‎‏بىزدىكى قەتلىئامنى نورماللاشتۇرۇۋېلىشنىڭ بىر قىسىم ئىپادىلىرى

‎‏بىزدىكى قەتلىئامنى نورماللاشتۇرۇۋېلىشنىڭ بىر قىسىم ئىپادىلىرى

‎‏بىزدىكى قەتلىئامنى نورماللاشتۇرۇۋېلىشنىڭ بىر قىسىم ئىپادىلىرى:

دوكتور مەمتىمىن ئەلا

‎‏1. «ۋەتەندە ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۆلۈپ تۈگىدى. شۇڭا بىر ئىش قىلىشنىڭ ئەمدى ھېچ پايدىسى يوق»؛ 

‎‏2. «خىتاينى ئامېرىكا جايلىمىسا بىكار، شۇڭا بىزنىڭ قارشى تۇرغىنىمىزغا  ھېچ نېمە ئۆزگەرمەيدۇ»؛

‎‏3. «بۇ بالايىئاپەت ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن سىنىقى. ھېچكىم بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھەممىنى ئاللاھقا قويدۇق.»؛ 

‎‏4. «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسىمۇ ئامان قېلىش ئۈچۈن، ئەمدى ھەممە ئىشنى قويۇپ پۈتۈن كۈچىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەشكە قاراتمىساق بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېچ نېمە ئەمدى ئاقمايدۇ»؛ 

‎‏5. «خىتايغا قارشى چىقىۋاتقان تەشكىلاتچى ئەمەت خائىن، مەمەت خائىن. ھازىر ھېچكىمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلغان ياخشى»؛ 

‎‏6. «چەتئەلدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ قالسام، ۋەتەندە ئاتا-ئانىلىرىمغا تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا، ھېچ ئىشقا ئارىلاشمىغىنىم تۈزۈك»؛

‎‏7. «خىتايغا قارشى تۇرۇش مېنىڭلا ۋەزىپەممىدى. باشقىلار قىلسۇن. بۇ ئىشلار بىلەن مېنىڭ ھېچ كارىم يوق». 

‎‏8. دىققەت چېكەرلىكى، بۇ يەردىكى «ھېچ» سۆزى قەتلىئامنى نورماللاشتۇرۇۋېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزىدۇر. بۇ قەتلىئامدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلار ۋە ئۆلتۈرۈلۈدىغانلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئەخلاقىي بۇرچ تۇيغۇسىدا بولماسلىق، ئۇلار ئۈچۈن سۆزلىمەسلىك ۋە ھەرىكەت قىلماسلىق؛

‎‏9. قىسقىسى ئۇلارنىڭ قىرىلىشىنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. «ھېچ» لىك بۇ قارشىلىقتا «مەن» نىڭ يوقلۇقىنى ئىشارىلەيدۇ. ئۇ بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىزلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى ۋە ئاداققى نۇقتىدا باشقىلارنى ۋە تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنى ئالدىشىدىكى باھانىنىڭ رادىكال شەكلىدۇر. 

‎‏10. بۇنداق «ھېچ» نى دەيدىغانلارنىڭ ئارىمىزدا كۆپىيىشى خىتاينىڭ بۇ قەتلىئامدا يېتىدىغان يەنە بىر نىشانىدۇر—قىرغىنچىلىقنى قىرىلىۋاتقانلارغا ئۆزلۈكىدىن قوبۇل قىلغۇزۇش، ئۇنىڭغا قارشى تۇرمىغانلىقىدىن نومۇس ھېس قىلمايدىغان قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق بۇ قەتلىئامغا قارشى تۇرۇۋاتقانلارنى گۇمانغا سېلىش، ئۇلارنى پەيدىن پەي ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىدىن تەبىئىي ۋاز كەچتۈرۈش. ئاخىرى، ھەممىنى غىڭ قىلدۇرماي، سۈكۈتتە يوقىتىش. قەتلىئامنى نورماللاشتۇرۇۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى خەتەرلىكتۇر.

‎‏بۇنىڭغا يېڭىلىش ئېتىراپ قىلىنىدۇ، قارشى تۇرماسلىق ئاقلىنىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ئادالەت تەلەپ قىلىنمايدۇ. (تامام)

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئالىملار بەدەندە زەخمە پەيدا قىلمايدىغان ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق چاشقاندىكى جىگەر راكىنى يوق قىلدى

جۈ ئاپرېل 22 , 2022
ئالىملار بەدەندە زەخمە پەيدا قىلمايدىغان ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق چاشقاندىكى جىگەر راكىنى يوق قىلدى

You May Like