«بىرۇسسېل بىلەن بېيجىڭ توقۇنۇش مۇساپىسىدا، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلماقتا — بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

«بىرۇسسېل بىلەن بېيجىڭ توقۇنۇش مۇساپىسىدا، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلماقتا — بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

(دېر تاگس شپىيگېل)
كىرىستوف فون مارشال مۇلاھىزىسى، 2021- يىلى 23- مارت

 

بېيجىڭ تەنقىدنى رەت قىلدى. بېيجىڭنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلار، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا جازالىنىدۇ. بۇنىڭغا قارشى بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقى مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىر نېمە ئۈچۈن خىتايغا قارشى بۇ توقۇنۇشنى باشلىدى؟ دۇنيا خىتاي ۋىرۇسى كرىزىسى ئاستىدا نالە قىلىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي ئۇرۇش، ھەتتا ھوقۇقتا ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش سۈركىلىشىمۇ ئىمكانسىز بىر ۋەزىيەتكە پېتىپ قالدى. ۋەزىيەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مۇزاكىرىسىنىڭ مەركىزىدە، سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق، لاگېر مەسىلىسى تۇرماقتا.

 

ئانگېلا مېركېل سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاش، دۇنيانىڭ قۇتۇپلاشقان لاگېرلارغا بۆلۈنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. باش مىنىستىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناىسىۋەتنى مانا مۇشۇنداق چۈشەندۈردى. دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق ئۇلارنىڭ ستراتېگىيىسى. ئەمما، بۇنى داۋاملاشتۇرغىلى بولامدۇ؟

 

خىتاي پرېزىدېنتى شى يەنە يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئۆزىنىڭ «تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇش» شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھېچكىم خىتاينى تەنقىدلىمەسلىكى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا جازاغا مەھكۇم بولىدۇ. ئاۋىستىرالىيەنىڭ بېيجىڭغا قويغان تەلىپى شۇكى: خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىن تارقىلىشىدا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىرەر سەۋەنلىكى بار – يوقلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشتۇر. بىراق خىتاي بۇ تەلەپكىمۇ ئىقتىسادىي جازا بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

 

لاگېرلارنىڭ جېدىلىدىمۇ «ئۆگۈنۈش ۋە پراكتىكا مەركىزى» دەپ كۆرسىتىلمەكتە.

 

ھازىر لاگېرلار يەنى خىتاينىڭ غەربىدىكى، مۇسۇلمان ئۇيغۇر مىللەتلىرىنىڭ پراكتىكا ۋە قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جازانىڭ كۈچىيىشىدىكى قوزغاتقۇچ ئامىلدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ سىستېمىلىق دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ مۇلايىم پوزىتسىيە بىلدۈرىۋاتىدۇ. ئۇ لاگېرلارنى قۇرۇشقا، باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشنى چەكلىدى.

 

مۇناسىۋەتلەر قويۇق، بايراقلار بىر – بىرىنىڭ يېنىغا ئېسىلغان، ئۆزئارا ماسلاشقان گۈزەل يىللار ئۆتۈپ كەتتى. بېيجىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، جازالانغان تۆت خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بەدىلىگە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تۆت دۆلەتتىن سايلانغان، تۆت نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى، شۇنداقلا دىپلوماتلارغا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىغا جاز ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بېيجىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل، يېشىللار پارتىيىسىدىن رېينخارد بۇتىكوفېر بار. ئۇ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مەسئۇل كىشىدۇر. بۇ قىيىنچىلىق دەل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشىشنى قوغداش كېلىشىمىنىڭ قايتا تەستىقلىنىشىنى كۈتىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.

 

خىتاي ياۋروپادىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە قارشى بېسىم قىلماقچى

 

بۇنى بىر قانچە جەھەتتىن ئويلىنىشقا بولىدۇ: بېيجىڭ ئېنىقكى دېموكراتىيەگە ھۆرمەت قىلمايدۇ ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئارا ھەمكارلىقىنى تونۇمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان ئاپپاراتلىرى بىلەن، ئەركىن سايلانغان دېموكراتىيە ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق دەپ قارايدۇ. خىتاي ئۆز دۆلىتىدە پىكىر ئەركىنلىكىنى، سۆزلەش ئەركىنلىكىنى قانداق باستۇرۇپ كەلگەن بولسا، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئەينەن تاڭماقچى.

 

ئالدىنقى يىللاردا خىتاي دېموكراتىيە بىلەن بولغان پەرقنى سىستېمىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى. سەۋر قىلىش كېرەكتە. چۈنكى ئۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. «ئېچىلىش ئارقىلىق سىستېما ئۆزگىرىدۇ.» دېيىلدىغان گەپمۇ بار. بىراق بۇ ئىش ئەمدى تۈگىگەن بولدى .

 

ئەمدى سىستېمىلارنىڭ توقۇنۇشى مۇقەررەر بولۇپ قالدى

 

بۇ يەردە شۇنى ئېنىقكى، سىستېمىلارنىڭ توقۇنۇشى شۇ يەردە كۆرۈلىدۇكى، خىتاي ئۆزىنى كۈچلۈك، دەپ قارايدۇ. ئۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى ھوقۇق سىستېمىسىغا بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنمۇ!

 

برۇسسېل بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىنلىك ياۋروپا – خىتاي كېلىشىمى مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 

ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، خىتاينىڭ زومىگەرلىك تەشەببۇسىغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. ئۇلار ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي جەھەتتە، ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپى جەھەتتە بىرلىشەلىسە، ئەلۋەتتە خىتايدىن كۈچلۈك. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئىتتىپاقلىقىنى ئەركىنلىكىنى قوغدىغاندىلا شۇنداق كۈچلۈك بولالايدۇ. ئەگەر كېلەركى قېتىم ئاۋىستىرالىيەدىن ياكى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىدىن، بېيجىڭ جازا ئېلان قىلغانلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمىسىلا …

 

گېرمانچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرەھىمجان

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پروفېسسور ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق تۈركىيە چىگرا بىخەتەرلىك ئاكادېمىيىسى، شەرقى ئاسيا مۇنبىرىدە رايون بىخەتەرلىكى ئامىللىرى توغىرسدا لېكسيە بەردى

سە مارت 30 , 2021
پروفېسسور ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق تۈركىيە چىگرا بىخەتەرلىك ئاكادېمىيىسى، شەرقى ئاسيا مۇنبىرىدە رايون بىخەتەرلىكى ئامىللىرى توغىرسدا لېكسيە بەردى
ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق

You May Like