ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنغان « تۈرك دۇنياسى شېئىرلىرى توپلىمى» غا ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى

ئامىنە ۋايىت سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 2-فېۋرال

ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنغان 29 تۈرك دۆلىتىدىكى تاللانغان شائىرلارنىڭ شېئىرلار توپلىمى Buta 6  گە شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت بىلەن ئىستانبۇلدا ياشايدىغان شائىرە ئامىنە ۋايىت / سەدەفنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. 

توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلاردا شائىرلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشى ، ۋەتەنگە ، ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنىشلىرى شۇنداقلا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئازابلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى،  شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت بۇ خىلدىكى توپلامدا ئۇيغۇرلار شائىرلارنىڭمۇ شېئىرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى  ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى  شېئىرى تىلدا ئەدەبىيات دۇنياسىغا بىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . 

«Bura 6 » ئالدىنقى يىلى تۈركىيەدە نەشردىن چىققان «تۈرك دۇنياسى ئەدىبلىرى » دىن  كېيىنكى بۇ ئىككى شائىرنىڭ شېئىرلىرى  ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى چوڭ توپلام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

9- قېتىملىق خانىم-قىزلار ئىلىم چېيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

پە فېۋرال 2 , 2023
9- قېتىملىق خانىم-قىزلار ئىلىم چېيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

You May Like