ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ كەلدى

 ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ كەلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 28-فېۋرال

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بلىنكېن ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ئۈچۈن 28-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىگە يېتىپ كەلگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بلىنكېن بۈگۈن ئاستانە شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن پرېزىدېنت قاسىم توقايېف بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغان. بۇ ھەقتە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختەر تىلەۋبەردى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: « بىلگىنىڭلاردەك، ئامېرىكا قازاقىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئىنتايىن قوللايدۇ.» 

بلىنكېن بۈگۈنكى زىيارىتىدىن كېيىنكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ قازاقىستان بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان موسكۋانىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا قارىماي ئوخشىمىغان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مەدھىيەلىگەن.

«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەت ئالدىنقى ھەپتە ب د ت دا ئېلىپ بېرىلغان رۇسىيەنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلەش ھەققىدىكى بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، تۈركمەنىستان بولسا بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بلىنكېن 1-مارت قازاقىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئۆزبېكىستانغا بارماقچى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ رەھىمە ماھمۇت خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

سە فېۋرال 28 , 2023
ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ رەھىمە ماھمۇت خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

You May Like