشقا باشلىدىم، بۇنىڭدا جاڭ جېشىنىڭ تېلېگراممىسى ئەينى كۆچۈرۈلۈپ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە بېسىلغان بولۇپ تېلېگرامما مەزمۇنى: «شىنجاڭدىكى قېرىنداشلار ئۈچ مەسلەك روھى ۋە ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرى بويىچە يۇرتىنى تۈركىستان، چىنى تۈركىستان  ۋە يا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئورۇنلىرى ۋە تامغا ۋېۋىسكىلىرىدا شىنجاڭ ئۆلكىسى دەپ يېزىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن بىر ئاز چۈشىنىكسىز بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندەك ئەپەندىمگە قارىدىم. بۇ ئارىدا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم ئالدىرىماي بىزگە قارىۋېتىپ: «بۇ ئاددىي بىر تېلىگراممىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن بىز بۇنى قولغا كەلتۈرگىچە نۇرغۇن بەدەل تۆلىدۇق. بۇ تېلېگرامما شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، كۈرەش قانداقتۇر غەلىبە مېۋىسىنى باشقىلار ئېلىپ كېلىپ بېرىدىغان ئۈجمە پىش ئېغىزىمغا چۈش ئەمەس، بەلكى قان تۆكۈش ۋە سىياسەتنى يەر -يېرىگە كەلتۈرۈپ ئويناش دېمەكتۇر، بىز ئەينى ۋاقىتتا تەرەپ تەرەپتىن بۇ خەقنى شۇ دەرىجىدە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ھەم تېلىگراممىنىڭ يوللانغان ۋاقىتتىكى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى شۇ دەرىجىدە ئىدى، ئەمما بۇنىڭدىكى چىن تۈركىستانى دېگەن ئۇقۇم پەقەت ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى. بىزنىڭ تەك ئىستىكىمىز ھۆر، ئەركىن بولغان شەرقى تۈركىستان. تۈركىستان ئۇقۇمى بولسا تەڭرىتاغدىن بالقانغا قەدەر تۈرك زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تۇراندىن ئىبارەت. شەرقى تۈركىستان نامى تارىختا دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك.  شۇڭا سىلەر قانداقتۇر ئۇيغۇرىستان  ۋە چىن تۈركىستانى دېگەن قالايمىقان چۈشەنچىلەرنى مېڭەڭلىگە سوقماڭلار! تۈرك ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەزرىتىمنىڭ (مۇھەممەتئىمىن بۇغرا) دىنىمىز ئىسلام! مىللىتىمىز تۈرك! ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ! شوئارى ھەر زامان يادىمىزدا بولسۇن، شۇنداقلا ئىسمائىل بەينىڭ(ئىسمائىل غاسپىرالى) ئىشتا، تىلدا، دىلدا بىرلىك شوئارى يېتەكچىڭلار بولسۇن.  ئاللاھ ئىنساننى ئوخشىمىغان ئىرق ئوخشىمىغان تىلدا يارىتىشى قانداقتۇر بىر- بىرىگە كىم يامان دەپ ئاجىزنى يېگۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى ئوخشىمىغان تىل ،ئوخشىمىغان مىللەت سۈپىتىدە بىزنىمۇ شۇ قاتاردا  ياراتقان ئىكەن، بۇ ئازادلىق دېگەندە بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار بۇنى ئۇنتۇماڭلار»  دېدى.
 
بۇ كۈنى پەتىلەشكە كەلگەنلەر ئىچىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشقا بىر ئوقۇتقۇچىمۇ بار بولۇپ ئۇ تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىمدىن ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان دىئالوگلار ھەققىدە سورىدى. تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم شۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇيغۇرلاردىن داھىي بولۇشقا لايىق ئىككى كىشى بار بىرى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، يەنە بىرى ئەخمەتجان قاسىمى» . ۋە بۇ ئەسنادا بېتىم مەزگىلىدە قەشقەردىكى سايلام ۋە نامايىشلار ھەققىدىكى بىرئاز ئەسلىمىسىنى ئاڭلاتتى. بۇ ئەسلىمە ئىچىدە  شۇنداق بىر بايانلار بار بولۇپ: » قەشقەرگە سايلام ئۆمىكى تەركىبىدە بارغان جاڭ جىژجۇڭ يىغىندىن كېيىن ئەخمەتجانغا قەدەھتە شاراب ئۇزاتقاندا ئەخمەتجان قاسىمنىڭ سىلىق رەت قىلغانلىقى ۋە ئەپەندىم سىزنىڭ قەدەھىڭىزدىكى شاراب سىزگە يارىشىدۇ، سىزگە سىڭىدۇ. ماڭا خەلقىمنىڭ زاغرا بىلەن ئاپقۇردىكى چېيى يارىشىدۇ. سىز قەدەھتە شارابىڭىزنى ئىچىڭ، مەن يەنىلا مۇشۇ پىيالەمدىكى چاينى ئىچەي. ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئېرىقىدىكى سۈيىنى ئىچكىنى ئەڭ توغرىسى دېگەن ئىدى»  دەيدۇ. ۋە سايلام ئۆمىكى كەتكەندىن كېيىن قەشقەر دارىفۇنۇندا بولغان ۋەقەلەر،تۇتقۇنلار ھەققىدە توختىلىپ بىر ئارتىس ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: « سايلام ئۆمىكى كەتمەستىنلا تۇتقۇن باشلىنىپ كەتتى. كېچىسى مەكتەپنىڭ قورۇسىدا ياتقان ئىدۇق، يېرىم كېچىدە گومىنداڭ ئەسكەرلىرى مەكتەپكە ئاۋاز چىقارماي باغ تەرەپتىن  كىردى. ۋە بىز ياتقان يەرگە كەلدى. مەن ئۇ كۈنى كەچ قالغاچقا يېرىمگە باشقا بىر ئوقۇتقۇچى ياتقان ئىكەن ، مەن باشقا بىر يەردە ياتقان ئىدىم. ئەمما ئەسكەرلەر كەلگەندە «م» ئىسىملىك بۇ ئارتىس يوتقاندىن بېشىنى چىقىرىپ قاتارلىشىپ ياتقانلار ئىچىدىن بىرىنى كۆرسەتتى، ئەسكەرلەر بېشىغا خالتا كىيدۈرۈپ ئۇ كىشىنى ئاچىقىپ كەتتى، ئارقىدىنلا مەكتەپنىڭ بېغىدىن مىلتىق ئاۋازى كەلدى، يەركەنلىك بىر ئوقۇتقۇچىنى ئېتىۋەتكەن ئىدى». بۇ ئارتىس ھەققىدە رەھمەتلىك نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىممۇ ئەينى ۋاقىتتا دوڭگوبى يەنى قۇربان توڭغۇت چۆللۈكىدىكى تۈرمىدىن قېچىش جەريانىنى سۆزلەپ: «بۇ چۆللۈكتىن چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بەش ئون تال موما يىغىشىمىز كېرەكتى. چۈنكى قاچقان كىشى چۆللۈكتىن چىققۇچە ئاچلىق ياكى يىرتقۇچلارغا يەم ئۆلۈپ كېتەتتى. قېچىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يېمەك ئىدى. شۇڭا كۈندە بەرگەن ئىككى مومىنىڭ بىرىنى ياستۇقنىڭ ئىچىگە يىغاتتۇق، ياستۇق دېگىنىمىزمۇ سايلىقتىكى تاشلارنى يىغىپ ئۆزىمىز تىككەن ياستۇقنىڭ ئىچىنى توشتۇرۇپ بېشىمىزغا قويۇپ ياتىدىغان تاش قاچىلاغلىق خالتا ئىدى. بىز مومىلارنى شۇ تاشلارنىڭ ئارىسىدا ساقلايتتۇق، ئەمما ئەمدى تۆت -بەش موما قىلغاندا ئاختۇرۇپ تېپىۋالاتتى ۋە قاتتىق قىيناشقا ئالاتتى، ياكى ئېتىۋېتەتتى. بۇ » م » ئىسىملىك كىشى داۋاملىق مەھبۇسلارنى ئىشقا ئاچىقىپ كەتكەندە ياستۇق -يوتقانلىرىنى ئاختۇرۇپ كىمنىڭ موما يىغقىنىنى چېقىپ قوياتتى » دېگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ھەر كۈن سەنئەت يۇرتىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدىغان بۇ قېرى ئېتوتچىنى بۈيۈكلەر قاتارغا ئالمايتتى.
بۇ ھەققىدە كېيىن ئابدۇللا تالىپ ،ۋە ئىمىن تۇرسۇن رەھمەتلىكمۇ ئوخشاش ھېكايىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
  
 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئويغان ياۋروپا نامىدىكى 300 كىلومېتىرلىق پىيادە نامايىشى باشلاندى

سە سېنتەبىر 21 , 2021
ئويغان ياۋروپا نامىدىكى 300 كىلومېتىرلىق پىيادە نامايىشى باشلاندى

You May Like